ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەكلىرىمۇ خەلقئارادا تونۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر تائاملىرىمۇ شۇ قاتاردا خەلقئارا يېمەكلىك مۇسابىقىلىرىدە ئورۇن ئالماقتا. داڭلىق سىياسىيونلار، يازغۇچىلار، شائىرلار، سەنئەتچىلەر، رەسساملار ئارقا-ئارقىدىن ھەر خىل يوللار بىلەن باياناتلار ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىماقتا. 30-ئىيۇن كۈنى تۈركىيەدىكى كۆرۈرمەنلەر سانى ئەڭ كۆپ بولغان تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدىن «ئۇستا ئاشپەز» ناملىق تاماق ئېتىش مۇسابىقىسىنىڭ رىياسەتچىسى، داڭلىق ئۇستا ئاشپەز ۋە كۆپلىگەن داڭلىق ئاشخانىلارنىڭ خوجايىنى سومەر سىۋرىئوغلۇ ۋە داڭلىق ئاشپەز مەمەت يالچىنقايا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن كۆرۈۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن كۆڭلىنىڭ قاتتىق يېرىم بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
30-ئىيۇن كۈنى كەچتە نەق مەيداندىن تارقىتىلغان پىروگراممىدا ئەمىر ئايدوغمۇش ئىسىملىك ئاشپەز ياش مۇسابىقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ لەڭمىنى بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇ، تاماق باھالىغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش لاياقىتىگە ئېرىشتى.

ئەمىر ئايدوغمۇش نەق مەيداندىن تارقىتىلغان تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا لەڭمەن سوزۇپ، قورۇما قورۇپ لەڭمەن قىلدى. ئۇ مەزكۇر پىروگراممىدا ئالدى بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن ئەمىر ئايدوغمۇش، بۇ يىل 23 ياشقا كىردىم. بۈگۈن سىلەرگە لەڭمەن قىلىپ بېرىمەن. بۇ مۇسابىقىگە ئۇيغۇر تاماقلىرىدىن بىرنى تاللىدىم.»
ئارقىدىن مەزكۇر پىروگرامما رىياسەتچىسى، تاماقنىڭ تەمىنى تېتىپ باھالاش ھەيئىتى ئەزاسى سومەر سىۋرىئوغلۇ ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر لەڭمىنى ئالىي تاماق. مەن ئىشتىھا بىلەن يېدىم. بەك تەملىك تاماق. مەن بۇنى تۈركىيەدىكى ھەر قانداق بىر ئاشخانىدا يېسەم يۇقىرى باھا بېرىمەن. سەن بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتتۈڭ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش لاياقىتىنى قازاندىڭ.»
«ئۇستا ئاشپەز» پىروگراممىسىنىڭ باھالاش ھەيئەت ئەزاسى مەھمەت يالچىنقايا ئەپەندىمۇ سومەر سىۋرىئوغلۇنىڭ دېگەنلىرىنى تەستىقلاپ مۇنداق دېدى: «ھەئە، ئۇيغۇر نامىنى ئاڭلاپلا شۇ يادىمغا كەلدى. ئۇيغۇر تۈركلىرىگە سالامىمنى يوللايمەن. ئۇلار تارتىۋاتقان زۇلۇمنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆرۈۋاتىمەن. بىزنىڭ قەلبىمىز ھەر دائىم ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن بىللە. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ئىسكەنجە، زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھامان بىر كۈنى تۈگەيدۇ.»

ئەمىر ئايدوغمۇش بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئىسمىم ئەمىر ئايدوغمۇش، ھازىر 23 ياشتا، سەككىز يىلدىن بۇيان ئاشپەزلىك قىلىۋاتىمەن. 14 ياش ۋاقتىمدا بولۇ ۋىلايىتىنىڭ مەنگەن ناھىيەلىك ئاشپەزلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئاشپەزلىك كەسپىنى باشلىغان ئىدىم. كېيىن ئانتالىيەدىكى ئاق دېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىككى يىللىق ئاشپەزلىك كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىستانبۇلدا بىر رېستوراندا ئىشلەۋاتىمەن. مەن مىللىتىمنى ۋە تاماقلىرىمىزنى ياخشى كۆرگەچكە تۈرك تاماقلىرى بويىچە ئۇستا بولدۇم.»
ئەمىر ئايدوغمۇش ئۇستا ئاشپەز مۇسابىقىسىدە لەڭمەن قىلىشىدىكى مەقسەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ‹ئۇستا ئاشپەز› تاماق مۇسابىقىسىدە لەڭمەن قىلدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن بولغاچقا تاماقلىرىمىز ئوخشاپ كېتىدۇ.»
ئەمىر ئايدوغمۇش تاماقلارنىڭ بىر مىللەتنى تونۇشتۇرۇشتا زور رول ئوينايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇر تاماقلىرىدا بەزى ئىسلاھاتلارنى قىلىش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن كۈتمىگەن شەكىلدە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ماختىشىنى قولغا كەلتۈردۈم. نۇرغۇن ياخشى ئىنكاسلار كەلدى. لەڭمەن بەك ياخشى تاماق، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ياخشى تاماقلىرى بار. لېكىن دۇنيادا ھەممىلا ياخشى نەرسە بىلىنىپ كەتمەيدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاشخانا ئېچىۋېتىپتۇ، ئەلۋەتتە كىلاسسىك ئۇيغۇر تاماقلىرىنى قىلىش مۇھىم، لېكىن بۇ تاماقلارنى يېڭىلاش، ئىسلاھات قىلىش كېرەك. مەسىلەن ئامېرىكادا ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئاچقانلار ئامېرىكىلىقلار ياخشى كۆرىدىغان بەزى خۇرۇچلارنىمۇ قوشۇپ ئۆزگەرتىش قىلسا بولىدۇ. يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ مىللەتلەرنى تونۇشتۇرۇشتا رولى ناھايىتى زور.»
«تۈركىيە ئۇستا ئاشپىزى» ناملىق ئاشپەزلىك مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىم ئەنگلىيەدە باشلانغان بولۇپ، ھازىر دۇنيادىكى 18 دۆلەتتە بار ئىكەن. تۈركىيەگە 2011-يىلىدا كىرگەن بولۇپ 2018-يىلىدىن تارتىپ «قانال-8» تېلېۋىزىيەسىدە نەق مەيداندىن تارقىتىلماقتا. بۇ، تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ كۆرۈرمىنى بار مۇسابىقە بولۇپ، مەزكۇر پىروگراممىغا دۇنيادا تونۇلغان ئىتالىيەلىك ئاشپەز دانىلو زاننا، تۈركىيەلىك داڭلىق ئاشپەز سومەر سىۋرىئوغلۇ بىلەن مەمەت يالچىنقايا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلماقتا.
تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ كىشى، بولۇپمۇ ياشلار قىزىقىپ كۆرىدىغان بۇنداق بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرەشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى «بۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تۈركىيەدە زورايغانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دەپ كۆرسىتىش بىلەن بىرگە بۇ خىل تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى ئون مىليونلىغان ئادەمنىڭ كۆرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا ئۇيغۇر لەڭمىنىنىڭ كۆرسىتىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلغا ئېلىنىشىنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنىڭ تونۇلۇشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
2021-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچقۇرۇن نەق مەيداندىن تارقىتىلغان پىروگراممىدا بۇرجۇ ئۆنال ئىسىملىك ئاشپەز ئايال مۇسابىقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ كاۋا مانتىسى بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇ، تاماق باھالىغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش لاياقىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.