18-سېنتەبىر شەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر خىزمەتلەر» دېگەن تېمىدامەخسۇس يىغىن ئېچىلدى.
يىغىنغا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلار، ئىلمىي تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بولۇپ، 35 كىشى قاتناشتى.

يىغىن تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئوخشىمىغان بىر پىكىر-قاراشلارغا ھۆرمەت قىلىش، ئوخشاش بولغان نوقتىلاردا بىرلىك ھاسىل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۈچۈن ھازىر مۇھىم بولغىنى ئارىمىزدىكى ئورتاق نوقتىلارنى قېزىپ چىقىرىپ بىرلىك ھاسىل قىلىشتۇر. خەلقىمىز ئېغىر دەرىجىدە ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئوخشىمىغان پىكىر ۋە ئىدېئولوگىيەلىك قاراشلارنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ئورتاق نوقتىلىرىمىزدا بىر يەر جەم بولساق، كۈچ بىرلىكى ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.»
شۇنىڭدىن كېيىن يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئىككى گۇرۇپىغا ئايرىلىپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تاقاتقۇزۇش، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەدەنىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەققىدە مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
يىغىندا يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئاڭ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا بىلىم، ياراملىق ئىزباسارلارنى يېتىشتۇرۇشنىڭ لايىھەسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنكى بۆلۈمىدە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي كۈچ بەرپا قىلىش، لوبىيچىلىك ھەرىكىتىنى كۈچەيتىش، مىللىي مۇستەقىللىقنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى ئېنىق ئايرىش دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردا مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. ئاخىرىدا دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى خۇلاسە سۆزى قىلدى.
بىز بۇ يىغىندائوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم نۇقتىلار ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ۋە ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى توغرا تەھلىل قىلىش ۋە قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر ھەم ئەمەلىي ئىشلار ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىنىڭ يېڭى بىر يۈزلىنىشكە قاراپ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل يېڭى ۋەزىيەتكە قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى بويىچە ئۇيغۇر زىيالىيىلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى لاگېر شاھىتلىرى ئارقىلىق جازا لاگېرلارغا ئائىت دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاش، دوكلات تەييارلاش، گۇۋاھلىق ۋىدىيولىرىنى ئىشلەپ تارقىتىش، شۇ ئارقىلىق لاگېر مەسىلىسىنى داۋاملىق كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى. يەنە بىرى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى خىتايغا قارىتا ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۈرگۈزۈشكە، خىتاي مېلىنى بايقوت قىلىشقا چاقرىش مەسىلىسى، شۇنداقلا خىتاينىڭ خىرسىغا ئۇچراۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنى خىتايغا قارىتا قاتتىق بولۇشقا چاقىرىش توغرىلىق مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلدى.»
ئابدۇلھەمىت قاراخان يەنە بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر-تەكلىپلەر توغرىسىدىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.