بېس شاك: «خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئۈچۈن بىر مىللەتنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنى ساقلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-05-13
Share
بېس شاك: «خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئۈچۈن بىر مىللەتنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنى ساقلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق» ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 12-ئاپرىل توردا ئۆتكۈزگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارى ۋە بۇنىڭ كېيىنكى قەدەملىرى» دېگەن تمېدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى
Social Media

 ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 12-ئاپرىل توردا «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارى ۋە بۇنىڭ كېيىنكى قەدەملىرى» دېگەن تمېدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىنغا ئامېرىكادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ھەمدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئانۇرىما بارگاۋا خانىم ئىچىلىش نۇتۇقى سۆزلەپ،  ئۇيغۇرلار، يەزىدىلەر ۋە روھىنگالىقلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئاساسلىقى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى يىغىۋېلىش لاگېرلارغا سولاش ئارقىلىق ئۇلارغا قارىتا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› سادىر قىلىۋاتىدۇ. بۇ دۇنيادا ‹يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى› يۈز بەرگەندىن بۇيانقى مەلۇم بىر  ئېتنىك ۋە دىنى گورۇپپىغا قارىتىلغان ئەڭ چوڭ يىغىۋېلىش لاگېرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يوقىتىش نىشانىغا ئېلىنغان بۇ مىللەتنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش، ئومۇمىييۈزلۈك ھالدا بالىلارنى ئائىلىلىرىدىن ئايرىۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قىرغىنچىلىقنى تېزلەشتۈرۈۋاتىدۇ.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 19-مارت «سەكپارە بولغان يۈرەك، ۋەيران بولغان ھايات: زۇلۇم ئايرىۋەتكەن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ قاباھەتلىك كەچۈرمىشلىرى» ناملىق بىر دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى. دوكلاتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قاتتىق قوللۇق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ۋە سىستېمىلىق زۇلۇملىرى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۆز بالىلىرى بىلەن بىللە ياشاش ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تونى پېركىنس ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن نۆۋەتتىكى بايدېىن ھۆكۈمىتىنىڭ بىردەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغانلىقىنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ قىزغىن ئالقىشلايدىغانلىقنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار جىددىي ھالدا خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش كېرەككى، ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېلان قىلىش بۇ پەقەت بىر باشلىنىش، ناھايىتى مۇھىم بىر باسقۇچ. ئەمما ‹باستۇرۇش› نېمە دەپ دەپ ئاتىلىشىدىن قەتئىينەزەر، دىنىي گورۇپپىلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشلارنى توختىتىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىش لازىم.»

ستانفورد قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پروفېسسورى، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى قارىمىقىدىكى يەر شارى جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ئورنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئەلچىسى بېس شاك خانىم «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ شەرتلىرىدىكى مەلۇم بىر توپلۇقنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش، بالىلىرىنى تەۋە بولغان توپلۇقتىن ئايرىۋېتىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىرغىنچىلىقتىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ ئەڭ ياخشى ئۆرنەك. ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېيىش ئۈچۈن چوقۇم ‹كەڭ كۆلەملىك ئۆلتۈرۈش› يۈز بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇيغۇرلار ئېغىر دەرىجىدە خەلقئارا ئۆلچەمدىكى كىشىلىك ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىنماقتا. مەجبۇرىي ئەمگەك ئۇنىڭ تىپىك بىر مىسالى. ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نوقۇل قىرغىنچىلىق يۈر بېرىپ بولغاندىن كېيىنكى يامان ئاقىۋەتلا ئەمەس، بەلكى بىر ئىجتىمائىي توپلۇقنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش ۋە تەشەببۇس قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ ئەمەلىيەتتە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› جىنايىتى دائىرىسىگە كىرىدۇ. شۇڭا بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن بىر مىللەتنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنى ساقلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.»

يىغىنغا قاتناشقان باشقا دۆلەت ئەمەلدارلىرىمۇ ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشكەن.

يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر شائىرى، مۇخبىر ۋە يازغۇچى ئادىل تۇنىياز ئەپەندىنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ «دىنىي ۋىجدان مەھبۇسلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

تونۇلغان شائىر ئادىل تۇنياز 2017‏-يىلى 12‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي يىغىۋېلىش لاگېرىدا ۋاپات بولغان مەشھۇر دىنىي ئۆلىما مۇھەممەت سالىھ داموللامنىڭ كۈيئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ 2017-يىلى قىنيئاتىسى مۇھەممەت سالىھ داموللام ۋە ئايالى نەزىرە مۇھەممەت سالىھ بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلغانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى.

كومىسسار نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئاخىرىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئادىل تۇنىياز ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلاردا رەھىمسىزلەرچە تۇتۇپ تۇرۇش قىلمىشىنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت