داڭلىق ئامېرىكا ئاياغ كىيىم شىركىتى Skechers ئۈرۈمچىدە تۇنجى ئاياغ دۇكىنى ئاچقان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.10.10
Skechers-AP-ayagh-kiyim-dukan-1024 داڭلىق ئامېرىكا ئاياغ كىيىم شىركىتى Skechers نىڭ پارىژ پارچە سېتىش دۇكىنى. 2020-يىلى 12-ئاۋغۇست، پارىژ
AP/Business Wire

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش نىشانىنى كېڭەيتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكانىڭ داڭلىق ئاياغ كىيىم شىركىتى-سكەچېرس) Skechers) شىركىتى ئۈرۈمچىدە ئۆزىنىڭ تۇنجى ئاياغ كىيىم دۇكىنى ئاچقان. سكەچېرس، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكانىڭ ئەڭ مۇھىم چەكلەش ئوبيېكتىغا ئايلانغان 3-2 يىلدىن بېرى، ئۈرۈمچىدە دۇكان ئاچقان 2-ئامېرىكا شىركىتى بولۇپ قالماقتا. بۇنىڭ ئالدىدا يەنى 2022-يىلى 1-ئايدا ئامېرىكانىڭ داڭلىق توكلۇق ئاپتوموبىل شىركىتى تېسلا ئۈرۈمچىدە ئاپتوموبىل كۆرگەزمە مەركىزى ئاچقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، سكەچېرسنىڭ ئۈرۈمچىدىكى دۇكىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 28-سېنتەبىر كۈنى، يەنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىق ھارپىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن. خىتايدىكى «تاۋنوڭ» تورىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئېچىلىش مۇراسىمىغا سكەچېرسنىڭ ماركا ۋاكالەتچىسى، خوڭكوڭلۇق ئارتىس جېن زىدەن يەنى دونىي يەننىڭ قاتناشقانلىقى ۋە مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار بىلەن «سكەچېرسنىڭ شىنجاڭ بازىرىغا يەلكەن ئېچىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىگە شاھىت بولغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

مۇراسىمدا، جېن زىدەننىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ مىللىي ئۇسۇلىنىڭ تەڭكەشلىكىدە سەھنىگە چىققانلىقى، ئۇسسۇلچىلارنىڭ چاققان قەدىمى بىلەن ئۆزئارا ماسلاشقان مۇزىكا رىتىمى شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇلىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغانلىقى» قەيت قىلىنماقتا. لېكىن سكەچېرسنىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش چۇقانلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئۈرۈمچىدە دۇكان ئېچىشى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ھېنرىك شاجېۋىسكىنىڭ كۆرسىتىشىچە، سكەچېرسنىڭ ئۈرۈمچىدە دۇكان ئېچىشى ئىنتايىن ئەندىشە قىلارلىق تەرەققىيات بولسىمۇ، ئەمما سكەچېرس بۇ تەرەققىياتنىڭ پەقەت بىر پارچىسى ئىكەن. ھېنرىك شاجېۋىسكى 8-ئۆكتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە بۇ، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن چوڭ ئەندىشە. سكەچېرس مەجبۇرىي ئەمگىكى خەۋپى ئىچىدە بايقالغانلارنىڭ پەقەت بىرسى. شۇڭا، سكەچېرسنى بۇنىڭ پەقەت بىر پارچىسى، خالاس! دەيمىز. ماڭا ناھايىتى ئېنىقكى، نۇرغۇن شىركەتلەر‹بىز ناھايىتى سەگەك تۇرۇۋاتىمىز، تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، مەجبۇر ئەمگەككە ئائىت دەلىللەرنى بايقىمىدۇق› دېيىشمەكتە. بۇلارنىڭ بەزىلىرىگە ئېتىرازدا بولۇندى.» ھېنرىك شاجېۋىسكىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئېتىرازدا بولۇنغان بۇ خىل شىركەتلەرنىڭ بىرى، ۋولكىسۋاگېن ئىكەن.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئىشچى ھەقلىرى ئۇيۇشمىسى» ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئەمگەك ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئورگانلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئورگاننىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىسى بويىچە ماسلاشتۇرغۇچى خادىمى جەۋھەر ئىلھام، سكەچېرسنىڭ ھەرىكىتىدىن ھەيران قالغانلىقى ۋە ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. جەۋھەر ئىلھام 8-ئۆكتەبىر رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: «مەن سكەچېرسنىڭ بىزنىڭ رايونىمىزدا يەنە بىر دۇكان ئاچقانلىقىنى كۆرۈپ راستتىنلا ھەيران قالدىم ھەم ئۈمىدسىزلەندىم. سكەچېرس بۇنداق قىلىش ئۈچۈن گاس-گاچا بولۇشى كېرەك ئىدى».

