قاھرامانماراش ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2019.04.22

22-ئاپرېل كۈنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان قاھرامانماراش ۋىلايىتىدىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
قاھرامانماراش ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى مەمدۇخ ئاتالاي ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان دوكلات بېرىش يىغىنىدا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دىنىي بىلىملەر كەسپى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئالىم بوغدا ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» تېمىسىدا، تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسىدا ئىشلەۋاتقان مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بولسا «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرى» تېمىسىدا دوكلات بەردى.
مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بىلەن دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندىلەر سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىدا بەرگەن دوكلاتلىرىدا، نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىنى بايان قىلغان.
دوكتور ئالىم بوغدا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋە بەزى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
22-ئاپرېل كۈنى قاھرامانماراش شەھىرىدىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا سۆزلىگەن مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخى، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى، ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقى، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
يىغىننى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. بۇ يىغىندا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىم بوغدا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن نۇقتىلىق ھالدا ھازىرقى «جازا لاگېرلىرى» توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.
سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كۆپ ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئابدۇلخەمىت ياسىن ئەپەندى دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىپ ئاڭلىغانلىقىنى يىغىن ئاخىرىدا ئارقا-ئارقىدىن سوئاللار سورىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركلەر ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتا يۇرتى دەپ بىلگەچكە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئىككى يىل ئىچىدە سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىدا 20 قېتىمدەك ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك قاتنىشىپ سۆزلىگەن ئالىم بوغدا ئەپەندى بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ جامائەت پىكرى توپلاشتا كۆپ پايدىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.