ئۆز ۋەتىنىدىن يىراق ئاناتولۇدا مېھرى-شەپقەت تاپقان 20 ئۇيغۇر مۇساپىر بالىنىڭ ھېكايىسى
2021.09.18

2000-يىللارنىڭ ئاخىرى، بولۇپمۇ 2013-2014-يىللاردىن باشلاپ نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇساپىرلار تايلاند قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە باشقا ئەللەر ئارقىلىق ئارقىمۇ-ئارقىدىن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلىشىشكە باشلىدى. ھەتتا تايلاند دائىرىلىرى تۈركىيەگە كېتىش ئۈچۈن تايلاندقا قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ سولاپ، بىر قېتىمدىلا ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ ساندىكى بالىلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ تۈركىيەگە يولغا سېلىۋەتكەنىدى. نۆۋەتتە، ئىستانبۇل ۋە باشقا شەھەرلەردە خېلى كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىسىز ئۇيغۇر بالىلىرى ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرى 2017-يىلىنىڭ بېشىدىن تارتىپ خىتاينىڭ بېسىم ئىشلىتىشى بىلەن مىسىر دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە باشلىغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر بالىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىسىردىن تۈركىيەگە قېچىپ كېلىپ پاناھلىنىشى يۈز بەردى. ئەنە شۇ قېتىم مىسىردىن قېچىپ كەلگەنلەر ئىچىدىن 20 نەپەر بالا ئىستانبۇلدا ئاتا-ئانىسىز ۋە ھېچقانداق ياردەمسىز ھالدا بىرمەزگىل تۇرغاندىن كېيىن تۇرمۇشىنى قامدىيالماي، 2017-يىلى 9-ئايدا تۈركىيەنىڭ بۇرسا ۋىلايىتى گەملىك ناھىيەسى ئۇمرۇبەي يېزىسىغا بېرىپ، كونا يىقىلىپ چۈشەي دەپ قالغان بىر ئۆيدە ياشاشقا باشلىغان. ئىستانبۇلدەك قىممەتچىلىك قاپلىغان، ھايات ئۆتكۈزۈش مۈشكۈل شەھەردە بۇ ئۇيغۇر مۇساپىر بالىلىرى ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ھېچ ياردەمسىز، تايانچسىز قالغان. ئەڭ كىچىكى 5 ياش، چوڭى 15 ياش بولغان بۇ بالىلار ئۆز ئالدىغا قانداقمۇ مۇستەقىل ھالدا نورمال تۇرمۇش كەچۈرەلىسۇن؟ ئەمما، ئاتا-ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا، ئېتىپ بەرگەن تاماقلىرىنى يەپ، ئىسسىق ئۆيلەردە، ئىللىق ئاتا-ئانا مېھرى مۇھەببىتىدە ھايات كەچۈرۈش مۇمكىنچىلىكىدىن ئايرىلغان بۇ 20 نەپەر ئۇيغۇر بالا ھاياتلىق يولى ئىزدەپ گەملىك ناھىيەسىنىڭ ئۇمرۇبەي يېزىسىنىڭ مەسچىتىگە نامازغا بارغاندا ھاجى ئەردال تۇنالى ناملىق بىر كىشى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھاياتى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن. ئۇلار ھەقىقىي ئىنسانلىق مېھرى-مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن.
ساخاۋەتچى ھاجى ئەردال تۇنالى ئەپەندى 20 نەپەر ئۇيغۇر بالىنىڭ 3 ۋاقىت تامىقىنى قىلىپ، كىرىنى يۇيۇپ، مەكتەپتە ئوقۇتقان. ھەتتا بۇلار ئۈچۈن مەخسۇس 20 كىشىلىك كىچىك ئاپتوبۇس ئېلىپ مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكېلىپ ئوقۇتقان. بۇ بالىلارنىڭ 9 نەپىرى بۇ يىل ئۇنىۋېرسىتېت ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، تۈركىيەنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا ئۆتكەن. قالغان 11 نەپەر ئۇيغۇر بالا ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، بەزىلىرى ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئۇنىۋېرسىتېت ئىمتىھانىغا كىرىدىكەن. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ساخاۋەتچى ھاجى ئەردال تۇنالى ئەپەندى ۋە بۇ يېزىغا بېرىپ تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلىگەن تۈركىستان تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرى مۇھەممەت ئېلىي ئاتايۇرت ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ھاجى ئەردال تۇنالى ئالدى بىلەن ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈپ مۇنداق دېدى: «ئىسمىم ئەردال تۇنالى، 1945-يىلى 2-ئايدا بۇرسانىڭ گەملىك ناھىيەسىدە تۇغۇلدۇم. بىز ئەسلىدە مۇھاجىر، يەنى دادام بۇلغارىيەلىك، ئانام گىرېتسىيەدىن كەلگەن كۆچمەن. بىز 3 بالا، مەن 7 ياش ۋاقتىمدا يېتىم قالغان».
«گەملىككە كەلگەن 20 ئۇيغۇر بالا بىلەن قانداق تونۇشقان ئىدىڭىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ بالىلار مىسىر دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە باشلىغاندا، مىسىردىن ئىستانبۇلغا كېلىپتۇ. ئىستانبۇلدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، ئىستانبۇل 16 مىليون نوپۇسقا ئىگە، چوڭ بىر شەھەر بولغاچقا بۇ بالىلار ياتىدىغان يەرلىرى يوق، بىز بۇ يەردىن كېتەيلى دەپ دەپ ئويلاپ بۇرسا شەھىرىگە كەپتۇ. بۇرسادا ئىجارىگە ئېلىش ئۈچۈن ئۆي ئىزدەپتۇ، بۇلار 20 كىشى بولغاچقا ھېچكىم ئۆي ئىجارىگە بەرمەپتۇ. بەزىلەر سىلەر گەملىك ناھىيەسىگە بارساڭلار ئۆي تاپالايسىلەر دەپتۇ. بۇلارنىڭ سانى كۆپ بولغاچقا گەملىكتىمۇ ھېچكىم ئۆي ئىجارە بەرمەپتۇ. ئايلىنىپ بىزنىڭ ئۇمرۇبەي يېزىسىغا كېلىپ، بۇ يېزىدا، ئىچىدە ھېچنېمە يوق، دەرىزىلىرى چېقىلىپ كەتكەن كونا بىر ئۆيگە چۈشۈپتۇ. ئارقىدىن ناماز ئوقۇش ئۈچۈن بىزنىڭ يېزىنىڭ مەسچىتىگە كەلگەندە ئۇلار مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى».
ھاجى ئەردال تۇنالى ئەپەندى مەسچىتكە نامازغا كەلگەن ئۇيغۇر بالىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولغاچقا بەكلا ئىچى ئاغرىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «‹سىلەر قەيەرلىك؟› دەپ سورىغىنىمدا ئۇلار: ‹بىز شەرقىي تۈركىستانلىق› دەپ جاۋاب بېرىشىگە ئۇلار مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى. چۈنكى مەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار ئىدىم. مەن ئۇلار بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئۇلار تۇرۇۋاتقان ئۆيگە باردىم. ئۆيدە ھېچنېمە يوق ئىكەن، 20 بالا قاتتىق يەردە يېتىپ ئۇخلايدىكەن. ئۇلار ئۈستىدە بىر يۈرۈش كىيىم، قوللىرىدا كىچىك بىر سومكا بىلەن كەلگەنىكەن. بۇلارنى كۆرۈپ بەكلا ئىچىم ئاغرىدى، خۇدايىم ھېچقانداق بەندىسىنى بۇنداق بىر كۈنگە قويمىسۇن، دېدىم. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا مۇساپىر بولۇش بەكلا قىيىن. مەن بۇلارنى كۆرۈپ، بىر كۈن ئىچىدە ئۆي جابدۇقلىرى، يوتقان، ياستۇق ۋە قاچا-قۇچىلارنى ئېلىپ بەردىم. ئۇلار 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى كەلگەنىدى. ھاۋامۇ سويۇشقا باشلاندى. بىر ئېغىزلىق ئۆيدە 20 ئادەم ياتىدۇ. مۇنچىغا چۈشىدىغان يېرىمۇ يوق، مۇنچىغا چۈشەلمىگەچكە ئۆينىڭ ئىچى پۇراپ كېتىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا مۇزلاتقۇ، كىرئالغۇ ۋە توك ئوچىقى قاتارلىقلارنىمۇ ئېلىپ بەردۇق. قىش كېلىشى بىلەن بۇ بىر ئېغىزلىق ئۆي تېخىمۇ بەك سوغۇق بولۇپ كەتتى. بۇلار توڭلاپ كەتمىسۇن دەپ، مەسچىتنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇردۇم. ئۇ يەردىمۇ مۇنچا بولمىغاچقا بالىلار مۇنچىغا چۈشەلمىگەچكە مەسچىتمۇ پۇراپ كەتتى. مەن بۇ 20 بالىنى بۇرسا شەھىرىگە ئاپىرىپ مۇنچىغا چۈشۈرۈپ كەلدىم. كېيىن مەسچىتنىڭ ۋەخپىسىنىڭ ياتاقخانىسىنى يېڭىدىن ياساپ، مەزكۇر ياتاقخانىغا كارىۋات ئالدۇق، مۇنچا ۋە ئاشخانا سالدۇق، شۇنىڭ بىلەن 4 ئاي ئىچىدە بۇ 20 ئۇيغۇر بالىنىڭ مەسىلىسى ھەل بولغان بولدى».