جەۋھەر ئىلھامنىڭ قەيت قىلىشىچە، سكەچېرسنىڭ ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن سودا قىلماسلىق زۆرۈرىيىتىگە جىددىي قارىمىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سكەچېرس بۇنىڭدىن بۇرۇن، ھەتتا ئامېرىكا تاموژنىسى ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق، دەپ قارالغان ۋە ئاگاھلاندۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ قېتىم دۇكان ئېچىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن سودىسىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشىش زۆرۈرىيىتىنى جىددىيگە ئالمىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.»

 ھالبۇكى، بۇ يىل 6-ئايدا سكەچېرسنىڭ خىتايدىكى «دوڭگۈەن بوستانلىق ئاياغ كىيىملىرى» يەنى «دوڭگۇەن لۈجوۋ ئاياغ كىيىملىرى شىركىتى» ناملىق مال تەمىنلىگۈچىسى ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

 «دوڭگۈەن بوستانلىق ئاياغ كىيىملىرى شىركىتى» ئۆزلىرىنىڭ زاۋۇتىدا ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق شەرت-شارائىتتا ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى، بىز ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ، سكەچېرسنىڭ ئۈرۈمچىدە دۇكان ئېچىشىغا بولغان ئىنكاسىنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر جاۋاب بەرمىدى.

سكەچېرس بولسا ئىلگىرى ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ «دوڭگۈەن بوستانلىق ئاياغ كىيىملىرى» نى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشىنى، ئۇلارنىڭ سودىسىغا «ماددىي تەسىر» كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. بىز 8-ئۆكتەبىر، بۇ شىركەتنىڭ ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى جېنېفېر كلاي بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ ئىنكاسىنى سورىغانىدۇق. ئۇنىڭ ياردەمچىسى جېنېفېر كلاينىڭ سەپەردە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۈگۈن ئۇنىڭ «ئىنتايىن ئالدىراش» ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ جاۋاب بېرىشكە ۋاقتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ھالبۇكى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، سكەچېرسنىڭ ئۈرۈمچىدە دۇكان ئېچىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى «نورمال كۆرسىتىش» پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. ئەلفىدار ئىلتەبىر 8-ئۆكتەبىر رادىيومىزغا قىلغان بۇ ھەقتىكى سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق دۇنياغا بىر سىگنال بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

سكەچېرسنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئۆتكەن ئايدا قارار ماقۇللاپ، ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ جازالىشىغا ئۇچرىغان خىتاي شىركەتلىرىنى قوللايدىغانلىقى، بۇ شىركەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن «ئىجابىي ئىجتىمائىي مۇھىت» يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۈرۈمچىدە دۇكان ئېچىشى دىققەت قوزغىماقتا.

قاراردا «پۈتكۈل رايوننىڭ دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ، جازاغا ئۇچرىغان شىركەت ۋە سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش» ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. لېكىن ئامېرىكا «كىشىلىك ھوقۇق فوندى» نىڭ قارىشىچە، سكەچېرس مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىپلا قالماي، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى قوللايدىغان داڭلىق شەخسلەر بىلەن ھەمكارلاشماقتا ئىكەن.

«كىشىلىك ھوقۇق فوندى» نىڭ 9-ئۆكتەبىر رادىيومىزغا بەرگەن يازما باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «سكەچېرس بۇ زۇلۇمنىڭ مەركىزىدە پائالىيەت قىلىش ئارقىلىق، ئەرزان باھالىق مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىپلا قالمىدى. ئۇ، بۇ ۋاقىتتا يەنە خىتاينىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق بازىرىغىمۇ ئېرىشمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رايوندىكى سىياسىتىنى قوللايدىغان داڭلىق شەخسلەر بىلەنمۇ ھەمكارلاشماقتا.»

 ھالبۇكى، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» دىكى ھېنرىك شاجېۋىسكى بولسا، سكەچېرسنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر بولۇۋاتقان بىر رايوندا دۇكان ئېچىشى، ئۇنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىگە سوئال پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ھېنرىك شاجېۋىسكى: «لېكىن پاكىت شۇكى، مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەتتا مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە ئىختىلاپىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ، سىز ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر بولۇۋاتقان بىر جايدا دۇكان ئاچتىڭىز. مەن سكەچېرسنىڭ بۇ قارارىغا سوئال قويىمەن، قانداق ئەخلاق قارشى ئۇنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىغا يول قويدى؟ . بۇ يەردىكى مەسىلە نوقۇل مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى ئىش ھەققى مەسىلىسى ئەمەس. بۇ جايدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر بولسۇن، لېكىن مەن دۇكان ئېچىپ پۇل تاپىمەن دېيىش بەكمۇ نومۇسسىزلىقتۇر» دەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.