ئامېرىكادا ئوقۇپ قايتقان دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگەنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.07.15
ئامېرىكادا ئوقۇپ قايتقان دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگەنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى شاڭخەي توڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە ئەپەندى.
Oqurmen teminligen

نورۋېگىيەدىكى پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۆتكەن ئايدا تىۋىتتېردا خەۋەر قىلىشىچە، شاڭخەي توڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە بۇ يىل 4‏-ئايدىن باشلاپ ئۈندىداردىن ئۇشتۇمتۇت غايىب بولغان. تۇرسۇنجاننىڭ ئادەتتە تور دۇنياسىدا ئاكتىپ بىر پائالىيەتچى ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى بولغان نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇريار فوندى ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق بىر قاتار ئېنىقلاشلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالمىغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگەنىڭ 3 ئايدىن بېرى تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

شاڭخەي توڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە ئەپەندىنىڭ Weibo تورىدىكى ھېساباتى.
شاڭخەي توڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە ئەپەندىنىڭ Weibo تورىدىكى ھېساباتى.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىيلارغا قارىتا تۇتقۇن ھەرىكىتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانمۇ يەنىلا داۋام قىلماقتا. مەلۇم بولۇشىچە 2009‏- ۋە 2016 ‏-يىللىرى ئارىسىدا ئامېرىكادا ئوقۇغان ۋە خىزمەت قىلغان؛ ئەمما ئاز كەم 10 يىللىق ئامېرىكا ھاياتىدا بىرەر قېتىممۇ سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمىغان، پەقەت تور دۇنياسىدا ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەنلا شۇغۇللىنىپ كەلگەن تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە 2016-يىلىغا يۇرتىغا قايتقان. يۇرتىدا بىر قاتار ئاۋارىچىلىكلەرگە ئۇچرىغان تۇرسۇنجان 2017-يىلنىڭ ئاخىرى شاڭخەي توڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىغا خىزمەتكە چۈشكەن. بۇ جەرياندا توردىكى ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن تۇرسۇنجان بۇ يىل 4‏-ئايغا كەلگەندە تور دۇنياسىدىن ئۇشتۇمتۇت غايىب بولغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان شاڭخەي توڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىرقىسىم خادىملىرى تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ھەققىدە مەلۇماتى يوقلۇقىنى بايان قىلدى.

تۇرسۇنجاننىڭ ئۈندىدار ئۇچۇر خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ، بۇ يىل «8‏-مارت» ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئانىسى، ئايالى ۋە قىزىنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ ئۇلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەن. ئۇ يەنە 4 ‏-ئاينىڭ دەسلەپكى ھەپتىسى ئۆزىنىڭ «ھۈجەيرە ژۇرنىلى» غا يۆتكەلگەنلىكى ۋە بۇ ھەقتىكى خۇشاللىقىنى دوستلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان. بىز ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا «ھۈجەيرە ژۇرنىلى» غا خەت يېزىپ خىزمەتچىسى تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ھەققىدە مەلۇمات سورىغان بولساقمۇ، تا ھازىرغىچە جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق. مەلۇم بولۇشىچە ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە تۇرسۇنجاننىڭ ئامېرىكادىكى بەزى دوستلىرى مەزكۇر ژۇرنالغا خەت يېزىپ، تۇرسۇنجاننىڭ ئەھۋالىنى سورىغىنىدا، مەزكۇر ژۇرنال ئۆز تەھرىرلىرىنىڭ شەخسىي كەچمىشى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇرسۇنجان بىلگەنىڭ غايىب بولغان مەزگىلى، ئۇنىڭ «ھۈجەيرە ژۇرنىلى» غا يېڭىدىن يۆتكەلگەن، ئەمما توڭجى ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەنمۇ خىزمەت ئالاقىسى تېخى تولۇق ئۈزۈلمىگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن. شۇڭا بىز توڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىزچىل تېلېفون قىلىپ، تۇرسۇنجاننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات مەلۇمات سورىدۇق. خادىملاردىن بىرى، بۇ مەكتەپتىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە كىملەر تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بايان قىلىشىچە، 1985‏-يىلى يەكەندە تۇغۇلغان، 2006‏-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، 2009-يىلى ئامېرىكانىڭ ۋيومىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىئو-مېدىتسىنا كەسپىي بويىچە دوكتور ئاسپىرانتى بولۇپ ئوقۇشقا كىرگەن تۇرسۇنجان نۇرمەمەت، 2016-يىلى يۇرتىغا قايتقىنىدا ئايالى نۇرىمانگۈل نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن لاگېرغا ئەكېتىلگەن. ئۇنىڭ ئامېرىكادا تۇغۇلغان قىزى، يەكەندىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا قېپ قالغان. ئۇ، ئۆزى دەسلەپتە، شىخەنزىدە، كېيىن شاڭخەيدە ئىش ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بايان قىلىشىچە، پېشكەلچىلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋە مۇمكىنچىلىكى بار ئېھتىيات تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى قوللىنىپ باققان تۇرسۇنجاننىڭ يېقىنقى 4 يىللىق ھاياتى ئىزچىل ئاۋارىچىلىك ئىچىدە ئۆتكەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان توڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەنە بىر خادىمى تۇرسۇنجان نۇرمەمەتنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ۋە ئۆزلىرىگە دېلونىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگەنىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر دوستىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئامېرىكادا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئۇچراشقان «گۇمانلىق كىشىلەر» ۋە توردىكى سۆھبەت گۇرۇپپىسىدا ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىچىدىكى نۆۋەتتە تۇتقۇندا بولغان ئاتالمىش «جىنايەتچىلەر» سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان. ئەمما ئۇلارنىڭ كونكرېت قايسى خىل گۇماندار ياكى مەھكۇملار ئىكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىختىساسلىق ئۇيغۇر ياشلىرىدىن سەپەرجان بىلەن شائىرەمۇ تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە بىلەن ئازراق ئىلگىرى-كېيىن مەزگىلىدە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. ئەمما بۇلارنىڭ تۇتۇلۇشىنىڭ بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.