پارلامېنت ئەزاسى ئۈمىت ئۆزداغ: «بېيجىڭنىڭ بۇ رەھىمسىز قىلمىشىنى توختىتىشنىڭ پەيتى كەلدى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2021-02-25
Share
پارلامېنت ئەزاسى ئۈمىت ئۆزداغ: «بېيجىڭنىڭ بۇ رەھىمسىز قىلمىشىنى توختىتىشنىڭ پەيتى كەلدى» تۈركىيە «ئىي» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئۈمىت ئۆزداغ ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
Social Media

تۈركىيە «ئىي» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئۈمىت ئۆزداغ بىر قانچە كۈندىن بۇيان خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا جەم بولۇپ،» ئائىلەم قەيەردە «دېگەن شۇئار بىلەن نارازىلىق نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئىزچىل داۋام قىلماقتا.

بىر قانچە يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمىغان نامايىشچىلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئاقىۋەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىپ، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسنى بۇ ھەقتە جاۋاپ بېرىشكە قىستىماقتا. گەرچە تۈرك ساقچىلار ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى خىتاي كونسۇلخانىسىغا يېقىنلاپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسىغا يېقىن جايدىكى دېڭىز بويىدا نارازىلىق نامايىشىنى داۋام قىلماقتا.

نامايىشچلار قوللىرىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا «زالىم خىتاي، ئائىلەم قەيەردە» دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل شۇئارلار توۋلىماقتا.

2‏-ئاينىڭ25 ‏-كۈنى تۈركىيە «ئىي» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئۈمىت ئۆزداغ، ژۇرنالىست مەرۋە شەبنەم ئورچ، «ئاكت» تېلېۋىزىيەسىنىڭ رىياسەتچىسى خالىس ئۆزدېمىر قاتارلىقلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى. پارلامېنت ئەزاسى ئۈمىت ئۆزداغ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بېيجىڭنىڭ بۇ رەھىمسىز قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىشنىڭ پەيتى كەلدى.»

ئۈمىت ئۆزداغ ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي 21‏-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا 20‏-ئەسىرنىڭ قاراڭغۇ زۇلىمەتلىرىدە قالغان ناسىسىتلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قايتىدىن سەھنىگە ئېلىپ چىقىۋاتىدۇ. قەدىمىي تۈرك يۇرتى بولغان شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئاستىدا ھەقسىزلىق، ئادالەتسىزلىك ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىماقتا. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈركلۈك خاراكتېرىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ كەلدى. ئۇلار 21-ئەسىردە، 22-ئەسىردە ھەتتاتاكى قىيامەت قايىم بولغىچە ئۆز ۋەتەنلىرىنى قوغداشقا تىرىشىدۇ، خىتايگەرچە ئۇلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن شۇنچە ئېغىر بېسىم قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار پۈتكۈل بېسىملارغا قارشى تىك تۇرماقتا. ئەگەر بېيجىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، بۈيۈك تۈرك دۇنياسىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىشنى خالىمىسا، ئۇ چاغدا شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ رەھىمسىز قىلمىشلىرىنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك.»

دادىسى بىلەن 7 يىلدىن بۇيان كۆرۈشەلمىگەن ۋە ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالالمىغان 10 ياشلىق پاتىمە ئىمىن، ئانىسى ئىلمىنۇر ئىمىن بىلەن بۇ نامايىشقا قاتنىشىۋاتىقان بولۇپ، ئۇ: «ماڭا ئوخشاش دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بالىلار ئۈمىد كۈتىۋاتىدۇ،» دېدى.

پاتىمە يەنە مۇنداق دېدى: «تۈركىيەگە 3 ياش ۋاقتىمدا كەلدىم، ئەمما خىتايلارنىڭ سەۋەبىدىن 7 يىلدىن بۇيان دادامنى كۆرەلمىدىم، دادامدىن ھېچ قانداق خەۋەر يوق.»

پاتىمەنىڭ ئانىسى ئىلمىنۇر ئىمىن 2014‏-يىلىدىن كېيىن يولدىشى، دادىسى ۋە ھەدىسى بىلەن ھېچ كۆرۈشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۆت يىلدىن بۇيان ئانىسىدىن خەۋەر ئالالمىغان يەنە بىر پائالىيەتچى ئاخباراتلارغا سۆز قىلىپ:» مەن بۇ يەردىن پۈتكۈل ئىنسانلارغا نىدا قىلىمەن. سەمىمىي ئىنسانلار ماڭا قۇلاق سالسۇن، چۈنكى بۇ كىچىك بىر مەسىلە ئەمەس، بەلكى يوق بولۇش ئالدىدىكى بىر مىللەتنىڭ مەسىلىسىدۇر،» دېدى.

ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشنىڭ قانداق تەسىر ۋە ئۆنۈمى بولىۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە بىز نامايىشقا ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقان ئىقتىساد شۇناس دوكتۇر بۇرھان ئۇلۇغيول ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتۇر بۇرھان ئۇلۇغيول ئەپەندى بۇ نامايىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىدەك ئچىنىشلىق رېئاللىققا خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتۇر بۇرھان مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ زۇلۇمىنى ‹ئىرقىي قىرغىچىلىق› دەپ تونۇپ يەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بۇنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ تۇنۇشى ئۈچۈن چوقۇم كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. بىز مەيدانلارغا تۆكۈلۈپ خىتاينىڭ زالىملىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك، دەپ قارايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى، خىتاي زۇلۇمىنى دۇنياغا پاش قىلىش ئارقىلىق ۋەتىنىمىزدىكى خەلقنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

بۈگۈنكى پائالىيەتكە تۈركىيەنىڭ دېمۇرىرەن خەۋەر ئاگېنتلىقى، TRT ‏(تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە قانىلى) ۋە بىر قانچە چەت ئەل ئاخباراتلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ كەلگەن بولۇپ، نامايىش توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت