تاشكەنتتە ئۆتكەن خەلقئارا ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر يىگىتى مۇكاپاتقا ئېرىشتى
2023.03.28

23-26-مارت كۈنلىرى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە «سەنئەت ۋە مەدەنىي مىراس» لايىھەسىگە كىرگەن «يىپەك يولى سەنئىتى» ماۋزۇسىدا كۆپ ژانىرلىق ۋە ئۇسسۇل سەنئىتى بويىچە خەلقئارا مۇسابىقە بولۇپ ئۆتتى. بەش دۆلەتنىڭ تاللانغان ئۇسسۇلچىلىرى قاتناشقان بۇ مۇسابىقىدە قازاقىستانلىق رەخمەتجان يولداشېف باش مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
قازاقىستاننىڭ «قازاقاخبارات»، «زاكون»، «لىتېر»، «ئېلوردا» قاتارلىق ئىناۋەتلىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 27-مارتتىكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تاشكەنتتە ئۆتكەن خەلقئارا ئۇسسۇل مۇسابىقىسىگە بېلارۇس، قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇسسۇل، ناخشا ۋە مۇزىكىلىق تىياتىر ساھەلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كوللېكتىپلىرى ھەم يەككە ئارتىسلىرى قاتناشقان. مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ مەقسىتى خەلقلەرنىڭ مەدەنىي تەرەققىياتىغا ياردەملىشىشكە، ئەللەر ئارىسىدىكى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەشكە، تالانتلىق ياشلارنى ھەرتەرەپلىمە قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە قارىتىلغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قازاقىستان قوراللىق كۈچلىرى مىللىي ھەربىي-ۋەتەنپەرۋەرلىك مەركىزىنىڭ ئالمۇتادىكى شۆبىسىنىڭ ئۇسسۇل گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇسسۇلچىسى، قاتاردىكى جەڭچى رەخمەتجان يولداشېف ئۇيغۇر خەلق «تاۋاق ئۇسسۇلى» نى ئىجرا قىلغان. مۇسابىقە قازىلىرى ئۇنىڭ بۇ يەككە ئۇسسۇلىنى يۇقىرى باھالاپ، پەخرىي يارلىق ۋە بىرىنچى باش مۇكاپات بىلەن تەقدىرلىگەن.
بىز رەخمەتجان يولداشېف بىلەن ئالاقىلەشكىنىمىزدە، ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ سەنئەتكە كېلىشىمگە، بىرىنچىدىن، ئاتا-ئانام سەۋەب بولدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى سەنئەتكار بولۇپ، شۇلارنىڭ تەربىيەسىنى ئالدىم. ھېلىمۇ ئېسىمدە، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرەتتىم. بولۇپمۇ ‹غۇنچە› بالىلار تىياتىرىنىڭ كونسېرتلىرىغا قاتنىشىپ، سەھنىنىڭ، تاماشىبىننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، سەھنىدە ئۆزىنى قانداق تۇتۇش كېرەكلىكىنى چۈشەندىم. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچىدىكى سەنئەت ئىنستىتۇتىدا بىر يىل ئوقۇدۇم، ئاندىن ئوقۇشۇمنى ئالمۇتادىكى ئۇسسۇل سەنئىتى مەكتىپىدە داۋام قىلدىم. ئۇ يەردە ئۈچ يىل بىلىم ئېلىپ، ھازىرقى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتىم. كېيىن قازاقىستاننىڭ ئوتار شەھىرىدىكى ھەربىي قىسىمنىڭ ئانسامبىلىدا ئىشلىدىم».
رەخمەتجان يولداشېف ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە ئۇستازلىرىنىڭ مەسلىھەتى ۋە ياردىمى بىلەن ئالىي مەلۇماتلىق بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
«شۇ ۋاقىتلاردا رۇسىيەنىڭ چېليابىنسك شەھىرىدىكى ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ، ئالىي بىلىملىك بولدۇم. ئاندىن يەنە تىياتىردا ئىككى يىل ئەمگەك قىلىپ، ئاندىن ھەربىي-ۋەتەنپەرۋەرلىك مەركىزىگە خىزمەتكە يۆتكەلدىم. مۇشۇ جەرياندا مەن كۆپ نەرسىنى كۆردۈم، ئۆگەندىم، ئۆزۈمنى سىنىدىم. مۇشۇنىڭ بارلىقى مېنىڭ تاشكەنتتىكى ئۇسسۇل مۇسابىقىسىنىڭ باش مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىمگە ئاساس بولدى، دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭغا تەجرىبىلىك ئۇسسۇلچىلار قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ بارلىقى ئۆزلىرىنىڭ چىرايلىق ھۈنەرلىرىنى نامايىش قىلدى. شۇلار ئىچىدىن باش مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىم مېنىڭ ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن ۋەقە بولدى. بۇ پەقەت مېنىڭلا ئۇتۇقۇم ئەمەس، بەلكى مېنىڭ ئۇستازلىرىمنىڭمۇ، ئاتا-ئانامنىڭمۇ، پۈتكۈل خەلقىمنىڭمۇ ئۇتۇقى دېسەم، ئاشۇرۇپ ئېيتقان بولمايمەن».