ھاجى ئەردال تۇنالى ئەپەندى بۇ 20 ئۇيغۇر بالىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكېلىش ئۈچۈن ماشىنا ئالغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكېلىش ئۈچۈن ئىككى ساخاۋەتچى دوستىمىز كىچىك ئاپتوبۇس ئېلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ 20 ئۇيغۇر بالىنىڭ قىيىنچىلىقى پۈتۈنلەي ھەل بولغان بولدى».
ھاجى ئەردال تۇنالى ئەپەندى ئۆزى تاماق قىلىشنى بىلمىسىمۇ توردىن تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىپ 20 بالىغا 4 يىلدىن بۇيان 3 ۋاق تاماق ئېتىپ بەرگەن. ئۇ، بۇ بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا بەك ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، بۇ يىل 9 نەپەر ياش تۈركىيەنىڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا ئۆتكەن. ئۇ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ 20 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىدى. بۇ يىل 9 ئوقۇغۇچى ئۇنىۋېرسىتېتقا ئۆتتى، 11 ئوقۇغۇچى قالدى. ھازىر مەن ئۇلارنى ئوقۇتۇۋاتىمەن. ئىستانبۇلدىن يەنە ئۇيغۇر بالىلارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ ئوقۇتماقچىمەن.»
لېكىن ئۇ، بۇ 20 بالىنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ قوبۇل قىلمىدى. ساخاۋەتچى ھاجى ئەردال تۇنالى ئەپەندى تۇرۇۋاتقان ئۇمرۇبەي يېزىسىغا بېرىپ تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلىگەن تۈركىستان تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرى مۇھەممەت ئېلى ئاتايۇرت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھاجى ئەردال تۇنالى ئەپەندى پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ ئۇيغۇر بالىلارنى ئوقۇتۇۋاتقانلىقىنى، بۇ 20 ئۇيغۇر بالىنىڭمۇ ئۆرنەك ئۇيغۇر بولۇپ يېتىشىپ، يېزا خەلقىنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.
2017-يىلىدىكى مىسىر ئىيۇل چوڭ تۇتقۇنىدا، خىتاي پاسپورتى بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى نىشان قىلىنغانىدى. ئەنە شۇ تۇتقۇندا بىرقىسىم ئاياللار، بالىلار تۈركىيەگە كېلىۋالغان. لېكىن بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى تۇتقۇنغا ئۇچرىغان. بۇلاردىن باشقا ئىستانبۇل قاتارلىق جايلاردا يەنە كۆپلىگەن ئۇيغۇر بالىلىرى ئاتا-ئانىسىز، ياكى ئاتىسىز ياشىماقتا. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ياكى دادىسى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولىنىپ، تۈركىيەدىكى پەرزەنتلىرى، ئائىلىسى بىلەن بىرلىشەلمىگەن. بۇ بالىلار، ئاياللارمۇ ھەرخىل ياردەملەرگە موھتاج بولماقتا.