رەھىمە مەھمۇت: ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى پاجىئەسى ئۇنتۇلمايدۇ، ئۇنتۇلدۇرۇلمايدۇ

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2023.11.27
Garnett-Genuis.jpg كانادا پارلامېنت ئەزاسى گېنۇس گارنېت (Garnett Genuis) نىڭ ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىنى خاتىرىلەپ X تە يوللىغان يازمىسىنىڭ ئېكران كەسمىسى، 2023-يىلى 24-نويابىر
X/@GarnettGenuis Screenshot

2022-يىلى 24-نويابىر كۈنى كەچتە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر بىنادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ئەنگلىيە ئىشخانىسى، ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى» ، «ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتى» ۋە ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان بۇ قېتىملىق نامايىشتا ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئوت ئاپىتىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئائىت ھەقىقىي مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىشنى، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە دىرېكتورى رەھىمە مەخمۇت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى پاجىئەسىگە بىر يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە بۇ نامايىشنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان زۇلۇمنى ئەسكەرتىشتىكى رولى ھەققىدە توختالدى، شۇنداقلا نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا بېسىم قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك پاجىئەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

رادىيومىزنىڭ دەلىللىشىگە ئاساسلانغاندا، ئاز دېگەندە 44 كىشىنىڭ ھاياتىغا زامىن بولغان بۇ پاجىئەنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنىدە يەنە كانادادىكى يېس فىرانچوس بلەنچەت (Yves-François Blanchet) ، ئالېكس برۇنېل دۇسەپپى (Alexis Brunelle-Duceppe) ۋە گېنۇس گارنېت (Garnett Genuis) قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرىمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن بىرلىكتە بۇ كۈننى خاتىرىلىگەن. كانادا پارلامېنت ئەزاسى گارنېت ئەپەندى ئۇيغۇر دوپپىسى كىيىپ، ئاق قەغەز كۆتۈرگەن بىر پارچە رەسىمى بىلەن «X» ، يەنى ئىلگىرىكى تىۋىتتېرغا يوللىغان ئىنكاسىدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كوۋىد قامالى سەۋەب بولغان ۋە ئاز دېگەندە 40 تىن ئوشۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۇ پاجىئەگە ئائىت ھەقىقىي ئۇچۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھېلىھەم ئاشكارىلانمىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە شۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتى پاجىئەسىدىن كېيىن ئاق قەغەز نامايىشى يۈز بەرگەنلىكىنىمۇ تىلغا ئالغان؛ 19 ياشلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى كامىلە ۋاھىتنىڭ دەل شۇ ئاق قەغەز نامايىشىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھىرلىگەنلىكى ئۈچۈنلا تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە «بۈگۈن بىز بۇ زۇلۇم سەۋەب بولغان پاجىئەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان بىگۇناھ كىشىلەر ئۈچۈن قايغۇرماقتىمىز ۋە ئۇلارنى ئەسلىمەكتىمىز. بىز شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز» دېگەن.

«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ئەنگلىيە ئىشخانىسى، ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى» ، «ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتى» ۋە ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى پاجىئەسىگە بىر يىل بولغانلىقىنى خاتىرىلەش نامايىشىدىن بىر كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 24-نويابىر، لوندون
«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ئەنگلىيە ئىشخانىسى، ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى» ، «ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتى» ۋە ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى پاجىئەسىگە بىر يىل بولغانلىقىنى خاتىرىلەش نامايىشىدىن بىر كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 24-نويابىر، لوندون
X/@MahmutRahima

رەھىمە مەھمۇت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ۋە بۇ مەسىلىنى ئەنگلىيەدە ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپلىگەن نامايىشلارنى ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 24-نويابىر كۈنى، ئەنگلىيەدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرگە تەزىيە بېرىش ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش توغرۇلۇق يەنە بىر پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پاجىئەدىكى جىنايى جاۋابكارلىقىنىڭ تېخىچە سۈرۈشتە قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە خەلقئارا جەمئىيەتتە بۇ پاجىئەنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىش-پائالىيەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى 2022-يىلى 24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە چېكىدىن ئاشقان كوۋىد قامالى يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن بۇ ئوت ئاپىتىدە 10 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋەقەدە ئاز دېگەندە 44 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مۇخبىرىمىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەنىدى. ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر پاجىئەگە ئائىت تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى جەمئىيەتكىلا ئەمەس، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغىمۇ بىلدۈرمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.