غەيرەت كەنجى ئىشلىگەن «ئۇيغۇر ئېدىت» نىڭ يېڭىلانغان نەشرى تورغا قويۇلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021.02.19
غەيرەت كەنجى ئىشلىگەن «ئۇيغۇر ئېدىت» نىڭ يېڭىلانغان نەشرى تورغا قويۇلدى غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندى.
Photo: RFA

كومپيوتېر مۇتەخەسىسى غەيرەت كەنجى تەرىپىدىن 2003-يىلى نەشر قىلىنىپ ھەقسىز تارقىتىلغان «ئۇيغۇر ئېدىت» يۇمتالى ئۇيغۇر كومپىيوتېر مەشغۇلاتى ھەم يېزىقچىقىدا ئومۇملاشقان شۇنداقلا قوللىنىش ئاسان بولغان كۆپ ئىقتىدارلىق يۇمشاق دېتالدۇر.

10 نەچچە يىلدىن بۇيان ياپونىيەدە ياشاۋاتقان كومپيوتېر مۇتەخەسسىسى غەيرەت كەنجى ئەپەندى، يېقىندا فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «ئۇيغۇر ئېدىت» يۇمتالىنىڭ 2021-يىلى 2-ئايدا يېڭىدىن نەشر قىلىنغان نۇسخىسىنىڭ گوگۇلدا ھەقسىز تارقىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان غەيرەت كەنجى ئەپەندى «ئۇيغۇر ئېدىت» يۇمتالىنىڭ ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىقچىلىقىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس Windows سىستېمىسىغا ماسلاشتۇرۇپ لاھىيىلەنگەن يۇمشاق دېتال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر ئېدىت» قوللىنىلىۋاتقان 20 يىلغا يېقىن جەرياندا، بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئىقتىدارى غەيرەت كەنجى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم يېڭىلانغان ھەم تولۇقلانغان.

غەيرەت كەنجىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر ئېدىت» نىڭ 2021-يىلى 2-ئايدىكى يېڭى نۇسخىسىغا ئاپتوماتىك ئىملا تەكشۈرۈش، يېزىق ئالماشتۇرۇش (ئۇيغۇر كونا يېزىقى، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ۋە ئۇيغۇر كرىل يېزىقىنى بىر-بىرىگە ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىش)، ئاپتوماتىك يېزىق ئالماشتۇرغاندا ھەرپلەرنىڭ چوڭ-كىچىك ئۆزگىرىشى، قۇر ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى ئاپتوماتىك تاماملاش ئىقتىدارلىرى قوشۇلغان.

غەيرەت كەنجى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر ئېدىت» نىڭ 2021-يىلدىكى ئەڭ يېڭى نەشر نۇسخىسىمۇ توردا ھەقسىز تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇنى گوگۇلدىن بىۋاستە چۈشۈرۈپ قوللىنىشقا بولىدىكەن.

يوقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.