ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى 2023-يىلىدا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىماقتىكەن
2022.12.28

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى يېقىندا ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا ئىشخانا ئاچقان. 25-دېكابىر كۈنى خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەنىڭ رەئىسى دوكتۇر رىشات ئابباس، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى باشچىلىقىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆيدىكى يېڭى ئىشخانىسىدا باش قوشۇپ يىغىن ئاچقان. يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ 2022-يىللىق خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلگەن، 2023-يىللىق خىزمەت پىلانى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ساھىپخان بولۇش سۈپىتى بىلەن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ 2022-يىلىدا تۈركىيەدە ئېلىپ بارغان خىزمەت پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بەرگەن.
ئاندىن خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ ئىستانبۇل سەفاكۆيدە يېڭىدىن ئېچىلغان ئىشخانىسىنى تەبرىكلىگەن، بۇ يېڭى ئورۇندا ۋەتەن-خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىشىنى ئۈمىد قىلغان.
دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 2022-يىلى ئېلىپ بارغان خىزمەت پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى 2022-يىلى تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۈركىيەدە بىر قاتار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىنى ئويۇشتۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ تەشكىللىشىدە ئەنقەرەدە سىياسىي پارتىيەلەر، ھۆكۈمەت ئەربابلىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە تاراتقۇ خادىملىرىغا قارىتا بىر قاتار لوبىيچىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە زىيالىيلارنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي خىزمەتلەر» ھەققىدە بىر يۈرۈش يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنلىرى ئېچىلغان ۋە بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ قارمىقىدىكى خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيەدە خىتاي تەھدىدى، خىتاي كېڭەيمىچىلىكى ۋە خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ زىيانلىرى ھەققىدە بىر يۈرۈش مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ يىتەكچىلىكىدە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىي ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايغا قارشى ئەمەلىي كۈرەش سېپىدە ئۆزلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى ھەققىدە سىرىتقا يېپىق ھالدا مۇزاكىرە يىغىنلىرى ئېچىلغان.
دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ تۈركىيەدە ئېلىپ بارماقچى بولغان 2023-يىللىق خىزمەت پىلانى توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2023-يىلى ئاساسلىقى ياشلارنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىگە ئالاقىدار تېمىلاردا ئۇزۇن مۇددەت تەربىيەلەش خىزمىتى ئېلىپ بېرىش، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر چوڭلارغا ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرگە پايدىلىق ھەر خىل كۇرسلارنى ئېچىش، ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرۇش، تۈركلەرگە قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە خىتاي تەھدىدىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئەنقەرەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان لوبىيچىلىق پائالىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەت پىلانلىرىنى تۈزگەن ئىكەن.
خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئسى دوكتۇر رىشات ئابباس يىغىن جەرىيانىدا سۆز قىلغان ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ خىزمەت-پائالىيەتلىرىنى ئاڭلاپ چىققان. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 2009-يىلى تۈركىيەدە قۇرۇلۇپ، 2021-يىلىغىچە دۇنياغا كېڭەيگەنلىكىنى، 2021-يىلى 11-دېكابىردا ئاكادېمىيە تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىنىش ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە قاراشلىق بارلىق شۆبە ئاكادېمىيەلەر، ئىنستىتۇتلار ۋە كومىتېتلارنىڭ رەئىس، مۇدىر، مۇئاۋىن رەئىس ۋە باش كاتىبلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە ئومۇمىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىدىغان باش رەئىس سايلاپ چىقىلغان. ھازىر ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا 7 شۆبىسى ۋە 3 ئىنىستىتۇتى بولغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك ئىلمىي تەشكىلاتى بولۇپ قالغان. ئۇ، ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە بارلىق ئاكادېمىيەلەرنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيە ۋەخپىسىنىڭ ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىپ، باشقا يەردىكى ئاكادېمىيەلەرگە ئۈلگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىت قاراخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 2022-يىلىدا ئېلىپ بارغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاقىدار قىلغان خىزمەتلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر زىيالىيلارنى تەشكىللەپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ۋە تەرجىمە خىزمەتلىرىنى ئەمەلىي جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاكادېمىيە تارماقلىرى ئۆزلىرى تۈرۇشلۇق دۆلەتلەردە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگان ۋە كىشىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتغان ۋە بۇ ھەقتە لوبىيچىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. ئۇيغۇر ئاكادېميەسى يەنە دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ۋەتەننىڭ ۋەزىيىتى ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا ئالاقىدار تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، بىر يۈرۈش ئاكادېمىيە تور سۆھبىتى ئېلىپ بارغان. ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخى توغرىسىدا خەلقنى توغرا چۈشەنچىگە يېتەكلەپ كەلگەن. خەلقئارادا ھەر ساھەدە كۆزگە كۈرۈنگەن تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى يىغىپ، 9-ئايدا تۈركىيە ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق كۈرىشى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى، بۇ يىل 12-ئايدا ئامېرىكادىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداش، ياشلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا تەتقىقات، تەرجىمە ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش توغرىلىق بىر قاتار خىزمەت تۈرلىرى تۈزۈلۈپ، مۇناسىۋەتلىك ئورگان ۋە كىشىلەر بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا ئەمەلىي قەدەملەر بېسىلغان.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى، مەركىزى ئامېرىكاغا يۆتكەلگەن خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تۈركىيەدىكى تارمىقى ھېسابلىنىدىكەن.