قۇربان ھېيت-مۇسۇلمانلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ تەنتەنىلىك ھېيت-بايراملىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ئەسىرلىك مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە قۇربان ھېيت بىر دىنىي بايرام بولۇپلا قالماستىن بەلكى مىللىي بايرام سۈپىتىدە ئۆزگىچە تەبرىكلىنىپ كەلگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈشى ھەققىدە خاتىرىلەنگەن ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھېيتتىن ئىلگىرى ھەممە ئائىلىلەردە ئۆي ئىچى، ھويلا-ئاراملىرىنى پاك-پاكىز تازىلاش، ھېيتلىق يېڭى كىيىم تەييارلاش، قۇربانلىق قىلىدىغان ماللىرىنى تەييارلاش ئەڭ ئاساسلىق تەييارلىقلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ھېيتلىق داستىخانلار ئاجايىپ مول تەييارلىنىدۇ. ھېيتلىق داستىخان ئۈچۈن ئائىلىدىكى ئاياللار بىرلىشىپ ساڭزا سېلىپ، نان-توقاچلارنى يېقىپ، تۈرلۈك تاتلىق-تۈرۈملەرنى پىشۇرىدۇ. ھەر خىل پېچىنە-پىرەنىك، كەمپۈت، مېۋە-چېۋە دېگەندەك يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالىدۇ.
ئۇيغۇرلار ھېيت كۈنى ئەتىگەندە يۇيۇنۇپ، يېڭى كىيىملىرىنى كىيىشىپ، مەسچىتكە بېرىپ ھېيت نامىزى ئۆتەيدۇ. ئاندىن تۇپراق بېشىغا چىقىپ ۋاپات بولغانلارنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلايدۇ. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قۇربانلىققا ئاتالغان قوينى سويۇپ، قائىدىسى بويىچە قوينىڭ تېرە-ئۈچەيلىرىنى مەسچىتكە بېرىدۇ. قالغان گۆشى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، قۇلۇم-قوشنىلارغا تارقىتىلىدۇ. ھېيت مەزگىلىدە ھەممە ئۆينىڭ داستىخىنىغا ئوبدان پىشۇرۇلغان بىر تاۋاق گۆش بىلەن چىرايلىق تىزىلغان ساڭزا، ئۇنىڭ ئەتراپىغا بولسا يېمىش تەخسىلىرىگە ۋە چىرايلىق ۋازىلارغا قاچىلانغان تۈرلۈك پېچىنە-پىرەنىك، تاتلىق يېمەكلىكلەر، كەمپۈت ۋە مېۋە-چېۋىلەر تىزىلىدۇ.

ھېيت كۈنلىرى كىشىلەر ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ئەڭ ئېسىل بېزەكلىرىنى تاقاپ، ئۆزئارا پەتىلىشىدۇ. بۇرۇن ئارازلىشىپ قالغانلارمۇ ھېيتتا يۈز كۆرۈشكەندە چىرايلىق ھال-ئەھۋال سورىشىدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر ئاشۇ كۈندىن باشلاپ، بۇرۇنقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ، قايتا ياخشىلىشىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قايسى يۇرتلاردا ھەر تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
تۈركىيەدىكى ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپىنىڭ رەئىسى ۋە «ئوقۇ ئۇيغۇر مەكتىپى» نىڭ مۇدىرى ھەبىبۇللا كۈسەنى ئەپەندى قۇربان ھېيت ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقى باشلىنىشتىن ئاۋۋال ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەندە قۇربان ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
قازاقىستان ئۇيغۇر ئېلىدىن قالسا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايونلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق جامائەت ئەربابى ئازتېكىن ئىبراھىم ئەپەندى رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قۇربان ھېيتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ھەققىدە توختالدى. ئۇ يەنە بۇ تۈردىكى ھېيت-بايراملارنىڭ ئاشۇ يەردە چوڭ بولۇۋاتقان ياشلارغا ئۆز كىملىكىنى تونۇتۇشتىكى ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا روزا ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق دىنىي ۋە مىللىي بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش ئورنىغا خىتايلارنىڭ چاغان، تاڭزۇڭزا بايرىمى قاتارلىق خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش ئومۇملاشتۇرۇلغان. 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى «ئەسەبىي» ، «بۆلگۈنچى» دېگەن جىنايەت بىلەن لاگېرلارغا قامىغان ئىدى. رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا ناماز ئوقۇغان، ئۆيىدە قۇرئان ساقلىغان، ھەتتا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان.

ئىگىلىشىمىزچە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار يۇرتىدىكى ئائىلە ئەزالىرىدىن تېخىچە خەۋەر ئالالمايۋاتقان بولۇپ، ھەر قېتىملىق ھېيت-بايرام ئۇلار ئۈچۈن گويا «ماتەم» بولىدىكەن. ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئادالەت سابىت خانىمنىڭ يولدىشى ئابلىمىت ئابلىز ھازىر ئۈرۈمچىدە نازارەت ئاستىدا بولۇپ، بەش ياشلىق قىزىنى بىر قېتىممۇ يۈزتۇرانە كۆرۈپ باقمىغان. ئادالەت سابىت خانىم يولدىشىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن جەم بولۇپ بىللە ھېيت ئۆتكۈزۈشنى كۈتۈۋاتقىلى بەش يىل بولغانلىقنى ئېيتتى.
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان مېھراي مەمتىلى خانىم ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ مۇھاجىرەتتە چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى تونۇپ چوڭ بولۇشى ئۈچۈن، ئەنئەنىۋى ھېيت-بايراملارنىڭ چوقۇم ياخشى ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى خىتاينىڭ ھەر يىلى مۇشۇنداق ھېيت-بايرام ۋاقتىدا ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇسسۇل ئوينىتىپ، «ئۇيغۇرلار بەختلىك» دەيدىغان يالغان تەشۋىقاتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە كەلگۈسىدە ھامان بىر كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت بايراملىرىنى ئەركىن ئۆتكۈزىدىغان كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىسلام كالېندارى بويىچە قۇربان ھېيت ئادەتتە روزى ھېيتتىن كېيىنكى 70– كۈنگە توغرا كېلىدۇ. «دۇنيا ئىسلام مەركىزى» نىڭ تور بېتىدىكى مەلۇماتلاردا، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئاينىڭ چىقىش ۋاقتىغا ئاساسەن بۇ ۋاقىتتا پەرق بولۇشى مۇمكىنلىكى، ئەمما 2023-يىلى قۇربان ھېيتنىڭ 28-ئىيۇن چارشەنبە كۈنى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
