تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن: «ئۇلار ‹ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل زۇلۇم بىلەن قىيناپ يوقۇتۇڭلار› دېگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىۋاتقاندەك. . .»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021.02.04
تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن: «ئۇلار ‹ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل زۇلۇم بىلەن قىيناپ يوقۇتۇڭلار› دېگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىۋاتقاندەك. . .» 2017- ۋە 2018-يىللىرى ئىككى قېتىم جەمئىي 9 ئاي غۇلجانىڭ كۈنەس ناھىيەسىدىكى لاگېرىغا سولانغان، ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىدە ئامېرىكادا داۋالىنىۋاتقان لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم.
Photo: RFA

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ بايان قىلىشىچە، لاگېردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 3 قېتىم باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ھەر قېتىمدا ئۈچ-تۆت كىشى تەرىپىدىن ئوخشىمىغان شەكىللەردە ۋەھشىلەرچە خورلاشقا ۋە نۆۋەتلىشىپ باسقۇچىلىق قىلىشقا ئۇچرىغان. بۇ ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ھەممىسى كۈنەس ناھىيەسىدىكى خىتاي جازا لاگېرىدا يۈز بەرگەن. 13-14 ئادەم سولانغان كامىردا ئۇ يەنە باشقا ئۇيغۇر، قازاق قىز-ئايال كامىرداشلىرىنىڭمۇ سوراققا چاقىرتىلغانلىقىغا، ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنىدە كۆك تاياق ۋە يارا ئىزلىرى بىلەن ھوشسىز ئېلىپ كىرىلگىنىگە تالاي قېتىم شاھىد بولغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، لاگېردىكى ھەر قانداق ئايال كىشى ئوخشىمايدىغان شەكىلدىكى زۇلۇم ۋە باسقۇنچىلىق جەريانىنى تەكرار-تەكرار باشتىن كەچۈرۈشى مۇمكىنكەن.

زىيارىتىمىز جەريانىدا تۇرسۇنئاي بۇ دەھشەتلىك كەچمىشلەرنى ئەينەن تەسۋرلەشكە تىلى ئاجىزلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ لاگېردىكى ئازابلىق كەچمىشلىرىنڭ ئاخىرىنى ئارانلا «يارام قانىغاندەك بولۇۋاتىمەن،» دەپ ئىپادە قىلالىدى.

تۇرسۇنئاينىڭ ئېيتىشىچە، جىنسىي خورلاشلاردىن كېيىن كامىرغا ئېلىپ كېلىنگەن قىزلارنىڭ بەزىلىرى ئەقلىدىن ئادىشىپ قالغاندەك بولۇپ قالسا، بەزىلىرى خورلۇق ۋە ئازابتىن قايتا-قايتا ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ باقىدىكەن. قوش قەۋەتلىك كارۋاتنىڭ ئۈستىدىن ئۆزىنى تەكرار-تەكرار ئېتىپ، پۇت-قوللىرى سۇنۇپ كەتكەنلىرىمۇ بار ئىكەن. بۇنداق قىز-ئاياللار ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنچە، قايتىپ كىرمەيدىكەن. تۇرسۇنئاي سكزىنىڭ داۋامىدا: «ئۆلۈۋېلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئەمما شۇنداق بولسىمۇ ئازابقا چىدىماي ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنىدىغانلار بار. ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق جازالارغا ئۇچرايدۇ،» دېدى.

تۇرسۇنئاي مۇنداق دېدى: «ئۇلار لاگېردا خۇددى يوقۇرىدىن ‹ئۇلارنى قىيناپ ھەر خىل زۇلۇم بىلەن ئۆلتۈرۈڭلار› دېگەن بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالغاندەك، شۇ بۇيرۇقنى خالىغىنىچە ئىجرا قىلىۋاتقاندەك، قىينايدۇ. گەپنى يىغىنچاقلىسام، خىتاينىڭ مەقسىتى بىزنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرۈپ، يوق قىلىشتۇر.»

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بىر قېتىم ئۇ شۇنداق ۋەھشىي خورلۇققا ئۇچراپ ھوشسىز كامىرغا ئېلىپ كېلىنگەندە، كامىرداشلىرى لاگېردا ئاش-تاماق بېرىشكە مەسئۇل خادىمدىن ئۇنىڭغا بىر چىنە قايناقسۇ بېرىشنى ئۈتۈنگەن. مەسئۇل خادىم زەردە بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا: «ئۆلسە ئۆلمەمدۇ، مېنىڭ ئۇيقۇمنى بۇزۇپ نېمىگە ئويغىتىسەن؟ ئۆلسەڭ، سورۇقىڭمۇ يوق، سەن خەقنىڭ!» دەپ قايناقسۇ ئېكىلىپ بېرىشنىمۇ رەھىمسىزلەرچە رەت قىلغان ئىكەن. تۇرسۇنئاي «لاگېردىكى ھەر قانداق خىتاي باشقۇرغۇچى ياكى ساقچىنىڭ چىرايىدىن بىزگە بولغان ئۆچمەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ،» دەيدۇ.

بىر قېتىملىق سوراقتا بىر خىتتاي ساقچى تۇسۇنئاينىڭ قورسىقىغا قاتتىق تەپكەن، بۇ زەربىدىن تۇرسۇنئاينىڭ ئىچىدىن دەرھال قان كېلىپ ھوشىدىن كەتكەن. ئۇنىڭغا نامەلۇم بىر خىل ئۇكۇل ئۇرۇلۇپ، قان توختىتىلغان. لېكىن بۇ قاناش تەكرار-تەكرار يۈز بەرگەن. ھەتتا ئۇ لاگېردىن چىققاندىن كېيىنمۇ بىنورمال قاناش توختىمىغان. تۇرسۇنئاي بۇ يىل ئەمدىلا 43 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تۇغۇت يېشدىكى بىر ئايال ھېسابلىنىدۇ. تۇرسۇنئاي لاگېردىكى ئاشۇ رەھىمسىز تېپىك زەربىسىنىڭ ۋۇجۇدىدا قالدۇرغان ئېغىر يارىسى سەۋەبلىك ئامېرىكادا ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، بالىلىق بولۇش پۇرسىتىدىنمۇ مەڭگۈلۈك مەھرۇم قالغان.

زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا تۇرسۇنئاي ئامېرىكا ۋە دۇنيا جامائىتىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىلىكلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتراپ قىلىش باسقۇچىدىلا توختاپ قالماسلىقىنى، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ بۇ زۇلۇمنى توختىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر جامائىتىگە: «ماڭا ئوخشاش مۇشۇنداق زۇلۇمغا ئۇچراپ چىققان بىر ئايالنى، ھايات چىقالىغان ھەر قانداق بىر كىشىنى ھېچكىم كەمسىتمىسۇن. بىز بىر-بىرىمىزنى قەدىرلەپ، ئۆز ئارا مېھر-مۇھەببەت بېرىش ئارقىلىق بۇ قىرغىنچىلىقتىن مىللىتىمىزنى ساقلاپ قالايلى،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.