مۇتەخەسسىسلەر: ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-06-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئاقسارايدا. 2017-يىلى 16-ماي، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئاقسارايدا. 2017-يىلى 16-ماي، ۋاشىنگتون.
AFP

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققىتى كۈچىيىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي تۈركىيە بازىرىغا كىرىشكە تىرىشماقتا. تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان «ستار گېزىتى» نىڭ 12-ئىيۇن كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي مۇتەخەسسىسى گۇۋاڭ يۇ: تۈركىيە ئامېرىكادىن F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئورنىغا خىتايدىن J-31 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ۋە رۇسىيەدىن Su-57 ئايروپىلانىنى سېتىۋالالايدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىدە، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى تۈركىيەگە سېتىپ بەرمىسە، تۈركىيەنىڭ خىتايدىن J-31 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىشنى ئويلاۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەلۇم بولغىنىدەك ئۆتكەندە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ خۇئاۋېي شىركىتىگە قارىتا چەكلىمە قويۇش ھەققىدە قارار چىقارغانىدى. مەزكۇر قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى كېچىكتۈرۈلگەن بولسىمۇ گۇگۇل، ئارم، ئىنتېلگە ئوخشاش تور شىركەتلىرى خۇئاۋېي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن ئىدى. ھەتتا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان فېيسبۇك شىركىتىمۇ خۇئاۋېي شىركىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن. مەلۇم بولغىنىدەك خۇئاۋېي ئۆزىنىڭ تور سىستېمىسى بىلەنمۇ ئىشلەيدۇ. «ستار گېزىتى» نىڭ 12-ئىيۇن كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا خىتاي خۇئاۋېي يانفونىنى تۈركىيەدە خىتاينىڭ «مېڭلوڭ» ماركىلىق تور سىستېمىسى بىلەن ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن تۈركىيەگە ئىلتىماس قىلغان. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا خىتاي تۈركىيەدە بىر مىليون خۇئاۋېي تېلېفونى سېتىش پىلانىنى تۈزمەكتە ئىكەن.

مەلۇمكى، تۈركلەر ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ كېيىنكى يىللىرىدىن باشلاپ غەربلىشىش يولىغا ماڭغان بىر دۆلەت شۇنداقلا 1957-يىلىدىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا. 

تۈركىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، يەنى 1952-يىلى «ناتو» (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) غا ئەزا بولدى. تۈركىيەنىڭ گەرچە غەرب ئەللىرى بىلەن بەزىبىر كېلىشەلمىگەن مەسىلىلىرى مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما «ناتو») شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى( مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمى بويىچە «ناتو» غا ئەزا دۆلەتلەردىن قورال-ياراق سېتىۋېلىشى كېرەك ئىكەن. شۇڭا تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن C-400 تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىش قارارىغا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھۆكۈمىتى قاتتىق قارشى چىققان. ئەگەر تۈركىيە رۇسىيەدىن مەزكۇر سىستېمىنى سېتىۋېلىش قارارىدىن ۋاز كەچمىسە تۈركىيەگە F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سېتىپ بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. 

ئۇنداقتا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت ئۇرۇشى ۋە ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىشىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە زادى قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ 

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئامېرىكانىڭ F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن خىتاي ئىشلەپ چىقارغان J-31 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ، ئوبزورچىلارنىڭ بۇ ھەقتە بەزى مەلۇماتلارنى يېزىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنى خىتايدىن ئالىدىغان-ئالمايدىغانلىقى ھەققىدە تۈرك ئارمىيىسى قوماندانلىقىنىڭ قارار بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. 

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ خۇئاۋېي شىركىتىنىڭ 20 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كەسكىنلىشىپ كەتسە، تۈركىيەنىڭ خۇئاۋېي شىركىتىنىڭ سىستېمىسىنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىۋېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايان قىلدى. 

مەلۇم بولغىنىدەك تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خامى ئاقسوي ئەپەندى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى بايانات بېرىپ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنىدى. 2-ئاينىڭ 26-كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە خىتاينى جازا لاگېرلىرىنى دەرھال ئېتىۋېتىشكە چاقىردى. شۇنىڭدىن كېيىنلا تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىشكە قاراپ ماڭدى. بىراق، يېقىندىن بۇيان بولسا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئۆزئارا يېقىنلىشىشقا باشلىدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى راستىنىلا شۇنداق بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ قىسقا مۇددەتتە ياخشىلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ ئۇزۇن مۇددەتتە دېگەندەك ياخشى بولالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. 

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئىقتىسادشۇناس مەمەت ئونسۇ ئەپەندى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىق تۈزەلمەي تۇرۇپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ راۋان بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. 

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا يېقىنلىشىش تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەل بولماي تۇرۇپ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلانمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت