ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 9-نۆۋەتلىك سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكادىكى ‍ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى بولغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 9-نۆۋەتلىك سايلىمى 26-ئۆكتەبىر كۈنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە، مارىيلاند ۋە باشقا شىتاتلىرىدىن كەلگەن 300 چە ئۇيغۇر جامائىتى شۇ كۈنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2019-يىللىق سايلام كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىكىدە ئاشكارا بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى بىلەن بۇ قېتىمقى رەئىس ۋە ھەيئەت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقتى.

سايلام بېلىتى تاشلاشتىن ئاۋۋال ئامېرىكا ‍ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش ۋە زورىيىش جەريانىدا ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى. شۇنىڭدەك بۇ جەرياندا پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلغان شەخسلەر يىغىن ئەھلىگە بۇ ھەقتە تېگىشلىك چۈشەنچە بەردى.

سايلامدا ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ‍ئۇيغۇر جامائىتى بۇ قېتىمقى رەئىسلىك نامزاتىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغان قۇززات ئالتاينى قوللاش ياكى قوللىماسلىق بويىچە ئۆزلىرىنىڭ سايلام بېلىتىنى تاشلىدى. ئاخىرى قۇززات ئالتاي سايلام ئەھلىنىڭ 95 پىرسەنت قوللىشى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

سايلامدىن كېيىن قۇززات ئالتاي ۋە ‍ئۇ تاللىۋالغان ھەيئەت ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە قىلماقچى بولغان ئىشلىرى ھەققىدە سايلام ئەھلىگە مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىغا تېگىشلىك جاۋاب بەردى.

بىرلەشمىنىڭ سابىق ۋە يېڭى ھەيئەت ئەزالىرى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلام ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. بىز بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئەتىكى پروگراممىمىزدا داۋاملىق خەۋەر بېرىمىز.