خىتاي باش كونسۇلىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان ئىستانبۇل شەھەر باشلىقىنى تۇنجى بولۇپ زىيارەت قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا
2019.04.22

22-ئاپرېل كۈنى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جۇ ۋېي يېڭىدىن سايلانغان ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ باشلىقى ئەكرەم ئىمامئوغلۇنىڭ ئىشخانىسىغا كېلىپ، ئۇنى تۇنجى بولۇپ تەبرىكلىگەن.
خىتاي كونسۇلى جۇ ۋېي زىيارەت جەريانىدا ئىستانبۇل بىلەن شاڭخەينىڭ «قېرىنداش شەھەر» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
جۇ ۋېي خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى سىياسىي، تىجارىي، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياخشى كېتىپ بارغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ مۇناسىۋەتلەردە ئىستانبۇلنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئەكرەم ئىمامئوغلۇ ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلىنىڭ تۇنجى بولۇپ ئۆزىنى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە تەبرىكلىگەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئەكرەم ئىمامئوغلۇ بىلەن خىتاي كونسۇلى جۇ ۋېينىڭ دەسلەپكى 5 مىنۇتلۇق سۆھبىتى مۇخبىرلارغا ئوچۇق بولغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى 25 مىنۇتلۇق سۆھبىتى مۇخبىرلارغا يېپىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان.
ئەكرەم ئىمامئوغلۇ يېڭىدىن شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلىنىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلى جۇ ۋېي ئۇنى تەبرىكلىگەن تۇنجى چەتئەل دىپلوماتى ئىكەن.
31-مارت كۈنى تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلغان يەرلىك شەھەر باشلىقلىرى سايلىمىدا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ نامزاتى ئەكرەم ئىمامئوغلۇ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى بىنالى يىلدىرىمنى 12 مىڭدىن كۆپ ئاۋاز بىلەن يېڭىپ، ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان.
بۇنىڭغا قارىتا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى سايلىمىنى بىكار قىلىپ، قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەمما بۇ تەلەپكە قارىتا ئالىي دەرىجىلىك سايلام كومىتېتى تېخى بىرەر قارار چىقارمىدى.
س ن ن تۈرك قانىلىنىڭ 22-ئاپرېل كۈنىدىكى خەۋىرىدىمۇ ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى سايلىمىدىكى بۇ جىدەل-ماجرالار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلدى.
ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلىنىڭ ئىستانبۇلغا يېڭىدىن شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان ئەكرەم ئىمامئوغلۇنى بۇنچىلىك تېز ۋاقىت ئىچىدە ئالدىراپ زىيارەت قىلىشىدىكى مەقسەت زادى نېمە؟ بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە نېمىلەر يوشۇرۇنغان؟ خىتاي كونسۇلىنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلارغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بارمۇ-يوق؟
ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى تۈركىيەدىكى سول پارتىيىدىن سايلانغان بىر كىشى بولدى. خىتاي ئۆزلىرىنى سوتسىيالىستىك دۆلەت دەپ قارايدىغانلىقى ئۈچۈن، يېقىنچىلىق بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، تەبرىكلەشكە ئالدىرىغان بولسا كېرەك. ئىككىنچى سەۋەب بولسا خىتاي بۇ شەھەر باشلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئالدىن سىگنال بېرىۋاتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن قارىغاندا، خىتاي ھەر ساھەدە ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.»
دوكتور ئەركىن ئەكرەم «خىتاي كونسۇلىنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلارغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بارمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا «بۇنىڭ ئېھتىمالى زور» دەپ جاۋاب بەردى.
ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلى ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ نامزاتى ئەكرەم ئىمامئوغلۇنى تۇنجى بولۇپ تەبرىكلەپ بېرىپتۇ. بىراق بۇ سايلامنىڭ بىكار بولۇپ كېتىش ئېھتىمالى بار، چۈنكى سايلامغا كۈچلۈك ئېتىراز بولۇۋاتىدۇ. ھازىر ھېچ قانداق بىر نەتىجىدە ئېنىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا خىتايلارنىڭ ئالدىراپ-تېنەپ ئەكرەم ئىمامئوغلۇنى تەبرىكلەپ بېرىشىنىڭ كۆپلىگەن مەنالىرى بار دەپ قارايمەن.»
پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى يەنە مۇنداق دېدى: «بۇنداق بىر زىيارەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئالدىراپ ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ھەر ئىككى تەرەپ ئېھتىيات قىلىدۇ، بىراق خىتايلار بۇ زىيارەت ئارقىلىق تەرەپ تۇتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولدى. ئاق پارتىيە تەرەپ بۇ سايلامنى بىكار قىلىش ۋە قايتا سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ رەسمىيەتلەرنى ئۆتەۋاتقان پەيتتە خىتاينىڭ ئالدىراپلا تەبرىكلىشى نەتىجە نېمە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئاشكارىلىغان بولدى. ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بەرگەن باياناتلىرى خىتاينىڭ جان تومۇرلىرىغا تەگكەن بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي تەرەپ بۇ شەھەر باشلىقىغا يېقىنچىلىق كۆرسىتىش بىلەن ئاق پارتىيىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادە قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بىزمۇ بىر پۇرسەت تېپىپ، بۇ كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ بەزى مەسىلىلەرنى ئۇلارغا ئىزاھ قىلىشنىڭ يولىنى تېپىشىمىز كېرەك.»