ئۇ يەنە تاشكەنتتە ئۆتكەن يەنە بىر سەنئەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 1-ئورۇن ئىگىلىگەنلىكىنىمۇ بىلدۈردى.
رەخمەتجان يولداشېفنىڭ كەسپىي ئۇسسۇلچى دەرىجىسىگە يېتىشىگە قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى، ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ باش ئۇسسۇل يېتەكچىسى، پروفېسسور گۈلنارە سايىتوۋا ھەم داڭلىق ئۇسسۇلچى، «قازاقىستاننىڭ مەدەنىيەت ئەلاچىسى» مېدالىنىڭ ساھىبى ئېلمىرا سەيدۇللايېۋا چوڭ رول ئوينىدى.
ئېلمىرا سەيدۇللايېۋا خانىم رەخمەتجاننى كىچىكىدىن ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بەك تىرىشچان بولۇپ، ئالدىغا قويغان مەقسىتىدىن ھېچ قايتمايدىغان بالا بولۇپ ئۆسكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ بولۇپمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياش سەنئەتكارلىرىنىڭ يېتىلىپ چىقىشىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەسىرى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خاتالاشمىسام، 8-سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ئۇستازلار كېلىپ، ئۈرۈمچىدىكى سەنئەت ئىنستىتۇتىدا بىر يىللىق ئوقۇش ئوقۇيدىغانغا ياشلارنى تاللىدى. شۇ ۋاقىتتا رەخمەتجان ياشلار ئارىسىدا شۇ ياققا ئاتلىنىدۇ. مەن ئۈچ ئايدىن كېيىن بېرىپ، رەخمەتجان بىلەن يېقىندىن تونۇشتۇق. رەخمەتجاننىڭ كەسپىي ئۇسسۇلچى ئىكەنلىكى شۇ ئۈرۈمچىدە باشلاندى. چۈنكى ئۈرۈمچىدىكى سەنئەت مەكتىپى بىزنىڭ سەنئىتىمىز تارىخىنىڭ قاينىمى. شۇ قاينامدا رەخمەتجان ئۆزىنىڭ قەدەملىرىنى دۇرۇس باشلىدى. ئۇ يەردە بىزگە ئاتاقلىق ئۇسسۇلچىلار، پروفېسسورلار دەرسلەرنى بەردى ھەم شۇ بالىلارنىڭ ئىچىدىن رەخمەتجان ئۆزىنى ياخشى تەرەپتىن كۆرسەتتى».
ئېلمىرا سەيدۇللايېۋا رەخمەتجان يولداشېفنىڭ قابىلىيىتىنى بايقىغان سەنئەتكارلارنىڭ ئۇنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكەن كونسېرتلارغا ھەم ئۇسسۇلچى ھەم رىياسەتچى سۈپىتىدىمۇ كۆپ قېتىم تەكلىپ قىلغانلىقىنى، «دولان» ئۇسسۇلىنىمۇ تۇنجىلاردىن بولۇپ ئۆگەنگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كەسپىي ئۇسسۇلچى دەرىجىسىگە يەتكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ تاشكەنتتە ياش ئارتىسنىڭ يەتكەن ئۇتۇقىنىڭ شۇنىڭ بىر يارقىن دەلىلى بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئېلمىرا سەيدۇللايېۋا يەنە ياشلارنىڭ كەسپىي ئۇسسۇلچى بولۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان ژۈرگېنېف نامىدىكى قازاق مىللىي سەنئەت ئاكادېمىيەسىدە، چايكوۋسكىي نامىدىكى سەنئەت مەكتىپىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر بۆلۈملىرى، باشقىمۇ سەنئەت مەكتەپلىرى كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەپ چىققان. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ھازىر ئۇيغۇر تىياتىرى ۋە باشقىمۇ سەنئەت ئۆمەكلىرىدە خىزمەت قىلماقتا.