تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن قوجا ئەپەندى 2-دېكابىر كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ بىئولوگىيىلىك دورا شىركىتى بىلەن 50 مىليون دانە كورونا ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى سېتىۋېلىش ھەققىدە توختامنامە تۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن قوجا باياناتىدا، خىتايدىن سېتىۋېلىنغان ۋاكسىنىنىڭ بىرىنچى تۈركۈمىنىڭ 11-دېكابىر كۈنى يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى، ۋاكسىنىلارنىڭ دەسلەپ تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەجرىبىخانىلىرىدا تەكشۈرۈلۈپ بىخەتەرلىكى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىشلىتىشكە رۇخسەت بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
فاھرەتتىن قوجا يەنە تۈركىيەنىڭ 12-ئاينىڭ ئىچىدە ۋاكسىنا ئەملەشنى باشلايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «12-ئاينىڭ ئىچىدە ئاكتىپ ھالدا ۋاكسىنا ئۇرۇشنى باشلىماقچىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلغان ‹ئىناكتىپ› كورونا ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىدىن 50 مىليون دانە سېتىۋېلىش ھەققىدە كېلىشىمگە قول قويۇلدى. خىتايدىن 12-ئايدا 20 مىليون، 1-ئايدا 20 مىليون، ئىككىنچى ئايدا 10 مىليون ئىمپورت قىلىشنى ئويلاۋاتىمىز».
تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزۈلگەن 50 مىليون دانە ۋاكسىنىنى ئەملەش ياكى ئەملىمەسلىك ھەققىدە جىددىي مۇنازىرىلەر پەيدا بولدى. تۈركىيەدىكى بىر قىسىم داڭلىق سەنئەتچىلەر، سىياسەتچىلەر ۋە خەلق ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋاكسىنىنى ئەملەشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى تەنقىد قىلماقتا.
«ئىيى» يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى 4-دېكابىر كۈنى «يېڭى چاغ» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا ھۆكۈمەتنى «خىتاي مەستانىسى» دەپ تەنقىد قىلىپ مۇنۇلارنى دېگەن: «خىتايدىن كورونا ۋىرۇس ۋاكسىنىسى كېلىدۇ دەۋاتىدۇ. تۈركىيە نېمە ئۈچۈن ھەممىسىنى فايزېر(Pfizer)، بىئونتېك(BionTech) شىركەتلىرىدىن ئالماي، تېخى تولۇق سىناق قىلىپ بولۇنمىغان خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلغان ۋاكسىنىنى ئالىدۇ؟ نېمىشقىدۇر بۇ ھۆكۈمەت خىتاي مەستانىسى! خىتايدىن بۇنداق كۆپ ۋاكسىنىنى سېتىۋېلىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىدىن بۇنى كۆرۈۋالالايمىز؟ نېمىشقا دۇنيادا بۇ ھەقتە ئۆزىنى ئىسپاتلىغان شۇنچە كۆپ داڭلىق شىركەتلەر تۇرسا ئۇلاردىن ئالماي، كىشىلەر ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغان خىتاي شىركىتىدىن قىممەت باھادا ۋاكسىنا سېتىۋالىدۇ؟»
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا فاكۇلتېتى ئاممىۋى ساغلاملىق كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نامەتجان مەمەت ئەپەندى تۈركىيەنىڭ خىتاي ۋاكسىنىسىنى تاللىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ خىتاي ۋاكسىنىسى بىخەتەرمۇ؟ خەلقنىڭ قايسى ۋاكسىنىنى ئۇرغۇزۇش ھەققىدە تاللاش ئەركىنلىكى بارمۇ؟ دېگەن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
ھازىرغىچە دۇنيادا 11 شىركەت كورونا ۋاكسىنىسى ئىشلەپ چىقارغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، نۇرغۇن دۆلەتلەر قايسى دۆلەتنىڭ ۋاكسىنىسىنى خەلقىگە ئەملەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. تۈركىيەمۇ بۇ دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. دوكتور نامەتجان مەمەت ئەپەندى بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن قوجا ئەپەندى خىتاي ۋاكسىنىسىنىڭ 11-دېكابىردا كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا «ئەگەر خىتاي ۋاكسىنىسى بىخەتەر بولسا، نېمە ئۈچۈن بۇ ۋاكسىنىنى دەرھال ئۇرۇشقا باشلىمايدۇ؟» دېگەن گۇمان پەيدا بولدى. نامەتجان ئەپەندى كورونا ۋىرۇسى پەيدا بولغاندىن كېيىن خىتاي ئىشلەپ چىقارغان ماسكا قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ بەزى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئۆلچەمگە توشمىغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا خىتايغا ئىشەنمەسلىك پەيدا بولغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي ئىشلەپ چىقارغان ۋاكسىنىغىمۇ ئىشەنمەيۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە تەجرىبىخانىلىرىدا تەكشۈرۈلگەندە ئۆلچەمگە توشمايدىغان ئەھۋال چىقىپ قالسا، بۇ ۋاكسىنىلارنى ئەملىمەسلىك ئېھتىماللىقىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكتور نامەتجان مەمەت ئەپەندى خىتاي ۋاكسىنىسىنى ھېچكىم بىخەتەر دېيەلمەيدىغانلىقىنى، تۈرك خەلقىنىڭمۇ تاللاش ئەركىنلىكى بارلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە بۇندىن ئىلگىرى تەسىر كۈچى 90 پىرسەنت دەپ باھالانغان «Pfizer» ۋە «BionTech» شىركەتلىرىنىڭ ۋاكسىنىسىدىن بىر مىليون دانە ۋاكسىنا سېتىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. تۈركىيەدىكى داڭلىق دوختۇرلار بۇ ئىككى شىركەتتىن ئالىدىغان ۋاكسىنىنىڭ سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.