ئۈرۈمچىدىكى ساقچى خادىملىرى ئوت ئاپىتىدە ئىشىككە سېلىنغان قۇلۇپنىڭ ئۆلۈم سانىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2022.11.28
urumchi-ot-apiti-24-noyabir.jpg ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان «جىشىياڭيۈەن» ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر بىناغا ئوت كېتىپ، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرى ئوت كەتكەن بىناغا يېقىنلىشالمىغان ۋە سۇ شىلانكىلىرىمۇ ئوت كۆيۈۋاتقان قەۋەتلەرگە ئۇلىشالمىغان كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 24-نويابىر، ئۈرۈمچى.
AP

ئۈرۈمچىدىكى خادىملار، ئوت ئاپىتىدىكى ئۆلۈم ھادىسىسىگە قۇلۇپلىنىشنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى دەلىللىدى.

خىتاي دائىرىلىرى 24-نويابىر ئوت ئاپىتى ھەققىدە ئاچقان ئاخبارات يىغىنىدا، ئوت كەتكەن بىنا جايلاشقان ئاھالىلەر رايونىنىڭ يۇقۇم كاتېگورىيەسى بويىچە «يېنىك كېسەل رايونى» ئىكەنلىكى، بىنادىكى ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ-كىرىش ئىمكانى بارلىقىنى تىلغا ئالدى، ئەمەلىيەتتە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى يۈزلەرچە سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن بىنانىڭ پۈتۈن ئىشىكلىرىنىڭ قۇلۇپ سېلىقلىق، ھەتتا پايات قىلىۋېتىكلىك ھالەتتە ئىكەنلىكى مەلۇم ئىدى. شۇڭا بىز تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، بىنانىڭ ئىشىكلىرى ھەققىدە نۇقتىلىق ھالدا سوئال سورىدۇق. ئۈرۈمچىدىكى باخۇلياڭ ساقچىخانا خادىمى ۋەقە ھەققىدە، ئاخبارات يىغىنىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىشىمىزنى ۋە ئىغۋا سۆزلەرگە ئىشەنمەسلىكىمىزنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدە، بىنانىڭ ئىشىكلىرىنىڭ تاقاق بولۇشىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.

بەختيولى ساقچىخانا خادىمى، ئۆزىنىڭ يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىنانىڭ ئىچىگە نېمە ئۈچۈن كىرمىگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا «ئىشىكلەر تاقاق» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ بۇ ھەقتە ئىلگىرىلەپ سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

خىتاينىڭ ئاخبارات يىغىنىدا يەنە ۋەقەدە ئۆلگەنلەر سانى 10، يارىدارلار سانى 9 دەپ بىلدۈرۈلگەن. ئەمما ئوت يالقۇنى ۋە ئىس-تۈتەكنىڭ 15-قەۋەتنى باشلاپ 7 قەۋەتنى قاپلىغانلىقىدەك رېئاللىقنى كۆرۈپ تۇرغان ئاھالىلەر بۇ ئۇچۇرغا قىلچە ئىشەنمىگەن.

ئۈرۈمچى 24-نويابىر ئوت ئاپىتىدە ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ كەتكەن ئېگىز قەۋەتلىك ئولتۇراق بىنانىڭ ئوتتىن كېيىنكى ھالى. ئىجتىمائىي تاراتقۇ سىن كۆرۈنۈشى، 2022-يىلى 25-نويابىر، ئۈرۈمچى.

ئاھالىلەردىن بىرى، بىنا ئىشىكلىرىنىڭ تاقالغانلىقىدەك رېئاللىقىنى يوشۇرغان خىتاي دائىرىلرىنىڭ ئۆلۈم سانىنى تەبىئىي ھالدا يوشۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، دوختۇرخانا ساھەسىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، ئاز دېگەندە 40 نەچچە كىشى ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. بۇ ئاھالە تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرىغا ئاساسەن، يارىدارلارنى داۋالاشقا قاتناشقان مەلۇم بىر دوختۇرخانا خادىمىدىن مەلۇمات سورىدۇق. ئۇ، ئۆزى ئىشلىگەن بۆلۈمگە 5 يارىدارنىڭ ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ۋە بەشىنىڭلا ساقىيالماي جان ئۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. باشقا بۆلۈملەرگە قانچىلىك يارىدار ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، بۇنىڭدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان سانغا، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭمۇ ئىشەنمىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان بىر خادىم، ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، 9 كىشىنىڭ كۆيۈپ ئۆلگەنلىكى، 10 نەچچە كىشىنىڭ بولسا ئىستا بوغۇلۇپ ئۆلگەنلىكى ۋە جەمئىي 26 كىشى ئۆلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەھۋالدىن خەۋەردار مەزكۇر ئاھالىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئوت كەتكەن بىناغا قوشنا بىنادا ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، ئوتتا كۆيگەنلەرنىڭ پەريادلىرىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ بەرداشلىق بېرەلمىگەن، ئەمما ياردەم قىلاي دېسە ئۆزلىرىنىڭ ئىشىكى تاقاق بولغاچقا، بىنادىن چىقالمىغان. بۇ خادىمنىڭ دېيىشىچە، تەۋەلىكتىكى بىنالارنىڭ نورمال ئىشىكلىرىدىن باشقا، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە چىقىپ كېتىش بېكىتىلگەن ئوت بىخەتەرلىك ئىشىكلىرى ۋە تۈڭلۈكلەرمۇ تاقىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىنانىڭ ئالدىغا ئورنىتىلغان ياغاچ ۋە تۆمۈر توسۇقلار بولۇپ، بۇ توسۇقلارنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈنمۇ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى سائەتلەپ ۋاقىت سەرپ قىلغان. بىنانىڭ ئالدىدىكى ماشىنىلار 3 ئايدىن بېرى ھەيدەلمىگەن بولغاچقا، ئوت ئالمىغان ۋە بەزى ماشىنىلارنىڭ ئىگىلىرى كارانتىندا بولغاچقا، بۇ ماشىنىلارنى يۆتكىگىلىى بولمىغان، نەتىجىدە ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى بىناغا يېقىنلىشالماي سۇ شلانكىسى 15-ۋە 16-قەۋەتلەرگە يەتمەي، ئوتنى تىزگىنلىگىنى بولمىغان. بۇ ئەھۋالنى بىر خىتاي ئاھالىسىمۇ توردىكى ئىنكاسىدا بايان قىلىدۇ.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى، پەقەت بىناغا ئۇزاقتىن سۇ چېچىش، ئەتراپقا ماشىنا يىغىۋېلىش بىلەن بولغان، ئەمما بىنانىڭ ئىشىكىنى تېزىدىن چېقىش ۋە بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇنمىغان. بەزى ئاھالىلەر ئوت خادىملىرىنىڭ خەتەردىن قورققانلىقىنى بايان قىلسا، يەنە بەزىلىرى، ئىشىكنى ئېچىشتا، يۇقىرىدىن يەنى مەركەزدىن بۇيرۇق كۈتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. 119 جىددىي قۇتقۇزۇش قوماندانلىق مەركىزى، ئوت كېتىشنىڭ سەۋەبى، ئوتنىڭ ئۇلغىيىشى ۋە ئۆلۈمنىڭ كۆپىيىشىدىكى سەۋەب ۋە جاۋابكارلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئەمما، ئاھالىلەر، بۇ ئوت ئاپىتى ۋە ئۇنىڭ زىيان-زەخمەتلىرىگە قامال سەۋەب بولغانلىقى ۋە جاۋابكارنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.