سابىر بوغدانىڭ تېلېۋىزىيەگە چىقىپ خىتاينى ماختىشى ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى

0:00 / 0:00

3 مىليون ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر جازا لاگېرىغا قامالغان، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئۇچۇر-ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان، ئۇيغۇرلار يوق بولۇپ كېتىش گىردابىغا قاراپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدىكى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئىش ئادەملىرى جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى سابىر بوغدانىڭ 12-ئىيۇل كۈنى ئۇلۇسال قانال تېلېۋىزيەسىدە خىتاينى ماختاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىگە د ئۇ ق باشلىق چەتئەلدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار لەنەت ئوقۇدى.

بۇرۇندىن تارتىپ تۈركىيەدە كوممۇنىستىك ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان «ئۇلۇسال قانال» تېلېۋىزىيەسىنىڭ «يېڭى ئۇفۇقلار» پروگراممىسىغا قاتنىشىپ سۆز قىلغان سابىر بوغدانىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى ماختىشى د ئۇ ق قاتارلىق چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىبىنى قوزغىدى. شۇلە پەرىنچەك خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان مەزكۇر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا سابىر بوغدادىن «تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە نېمە توسالغۇلار بار؟ خىتاي ھۆكۈمىتىگە دېمەكچى بولغان تەكلىپلىرىڭىز بارمۇ؟» دەپ سورغىنىدا، سابىر بوغدا مۇنداق جاۋاب بەردى: «كورونا ۋىرۇسىدىن تۈپەيلى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئائىلىلىرى بىلەن كۆرۈشەلمەيۋاتىدۇ، يۇرتىغا قايتالمايۋاتىدۇ، تىجارەت توختاپ قالدى. شۇڭا بالدۇرراق يولنىڭ ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ھالبۇكى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېقىنلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئۈزۈلۈپ قالغانىدى. تۈركىيەدە ئوقۇپ كەتكەن، تۈركىيەدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار، تۈركىيەگە كېلىپ-كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك لاگېرلارغا تاشلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە. سابىر بوغدا تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى كۆرگەن ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق سابىر بوغداغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشتى. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھاممەت ئەپەندى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن يوق بولۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان بۇنداق بىر پەيتتە «ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىۋالغان بۇنداق بىر كىشىنىڭ خىتاينىڭ دۇمبىقىغا ئۇسسۇل ئوينىشىنى د ئۇ ق نامىدىن قاتتىق ئەيىبلايدىغانلىقى» نى بايان قىلدى.

قىممەتلىك راديو ئاڭلىغۇچىلار سابىر بوغدا تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا سۆزلىگەن ۋاقىتتا، يەنى 12-ئىيۇل كۈنى كەچ سائەت 8دە، ت ۋ نەت قانىلىدا «شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرى» تېمىسىدا تېلېۋىزىيە پروگراممىسى تارقىتىلدى. مەزكۇر پروگراممىدا ئىنسانىي ياردەم ۋەقپى باشقۇرۇش ھەيئىئىتى ئەزاسى مۇرات يىلماز ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى، نوزۇگۇم جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزۇيغۇر خانىم قاتارلىق كىشىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاڭلاتتى. ئۇنداقتا بۇ، «ئۇلۇسال قانال تېلېۋىزيەسى» بۇ پروگراممىسىغا قارشى ئورۇنلاشتۇرۇلدىمۇ؟ ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇنىڭ قەستەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىكەنلىكىنى، سابىر بوغدانىڭ ئۇيغۇر ۋە تۈرك ئاممىسىنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇشى 1985-يىلى باشلانغان. شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى سابىر بوغدانىڭ 1993-يىلى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئوقۇغانلىقىنى، «ئۇيغۇر ئىش ئادەملىرى جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش قىلماي باشقا ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى سابىر بوغدانىڭ تېلېۋىزىيىدە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر كۈنلەرنى پەقەت تىلغا ئالماي، خىتاينى ماختاپلا سۆزلىگەنلىكىدىن قاتتىق نەپرەتلەنگەنلىكىنى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغىمۇ تېلېفون قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھاممەت ئەپەندى 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا سابىر بوغدا قېرىنداشلىرى بىلەن تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەندە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەم پۇلى بىلەن ئوقۇغانلىقىنى. بۇنداق كىشىلەرگە بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

«ئۇلۇسال قانال تېلېۋىزىيەسى»، 1974-يىلى بېيجىڭگگا بېرىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى بىلەن دوستلۇق كېلىشىمى تۈزگەن سابىق ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ، يەنى ھازىرقى «ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ» رەئىسى دوغۇ پەرىنچەكنىڭ تېلېۋىزيەسى بولۇپ، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى زۇۋانى دەپ تونۇلىدۇ.