دوكتور ئەسقەر ھېمىت كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلاندى

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئۆز ئارا جەم قىلىپ ئىلىم ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئەقىل ئامبىرى شەكىللەندۈرۈپ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇنىڭ شۆبىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي كىرىزىسى ئېغىرلاشقان 7 يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۈنسايىن جانلاندۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىر تەرەپتىن، دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرگە ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ۋە زۇلۇمنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر خەلقىگە بىلىم ئارقىلىق يول كۆرسىتىش، چارە ئىزدەش، ئۆز رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تورىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 21-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ كانادا شۆبىسى، يەنى كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغىنىغا ئۈچ يىل بولغان بولۇپ، ھەيئەت ئەزالىرى نىزامنامە تەلىپى بويىچە سايلام ئۆتكۈزۈپ، دوكتور ئەسقەر ھېمىتنى قايتىدىن رەئىسلىككە سايلاپ چىققان.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ كانادا شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئەسقەر ھېمىت ئەپەندى. 2024-يىلى 21-نويابىر.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ كانادا شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئەسقەر ھېمىت ئەپەندى. 2024-يىلى 21-نويابىر. (RFA/Erkin Tarim)

دېموكراتىك ۋە ئادىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن كانادا كالگارى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىيولوگىيە تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئەسقەر ھېمىت ئەپەندى كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلانغان. ئاكادېمىيە نىزامنامىسىغا ئاساسەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تارماق ئاكادېمىيە رەئىسلىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۇدا ئىككى نۆۋەت رەئىس بولالايدىكەن.

كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مەزكۇر سايلىمىغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس، ئاكادېمىيە باش تەپتىشى دوختۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندىلەرمۇ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشقان.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تۆر بېتىدىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى دوكتور ئەسقەر ھىمىت باشچىلىقىدا 7 كىشىلىك دائىمىي ھەيئەت كومىتېتىنىڭ تەشكىللىنىشى بىلەن 2021-يىلى 24-سېنتەبىردە تورونتودا قۇرۇلغان ۋە رەسمىي رويخەتكە ئېلىنغان. بۇ ئىلمىي تەشكىلات كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇش، ئىلىم-مەرىپەت ئارقىلىق ئۇيغۇر روھىنى جانلاندۇرۇش، ۋەتەن-مىللەت كۈرىشىگە ئىلمىي جەھەتتىن ماسلىشىش مەقسىتىدە قۇرۇلغانىكەن.

دوكتور ئەسقەر ھىمىت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى سايلامدىكى تەسىراتى ۋە كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئورتاقلاشتى.

ئۇ كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۆتكەن ئۈچ يىل ئىچىدە قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاڭلىتىشقا مەركەزلەشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كانادا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئىختىساس ئىگىلىرى كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت. دوكتور ئەسقەر ھېمىت ئەپەندى كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۇندىن كېيىن نۇقتىلىق ھالدا قىلىدىغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش تەپتىشى دوختۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ يىللىق خىزمەتلىرىگە، بولۇپمۇ كانادادا ئانا تىلنى قوغداشقا دائىر قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىدىكى نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى، شۇنداقلا كېيىنكى ئۈچ يىللىق خىزمەتلىرىگە تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى تىلىدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن باشقا يەنە ياۋروپا، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەت ھەم رايونلاردا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرى قۇرۇلغانلىقى مەلۇم.