دەريا يانىق: «ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنى داۋام قىلىمىز!»

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2023.11.16
Yaxshi-Partiye-reisi-Meral-Aqshener-1

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «ئىيى» (ياخشى) پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 15-نويابىر، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

Kishili-hoquq-komisyon-bashliqi-derya-yaniq-1

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى پارلامېنت ئەزاسى، سابىق تۈركىيە ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرى دەريا يانىق خانىم بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 15-نويابىر، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

Parlament-Ezasi-Selchuq-Ozdagh-2

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى تۈركىيە سائادەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا باشلىقى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 15-نويابىر، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

Parlament-Eazsi-Mehmet-Mustafa-Gurban-3

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت مۇستافا گۈربان ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 15-نويابىر، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

Parlament-ezasi-Qani-Torun-4

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى قانى تورۇن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 15-نويابىر، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

Parlament-ezasi-Serwet-Mullaoghlu-5

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سەرۋەت مۇللائوغلۇ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 15-نويابىر، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

Parlament-ezasi-Adem-Yildirim.jpg

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى تۈركىيە «ئاق» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئادەم يىلدىرىم ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 15-نويابىر، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، سابىق تۈركىيە ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرى دەريا يانىق(Derya Yanik) خانىم ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىلەرنى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى. ئۇ: «ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ھەر يەردە قوغداشنى داۋام قىلىمىز» دېدى. شۇنىڭدەك بۇ سۆزىنى ئۇلار بىلەن چۈشكەن سۈرەتكە قوشۇپ X ئارقىلىقمۇ تارقاتتى.

ئۇچرىشىشتا بۇ ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى» قۇرۇشى، دوكلاتلارنى تەييارلاپ تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇشى، تۈركىيەدىكى ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقە ئورنىتالمىغان ئۇيغۇرلارنى ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشىنى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىگە ئوخشاش تۈركىيە پارلامېنتىنىڭمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپ چىقىرىلغان تاۋارلارنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىنى چەكلىشى قاتارلىق بىر قاتار تەلەپلەرنى سۇنغان.

مەزكۇر ھەيئەت 15-نويابىر كۈنىدىكى بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن يەنە تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «ئىيى» (ياخشى) پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم، تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، «ئاق» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئادەم يىلدىرىم ئەپەندى، سائادەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا باشلىقى سەلچۇق ئۆزداغ، پارلامېنت ئەزاسى ئاييۈجە تۈركەش تاش، پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت مۇستافا گۈربان، «كېلەچەك» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى قانى تورۇن ئەپەندى ۋە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سەرۋەت مۇللائوغلۇ قاتارلىقلاردىن بولۇپ 10 نەچچە پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇچرىشىشتا مەزكۇر ھەيئەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ قاتاردا تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان قارار لايىھەسىنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلغان. پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ ساھەدە قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

ئون نەچچە پارلامېنت ئەزاسى ۋە پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن كېيىن بىز ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆپ قېتىم تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، ھاكىمىيەتتىكى پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بولسۇن ياكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئۆزلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقى، شۇنداقلا دوكلاتلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىگە پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ پارلامېنتتا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تارماق كومىتېتى بولغان ئىسلام ۋەھىمىسى كومىتېتىغا دوكلات سۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2015-يىلىدىن كېيىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا-تىجارەت، پۇل مۇئامىلە ۋە دىپلوماتىك كېلىشىملەرنىڭ تۈزۈلۈشى، تۈركىيەدىكى پۇل پاخاللىقى، ئىشسىزلىقنىڭ ئېشىپ مېڭىشى، شۇنىڭدەك يېقىندا مەيدانغا كەلگەن مال باھاسىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق ئۆسۈپ كېتىشى قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەيدانىمۇ ئۆزگەرگەن ئىدى. لېكىن تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «ئىيى» پارتىيەسى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» مەسىلىسىنى داۋاملىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم ئۇيغۇر ھەيئەتنى قوبۇل قىلغاندا بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

2017-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەئىسلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا ئىشتىراك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى مەھمەت ئېلى ئەپەندى بۇ قېتىم 10 ئەتراپىدا پارلامېنت ئەزاسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشنىڭ بۇرۇنقىدىن بىر چوڭ پەرقى بۇ قېتىم ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆپلۈكى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مۇدىرى روشەن ئابباس خانىم بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى 2018-يىلىدىن بۇيان تۈركىيە پارلامېنتىدا جەمئىي ئۈچ قېتىم مۇشۇ خىلدىكى ئۇچرىشىشقا ئىشتىراك قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.