خىتاينىڭ تۇمشۇق شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنى DNA سى ئارقىلىق تونۇش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 3‏-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تۇمشۇق شەھىرىدە دنا ئارقىلىق ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ چىرايىنى سىزىپ چىقىشنى سىناق قىلىۋاتقانلىقىنى توغرىسىدىكى خەۋىرى.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 3‏-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تۇمشۇق شەھىرىدە دنا ئارقىلىق ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ چىرايىنى سىزىپ چىقىشنى سىناق قىلىۋاتقانلىقىنى توغرىسىدىكى خەۋىرى.
nytimes.com

گېرمانىيەدىكى ئاساسلىق تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان ماكس پلانك جەمئىيىتى 3‏-دېكابىر كۈنى رادىيومىزغا بايانات بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۇمشۇق شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان DNA ئارقىلىق يۈز تونۇش تەتقىقاتىدا جاۋابكارلىقى بارلىقىنى رەت قىلدى. بۇ ئورگاننىڭ تەكىتلىشىچە، مەزكۇر تەتقىقات تۈرىدىكى مالىيە ۋە ئەخلاقىي جاۋابكارلىق پۈتۈنلەي خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۈستىدە ئىكەن. 3‏-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ تۇمشۇق شەھىرىدە تەجرىبىخانا قۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ DNA سى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يۈز چىرايىنى سىزىپ چىقىش تېخنىلوگىيەسىنى سىناق قىلىۋاتقانلىقى، گېرمانىيە ماكس پلانك جەمئىيىتىنىڭ بۇ تەتقىقات تۈرىگە قاتنىشىۋاتقان بەزى خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنى پۇل بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان.

خىتاينىڭ يۈز تونۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئېتنىك كىملىكىنى تونۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ۋە بۇ تېخنولوگىيەنىڭ بەزى ھالقىلىق ئورۇنلاردىكى بىخەتەرلىك كامېرالىرىدا ئىشلىتىلگەنلىكى ھەممىگە مەلۇم ئىدى. لېكىن «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 3‏-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، ئەمدى خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تۇمشۇق شەھىرىدە DNA ئارقىلىق ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ چىرايىنى سىزىپ چىقىشنى سىناق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ، مەزكۇر تەتقىقات تۈرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىۋاتقان 3 نەپەر خىتاي تەتقىقاتچىسىنىڭ كىملىكىنى ئېلان قىلغان. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، بۇ تەتقىقات تۈرىگە قاتنىشىۋاتقان ئاز دېگەندە ئىككى نەپەر خىتاي تەتقىقاتچىسىنىڭ غەربتىكى بەزى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى بارلىقى تەكىتلىنىپ، گېرمانىيە ماكس پلانك جەمئىيىتى بۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرىگە 22 مىڭ دوللار ياردەم بەرگەنلىكى، شۇنداقلا يەنە بىر خىتاي تەتقىقاتچىنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە گوللاندىيە ئېرسمۇس ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي مەركىزىدە ۋەزىپىسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 3‏-دېكابىر كۈنى گېرمانىيەدىكى ماكس پلانك جەمئىيىتىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەردىن خەۋىرى بار-يوقلۇقى، مەزكۇر تەتقىقات تۈرىنى پۇل بىلەن تەمىنلىگەن-تەمىنلىمىگەنلىكى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەندىشىلىرىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى سورىغان ئىدۇق. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ باياناتچىسى كرىستىنا بېك شۇ كۈنى سوئاللىمىزغا قايتۇرغان يازما باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدا جاۋابكارلىقى بارلىقىنى رەت قىلدى.

باياناتتا: «بىز ئەلۋەتتە سىز ئېيتقان مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەندىشىلىرىنى چۈشىنىمىز. لېكىن نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىكى مەسىلە پۈتۈنلەي خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مالىيە، مەمۇرىي ۋە ‏ئەخلاقىي جاۋابكارلىقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان. لېكىن ماكس پلانك جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىق ئىشلىرىدا ئۆزىنىڭ ئەخلاقى ئۆلچەملىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئېھتىياجلىق ياكى ئەمەسلىكىگە كەلسەك، بىزنىڭ پرېزىدېنت ئورگنىمىزنىڭ ئەخلاق كېڭىشىگە ھازىرقى مەسىلە ھەققىدە، بولۇپمۇ بەزى ئورگانلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىدە سەزگۈر ساھەلەرنى قانداق ئايدىڭلاشتۇرۇش، سۇيىئىستېمال خەۋپىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى» دېيىلگەن.

