«ئۇيغۇر 2019 ناملىق» قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللۇقتىن ئۆتتى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2019.12.03
uyghur-bill-8.jpg

«ئۇيغۇر 2019 ناملىق» قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 3-دېكابىر، ۋاشىنگتون. house.gov

uyghur-bill-1.jpg

«ئۇيغۇر 2019 ناملىق» قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 3-دېكابىر، ۋاشىنگتون. house.gov

uyghur-bill-2.jpg

«ئۇيغۇر 2019 ناملىق» قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 3-دېكابىر، ۋاشىنگتون. house.gov

uyghur-bill-3.jpg

«ئۇيغۇر 2019 ناملىق» قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 3-دېكابىر، ۋاشىنگتون. house.gov

uyghur-bill-4.jpg

«ئۇيغۇر 2019 ناملىق» قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 3-دېكابىر، ۋاشىنگتون. house.gov

uyghur-bill-5.jpg

«ئۇيغۇر 2019 ناملىق» قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 3-دېكابىر، ۋاشىنگتون. house.gov

uyghur-bill-9.jpg

«ئۇيغۇر 2019 ناملىق» قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 3-دېكابىر، ۋاشىنگتون. house.gov

uyghur-bill-11.jpg

«ئۇيغۇر 2019 ناملىق» قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 3-دېكابىر، ۋاشىنگتون. house.gov

uyghur-bill-6.jpg

«ئۇيغۇر 2019 ناملىق» قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 3-دېكابىر، ۋاشىنگتون.

تۈزىتىپ يېڭىدىن تونۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش ۋە دۇنياۋى ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئورتاق ئىنكاسى» يەنى «ئۇيغۇر 2019 ناملىق» قانۇن لايىھىسى 3-دېكابىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى.
قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدا 1 گە قارشى 407 ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى.

مەزكۇر قانۇننىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى يەنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو قاتارلىقلار تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلۇپ، بۇ يىل 11- سېنتەبىر كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ئىدى.
ھالبۇكى، بۇ نۆۋەت تونۇشتۇرۇلغان قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدا ئىلگىرى تونۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش ۋە دۇنياۋى ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئورتاق ئىنكاسى قانۇن لايىھىسى» بىلەن كېڭەش پالاتاسىدا تونۇشتۇرۇلۇپ ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» بىرىكتۈرۈلگەن يېڭى قانۇن لايىھىسى ھېسابلىنىدىكەن.

قانۇن لايىھىسى دۆلەت مەجلىسىدە 40 مىنۇت ئەتراپىدا مۇنازىرە قىلىندى ۋە شۇ كۈنى كەچ سائەت 7 دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە قانۇننىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكى رەسمىي جاكارلاندى.

قانۇن لايىھىسى كەلگۈسىدە كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلىدۇ ۋە كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، پرېزىدېنتنىڭ ئىمزالىشىغا يوللىنىدۇ ۋە پرېزىدېنت ئىمزا قويغاندىن كېيىن رەسمىي قانۇن بولۇپ ماقۇللىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.