ئىلشات ھەسەن: «ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى چوقۇم سۈرۈشتە قىلىنىدۇ»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2023.11.22
urumchi-ot-apiti-ziyankeshlikke-uchrighuchilar-2.jpg ئۈرۈمچى 24-نويابىر ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان ئۇيغۇر ئانا ۋە 3 پەرزەنتى. رەسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئېلىندى، رادىئومىز تەرىپىدىن توغرىلىقى دەلىللەنمىدى.
Social Media

ئۆتكەن يىلى 24-نويابىر كەچتە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان «جىشىياڭيۈەن» ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر بىناغا ئوت كېتىپ، ئاز دېگەندە 40 كىشى ئۆلۈپ كېتىشتەك پاجىئە يۈز بەرگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئوت ئاپىتىدە ئوت 15-قەۋەتتىن باشلىنىپ 19-، 20-قەۋەتلەرگىچە تۇتاشقان. ئوت 3 سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىتتا ئاران ئۆچۈرۈلگەن. خىتاي دائىرىلىرى ئەينى ۋاقىتتا بۇ پاجىئەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانىنى «ئون كىشى» دەپ ئېلان قىلغانىدى. ھالبۇكى رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئۈرۈمچى جەنۇبىي شىنخۇا يولى ساقچى پونكىتىدىكى بىر ساقچى «قازا قىلغانلارنىڭ سانى قىرىق نەپەردىن ئارتۇق. دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغانلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. قازا قىلغانلارنى ساناشقا ۋاقتىمىز يەتمىدى» دېگەنىدى.

ئۈرۈمچىدە 24-نويابىر يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان (سولدىن) 11 ياشلىق ئىمرام ۋە 13 ياشلىق شەھىدە.
ئۈرۈمچىدە 24-نويابىر يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان (سولدىن) 11 ياشلىق ئىمرام ۋە 13 ياشلىق شەھىدە.
Oqurmen teminligen

بۇ ئوت ئاپىتىدە 19-قەۋەتتىكى ئۆيىدە تۆت بالىسى بىلەن بىللە ئۆلۈپ كەتكەن مەرھۇم قەمەرنىساخان ئابدۇراھماننىڭ شاراپەت ۋە مۇھەممەد ئىسىملىك ئىككى بالىسى تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، 2017 يىلىدىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. ئۇلار ئانىسىنىڭ ۋە 4 ئۇكىسى (شەھىدە 13 ياش، ئىمران 11 ياش، ئابدۇراخمان 9 ياش، نەھدىيە 5 ياش) نىڭ ئاشۇ ئوتتا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن كۆرگەن. كېيىنچە ئۇلارنىڭ دادىسى ۋە چوڭ ئاكىسىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەنىدى.

كۆزەتكۈچىلەر ئەينى ۋاقىتتا مەرھۇم قەمەرنىساخان ئابدۇراھمان ئائىلىسىنىڭ پاجىئەسى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى تراگېدىيەسىنى تېخىمۇ ئېنىق گەۋدىلەندۈردى، دەپ قارىغان.

مەزكۇر پاجىئەنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە بىر يىل بولغان بولسىمۇ، بۇ پاجىئەنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنىڭ تېخىچە سۈرۈشتە قىلىنمىغانلىقنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامال سىياسىتىگە قارشى نامايىشلارنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياققان. نامايىشلار تېزدىن كېڭىيىپ «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» گە ئايلانغان؛ بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردە قامال چەكلىمىسىگە، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار يۈز بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن خىتايدا «ئۈرۈمچى» نامى نازۇك ئاتالغۇغا ئايلىنىپ قالغان. ھەتتا شاڭخەي شەھىرىدىكى نامايىش «ئۈرۈمچى ئوتتۇرا يولى» ناملىق كوچىدا بولغانلىقى ئۈچۈن 27-نويابىر كۈنى خىتاي دائىرىلىرى بۇ «ئۈرۈمچى ئوتتۇرا يولى» ناملىق كوچا تاختىسىنى ئېلىۋەتكەن.

ئىلشات ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇ ۋەقەدىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ قاتتىق كونتروللۇقىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقنى ئەسكەرتتى.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، سىچۈەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھىرىدە ئوقۇۋاتقان 30 نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ، ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى پاجىئەسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تىك-توكتا ئورتاقلاشقانلىقى ۋە تارقاتقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. ئەنگىلىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىمۇ بۇ يىل 6-ئايدا خېنەن «شاڭجۇ تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى» نىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى كامىلە ۋاھىتنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» گە چېتىلىپ تۇتۇلغانلىقى؛ دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر ھەرىكەتكە قاتناشقان 4 نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىنى تۇتقان بولسىمۇ، ئۇلارنى 4 ئايدىن كېيىن قويۇپ بەرگەنلىكى؛ ھالبۇكى، بۇ ھەرىكەتنى ئۈندىدارغا چىقارغان كامىلە ۋاھىتنى بولسا تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئاتۇشقا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، كامىلە ۋاھىتنىڭ 2022-يىلى 12-ئايدا تۇتۇلۇپ، 3 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە قەشقەردىكى مۇش ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى دەلىللەنگەنىدى.

نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مەزكۇر پاجىئەدە 44 كىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئالغانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار پۈتۈن خىتاينى قامالدىن قۇتقۇزغاندەك، لاگېرغا سولانغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارمۇ پۈتۈن خىتاينى ۋە دۇنيانى زالىم بىر ھۆكۈمەتتىن قۇتقۇزىدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدىنى بايان قىلدى.

ئاخىردا ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىيەت تەرەپتە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ھامىنى بىر كۈنى بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ جىنايەتچىلىرىنىڭ سوتقا تارتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.