ماكس پلانك جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ بۇنىڭدا جاۋابكارلىقىنىڭ بارلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ 2 مىليوندەك مۇسۇلمان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان، مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى توپلىنىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ DNA ئامبىرى قۇرۇلغان ئۇيغۇر رايونىدەك بىر جايدا، يۈزلىگەن ئۇيغۇرنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنىڭ مەزكۇر تەتقىقات تۈرىگە ئىشلىتىلىشى مۇتەخەسسىسلەردە ئەندىشە قوزغاپ، زور ئەخلاقى سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يەردىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە قان ئەۋرىشكىلىرىنىڭ قانداق ئېلىنغانلىقى ۋە بۇ تەتقىقاتنىڭ قانداق مەقسەتنى چىقىش قىلىۋاتقانلىقى ئىكەن. خىتاي تەرەپ مەزكۇر تەتقىقاتتا ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارا ئىلمىي ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭدا ئىشلىتىۋاتقان قان ئەۋرىشكىسى تۇمشۇقتىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ رازىلىقى بىلەن ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن خەلقئارادا خىتاي ئىنسان غول ھۈجەيرىسىنى گۇمانلىق ئىشلارغا ئىشلىتىۋاتدۇ، دېگەن قاراشتىكى مۇتەخەسسىس ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيتمەكتە.

ئامېرىكادىكى ماسساچۇسېتتىس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ غول ھۈجەيرە تەتقىقاتچىسى، دوكتور مايسەم مۇتەللىپوۋا ئەنە شۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر DNA ئامبىرى قۇرۇشى غەرەزلىك بولۇپ، ئۇ ھېچقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئۇلارنىڭ رازىلىقى بىلەن ئالمايدىكەن.

مايسەم مۇتەللىپوۋا 3‏-دېكابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلار ھەممىنى ئېلىپ بولدى، ئۇلارنىڭ قولىدا ھەممە نەرسە بار. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ئەسىر ئېلىۋالدى. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھەممە ئۇچۇرى ئۇلارنىڭ قولىدا. ئۇلارنىڭ تېلېفون نومۇرى، تۇرۇشلۇق ئورنى، دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ھۆكۈمەت ھېچنېمىگە ئېھتىياجلىق ئەمەس. چۈنكى، مېنىڭ خەلقىمنىڭ ھەممە نەرسىسى ئۇلارنىڭ قولىدا بار. ھېچقانداق بىر غەرب دۆلىتى پۇقرالارنىڭ DNA سىنى رەتلەپ، مەلۇم تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرمايدۇ. لېكىن پەقەت خىتايلا بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ DNA سىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ DNA سىنى ئىشلىتىشتە ھېچ بىر ئۇيغۇرنىڭ ماقۇللىغىنى ئالمايدۇ. لېكىن غەرب دۆلەتلىرىدە ھېچكىم بۇنداق قىلالمايدۇ. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ DNA سى بىلەن ئوينىشىپ، ھەرقانداق بىر تېخنىلوگىيەنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى، بۇ تېخنولوگىيە بەلكىم ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىشلىتىلىشى، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئىشلىتىشى مۇمكىن.»

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، كىشىلەرنىڭ DNA سى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئېتنىك كىملىكى ۋە چىراي تۇرقىنى سىزىپ چىقىش تامامەن مۇمكىن ئىكەن. مايسەم مۇتەللىپوۋا مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇيغۇرلار، بىر توپ سۈپىتىدە مىڭلارچە يىلدىن بېرى بىر جايدا ياشاپ كەلدۇق. شۇڭا، بىز DNA ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مىڭلىغان، مىليونلىغان ئورتاق گېنلارغا ئىگە. شۇڭا، بىزنىڭ ئۇيغۇرلۇقىمىزنى ئىپادىلەيدىغان نۇرغۇن ئورتاق گېنلىرىمىزنىڭ بولۇشى زور ئېھتىماللىق. بىز گېنىمىزدىكى بۇ ئورتاقلىقلارغا قاراپ، قەدىمدە بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەيەرگە باغلىنىدىغانلىقىنى قارار قىلالايمىز. بىزدە بۇنىڭغا دائىر نۇرغۇن گېن تىپى بار. مەسىلەن، مەن ئۆزۈمنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى گېن تەتقىقات شىركەتلىرىگە ئەۋەتىپ بەرسەم، ئۇلار مېنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان گېنىتىك ئالاقەمنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. بۇ يەردە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سنەپ گېنىمىزنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى. بۇ بىزنى باشقىلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىك، مانا بۇ ئۇلار ئېرىشمەكچى بولغان نۇقتىدۇر.»

نۆۋەتتە مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قاراپ، بۇ تېخنولوگىيە خىتاينى ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي كەمسىتىشى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ باشقا ھەر خىل كەمسىتىش قىلمىشلىرىنى ئاقلىشى ۋە ئۇنى كۈچەيتىشىنى يېڭى قورال بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن، دەپ ئەندىشە قىلماقتا. دوكتور مايسەم مۇتەللىپوۋانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، شۇڭا دۇنيا خىتاينىڭ ئۇيغۇر DNA سىنى قانۇنسىز ئىشلىتىشىگە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت