ئاشكارىلىنىشىچە كورلا قارايۇلغۇن مەسچىتىنىڭ سابىق خاتىپى ئۆمەر ھۈسەيىن 2015-يىلدىكى ھەج سەپىرى سەۋەبلىك 2017-يىلى كۈزدە «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن. ساپ-ساغلام ھالاتتە ئۆيىدىن ئەكېتىلگەن ئۆمەر ھۈسەيىننىڭ بۇ يىل 2-ئايدا 55 يېشىدا تۈرمىدىن جەسىتى چىققان.
ئۆتكەن ئايدا كورلىدا تۈرمىدىن قاچقان مەھبۇس مەخمۇت مويدۇن ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان كورلىدا تۈرمىدىن ئۈزلۈكسىز ھالدا جەسەت چىقىۋاتقانلىقى، ماخمۇد مويدۇننىڭ كامېرداشلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە خارابلىشىپ كېتىۋاتقان ۋەزىيىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، تۈرمىدىن ھايات چىقىشىغا كۆز يەتمەي، زور تەۋەككۈلچىلىك بىلەن تۈرمىدىن قاچقانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى. ئۇ يەنە بۇ مەلۇماتلىرىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە، قارايۇلغۇن مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئۆمەر ھۈسەيىننىڭ بۇ يىل 2-ئايدا تۈرمىدىن جەسىتى چىققانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى. بىز بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن كورلا قارا يۇلغۇن ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق ۋە بۇ ساقچىخانىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسىدىن يېقىنقى ئىككى يىلدا تۈرمىدە ئۆلگەنلەرنىڭ تىزىملىكىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ تىزىملىكنى بېرەلمەيدىغانلىقىنى كەسكىن ھالدا بىلدۈرگەندىن كېيىن، بىز ئۇنىڭدىن تۈرمىدە جان ئۈزگەن ئۆمەر ھۈسەيىننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورۇدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆمەر ھۈسەيىن نوپۇزلۇق بولغان تەۋەلىكتىكى رايون ساقچىسىنىڭ جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
نۆۋەتتە كورلىدا ياشاۋاتقان مەزكۇر ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن 6-يىلىغا قەدەم قويۇش بىلەن، تۈرمىدىكى تاماقنىڭ ناچارلىقى، ئەمگەكنىڭ ئېغىرلىقى، سىياسىي ئۆگىنىشلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە سوئال-سوراقلارنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكى قاتارلىق سەۋەبلەردىن، مەھبۇسلارنىڭ سالامەتلىكىدە ئومۇميۈزلۈك دېگۈدەك ئېغىر چېكىنىش يۈز بەرگەن. چوڭ تۇتقۇننىڭ دەسلەپكى ئىككى يىلدا ياشانغانلار ۋە سالامەتلىكىدە مەسىلە بارلار ھاياتىدىن ئايرىلغان بولسا، يېقىنقى ئىككى يىلدا تۈرمىگە ساق-سالامەت كىرىپ كەتكەنلەرنىڭ جەسىتى چىقىشقا باشلىغان.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قارايۇلغۇندىكى بىر رايون ساقچىسى ئۆمەر ھۈسەيىننىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا بىر كەنت ساقچىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، كورلىدا كەيفاچۈ تۈرمىسى يەنى يېڭى سانائەت رايونى تۈرمىسى، ئۇلۇغ كۆل تۈرمىسى، 27- ۋە 28-بىڭتۇەن تۈرمىسى قاتارلىق بىرقانچە تۈرمە بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى سانائەت رايونى تۈرمىسى ئىلگىرى «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدا ئىشلىتىلگەنىكەن. مەزكۇر رايون ساقچىسىنىڭ دېيىشىچە، ئۆمەر ھۈسەيىن دەل شۇ يېڭى سانائەت رايونىنىڭ تۈرمىسىدە جان ئۈزگەن. دېيىلىشىچە تۈرمىگە ساق-سالامەت ھالەتتە كىرىپ كەتكەن ئۆمەر ھۆسەيىن 2021-يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە جىگەر راكى بولۇپ يىقىلغان. ئەمما ئۇنىڭ ئۆيىگە قايتىپ داۋالىنىشىغا رۇخسەت بېرىلمىگەن. نەتىجىدە تۈرمە دوختۇرخانىسىدا ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا جان ئۈزگەن. مەزكۇر رايون ساقچىسىنىڭ يەنە دەلىللىشىچە، ئۆمەر ھۈسەيىن قارا يۇلغان مەركىزى مەسچىتنىڭ خاتىپى بولۇپ، ئۇ 2015-يىلى ھەجگە بارغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 2017-يىلى «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن ئۆمەر ھۈسەيىن، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى كورلىدا تەربىيەلەش مەركەزلىرى تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلغاندا، ئۇمۇ ئەسلىدىكى مۇددىتى ئېنىقىسز «ئوقۇغۇچى» دىن بىردىنلا بەش يىللىق كېسىلگەن مەھبۇسقا ئايلانغان. مەزكۇر رايون ساقچىسىمۇ، ئۆمەر ھۈسەيىننىڭ ئائىلىسىگە 2020-يىلى بىر مەخپىي سوت ھۆكۈمنامىسى بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. دەلىللىنىشىچە، ئۆمەر ھۈسەيىن بۇ يىل 2-فېۋرال كۈنى جان ئۈزگەندە يېشى 55 تە بولۇپ، جازا مۇددىتى تۈگەيدىغانغا يەنە 10 ئايچە ۋاقىت قالغانىكەن.
يۇقىرىدا، كورلا قارايۇلغۇن مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئۆمەر ھۈسەيىننىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.