تۈركىيەدىكى 4 پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.11.12
turkiye-rehber-uyghur-rehmber.jpg تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت كامىل ئەرئوزان ئەپەندى د ئۇ ق ھەمدە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن. 2020-يىلى 11-نويابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە دەۋا پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىقلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەمدە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىنى ئەنقەرەدىكى پارتىيە مەركەزلىرىدە قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ ئېغىر ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن قوللىرىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار ماقۇللىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلىشتى.

11-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم، تاشقى مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل خادىمى جۇلىيا مىللساپ خانىم، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋەكىلى مەمەت ئېلى ئەپەندىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كامىل ئايدىن ئەپەندى، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت كامىل ئەرئوزان ئەپەندى، دەۋا پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇراخمان بىلگىچ ئەپەندى ھەمدە شۇ كۈنى ئاخشىمى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەسى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىۇڭ رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلۇ قاتارلىق پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلار كۆرۈشۈشتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يۇقىرىقى پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئېغىر ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ۋە تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش، جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتىدا قارار ماقۇللىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىشتى.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلۇ پارتىيەسىنىڭ باشقا رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ھەيئىتىنى قوبۇل قىلغاندا سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى بىلىمىز، بۇنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز، خەلقئارا سورۇنلاردىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. 21-ئەسىردە ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆز بايرىقى ئاستىدا ئەركىن ياشاشنى خالايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئەركىن ياشاش ھوقۇقى بار.»

ئۇچرىشىش ئاخىرىدا مىكروفونىمىزنى دەۋا پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇراخمان بىلگىچ ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق. ئۇ دەۋا پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز دەۋا پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان پوزىتسىيەمىز ئېنىق. پارتىيە رەئىسىمىز ۋە باشقا رەھبەرلەر ھەر خىل سورۇنلاردا بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈپ كەلدى. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنى ئىگە-چاقىسىز ھېس قىلماسلىقى كېرەك. بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىمىز. چۈنكى بۇ ئىنسانىي بىر مەسىلە. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن قەدىمدىن تارتىپ كۈچلۈك مۇناسىۋىتىمىز بار. بىز يېڭى قۇرۇلغان بىر پارتىيە. بىز قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان تۈزۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىمىز.»

ئارقىدىن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت كامال ئەرئوزان ئەپەندى بىلەن پارتىيە مەركىزىدە ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلدى. ئەخمەت كامال ئەرئوزان ئەپەندى ئۇچرىشىشتا سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرىمىز. بۈگۈن ئۇزاق دىياردىن بىز بىلەن ئۇچرىشىشقا كەلگەن روشەن خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەتكە رەھمەت ئېيتىمىز. پارتىيىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بەرگەن ئەھمىيىتىنى قايتا سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بۈگۈن پارتىيەمىزنىڭ رەئىسى يەنە پارلامېنتتا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى بىز بۇ دەۋانىڭ ئىگىسى ھېسابلىنىمىز. بىز بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋام قىلىمىز. ئەگەر سايلامدا ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرسەك، خىتاي دۆلىتى بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ھەل قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدەيمىز.»

د ئۇ ق ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەھبەرلىرىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنىڭ 11-نويابىر كۈنى دەۋا پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ۋە «ئىيى» پارتىيەسى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز ئۇيغۇر ھەيئىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىر-قاراشلىرىنى سورىدۇق.

روشەن ئابباس خانىم ئۆزىنىڭ تۈركىيەدىكى ھەر قايسى پارتىيە رەھبەرلىرىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەندىن سىرت، يەنە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇر ھەيئەت ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرگە قارىتا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرگەن پوزىتسىيەسى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردى.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بۇندىن 97 يىل بۇرۇن قۇرۇلغان پارتىيە بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئوڭچى پارتىيەلەردەك كۆڭۈل بۆلمەيتتى. يېقىندىن بۇيان بۇ پارتىيەمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. 11-نويابىر كۈنى كەچقۇرۇن مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلۇ ۋە پارتىيەنىڭ باشقا رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ھەيئىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. روشەن ئابباس خانىم بۇ ئۇچرىشىش توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردى.

11-نويابىر كۈنى 4 پارتىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىز د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇ خىل ئۇچرىشىشلارنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىدا4 پارتىيە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى پارلامېنتتىكى 2 ئۆكتىچى پارتىيە تەرىپىدىن داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.