فرانسىيەلىك سەنئەتكار ماخن كلوكىس لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ گىگانت پورتېرىتىنى مارسېل شەھىرىدە نامايەن قىلغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021.10.13
tursunay-ziyawudun-tamdiki-resim-5.jpg

فرانسىيەلىك سەنئەتكار ماخن كلوكىس(Mahn Koix) لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ گىگانت پورتېرىتىنى مارسېل شەھىرىدە نامايان قىلدى. 2021-يىلى ئۆكتەبىر.

tursunay-ziyawudun-tamdiki-resim-4.jpg

فرانسىيەلىك سەنئەتكار ماخن كلوكىس(Mahn Koix) لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ گىگانت پورتېرىتىنى مارسېل شەھىرىدە نامايان قىلدى. 2021-يىلى ئۆكتەبىر.

tursunay-ziyawudun-tamdiki-resim-3.jpg

فرانسىيەلىك سەنئەتكار ماخن كلوكىس(Mahn Koix) لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ گىگانت پورتېرىتىنى مارسېل شەھىرىدە نامايان قىلدى. 2021-يىلى ئۆكتەبىر.

tursunay-ziyawudun-tamdiki-resim-2.jpg

فرانسىيەلىك سەنئەتكار ماخن كلوكىس(Mahn Koix) لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ گىگانت پورتېرىتىنى مارسېل شەھىرىدە نامايان قىلدى. 2021-يىلى ئۆكتەبىر.

tursunay-ziyawudun-tamdiki-resim-1.jpg

فرانسىيەلىك سەنئەتكار ماخن كلوكىس(Mahn Koix) لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ گىگانت پورتېرىتىنى مارسېل شەھىرىدە نامايان قىلدى. 2021-يىلى ئۆكتەبىر.

ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ گىگانت پورتېرىتى فرانسىيەنىڭ 2-چوڭ شەھىرى مارسېلدىكى تېلېكوم بىناسىنىڭ پۈتۈن تېمىدا نامايەن قىلىنىشى، فرانسىيە تاراتقۇلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. مەزكۇر پورتېرىت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا فرانسىيەلىك كوچا سەنئەتكارى (Mahn Kloix) ماخن كلوكىسنىڭ يەنە بىر مەشھۇر ئەسىرى دەپ تەرىپلەنمەكتە.

«فرانسىيە 24» قانىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار بېرىلگەن. خەۋەردە بىرقانچىلىغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىنى كەم دېگەندە بىر مىليون ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغانلىقى ۋە ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە يەنە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ قىلمىشلارنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

12-ئۆكتەبىر كۈنى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ غايەت زور پورتېرىتنى سىزغان رەسسام ماخن كلوكىس ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرى ھەققىدىكى سۈرەتلەر ئىچىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ قولى بىلەن مەڭزىنى تۇتۇپ تۇرغان ۋە خىيال سۈرۈۋاتقان ھالىتى ئىپادىلەنگەن بۇ سۈرەتنى قايتا سىزىشنى تاللىغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە سۆزلەش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. مەن نۇرغۇنلىغان سۈرەتلەرنى كۆردۈم. مېنىڭدىن نېمىشقا بۇ سۈرەتنى تاللىدىڭىز دەپ سورىسىڭىز، بۇ سۈرەتتىكى ئايال بىر قاراشتا مۇلايىم ھەم قايغۇلۇق كۆرۈنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ چىرايىدا يەنە ئۈمىدنىڭ نۇرىمۇ ئەكس-ئېتىدۇ. مەن BBC ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، بۇ سۈرەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈدىغان بىر پورتىرېت قىلىپ تاللىۋالدىم.»

گۇگۇلدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، رەسسام ماخن كلوكىس يەنە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپىنچە ئىجادىيەتلىرىدە زىيانكەشلىككە ۋە ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئوبرازى ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن ئىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت مىزانىدا ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە ئادالەت نىشان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىل تېمىلارنى تاللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ كۆپىنچە رەسىملىرىدە سىياسىي جەھەتتە ئوخشىمىغان قاراشىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى، يەنى ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلارنى ئاساسلىق تېما قىلىدىكەن. شۇڭا ئۇ ئەسەرلىرىدە كىشىلەرگە ھەمىشە ئۈمىد بېرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ ئارزۇسى ھەر بىر كىشىنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئىكەن.

فرانسىيە ئۇيغۇر ئىنىستىتوتىنىڭ باشلىقى دىلنۇر رەيھان مەزكۇر تام رەسىمى ۋە بۇ ھەقتە فرانسىيەدە بېرىلگەن خەۋەرلەرنى فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تونۇشتۇرغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى.

دىلنۇر رەيھان رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر پورتېرىتنىڭ فرانسىيەدە كۈچلۈك دىققەت قوزغىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دىلنۇر رەيھان يەنە ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ پورتېرىت رەسىمىنىڭ فرانسىيەدىكى داڭلىق رەسسام ماخن كلوكىس تەرىپىدىن سىزىلىشى ھەمدە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ فرانسىيە سەنەتكارلىرى تەرىپىدىن ئەكس ئەتتۈرۈلۈشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ BBC ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئىشلىتىلگەن سۈرىتىنىڭ تارتىلىش جەريانى ھەققىدە ئەھۋال تونۇشتۇردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سۈرەتنىڭ فرانسىيەلىك سەنئەتكار ماخن كلوكىس تەرىپىدىن مارسېل شەھىرىدە نامايەن قىلىنىشى، ئۇنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرغان. ئۇ يەنە بۇ سۈرەتنىڭ تام رەسىمىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، فرانسىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان مارسېلدا كۆرسىتىلىشى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىشتا تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.