«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى تۈركىيەدە تور بىخەتەرلىكى بويىچە ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.06.03
rushen-abbas-amerika-korgezme.jpg ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى روشەن ئابباس خانىم ئۆزى بىۋاسىتە كۈچ چىقىرىپ، ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا ئۆتكۈزگەن رەسىم كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 14-مارت.
RFA/Eziz

ئۇيغۇر دەۋاسى كۈچەيگەن مەزگىلدە خىتاينىڭمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىگە قىلىدىغان تور ھۇجۇمىنىڭ كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقى رادىيومىزنىڭ ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلانغان ئىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرچە تورىدا ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان شەكلى ئۆزگەرگەن نازارىتى-تور خاككېرلىق ھۇجۇمى» ناملىق خەۋەر بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. بۇ خەۋەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قاتارلىق غوللۇق تور بېكەتلەرگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلار يانفون ياكى كومپيۇتېر ئارقىلىق بۇنداق تور بېكەتلەرگە كىرگەن ھامان جاسۇسلۇق ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان. نۆۋەتتە خىتاينىڭ بۇنداق بۇزغۇنچىلىقنى يېڭى تېخنىكا، يېڭى تاكتىكىلار بىلەن داۋاملىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن كۆپىنچە پائالىيەتلىرىنى ئۆيدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتقان، شۇنداقلا خىتايغا قارشى تەشۋىقات سېپىگە قېتىلىۋاتقان ياشلارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى 1-ئىيۇن تۈركىيەنى نۇقتا قىلىپ توردا تەربىيەلەش ئېلىپ بارغان.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىدىن ئەمىنە خانىم بۇ قېتىملىق تەربىيەلەشنى ئۇيۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كورونا ۋىرۇسى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى تور ئارقىلىق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ۋە تور ئارقىلىق تەربىيەلەشنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇردى. بۇ قېتىملىق تەربىيەلەشنىڭ مەقسىتىمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تور بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلالايدىغان، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئۈستىدىكى زۇلۇمنى توختىتىشقا ھەسسە قوشالايدىغان قىلىشتۇر. ئەسلىدە بىز بۇ تەربىيەلەشنى ئۈچ كۈنگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى، تور ئارقىلىق ئەمەس يۈز تۇرانە ئېلىپ بېرىشنى، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياشلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە خىتايغا قارشى ئاخبارات ئۇرۇشىدا رول ئوينىيالايدىغان بىر قوشۇننى بەرپا قىلىشنى پىلانلىغانىدۇق. كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن بۇ پىلانىمىزنى تور ئارقىلىق كىچىك دائىرىدە بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشۇردۇق. خىتاي ھازىر توردا ئۆزىنىڭ يالغان ۋە تەتۈر تەشۋىقاتىنى كۈچەپ داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، بىزمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى جەڭ مەيدانى قىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز. ئەمما بۇ كۈرەشتە ئىشلىتىدىغان قورالنى، يەنى تاراتقۇلارنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلىش كېرەك. بىز بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر ياشلىرىغا ياردەم قىلىشنى، يېتەكچىلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىپ بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردۇق.»

ئەمىنە خانىم يەنە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئۆتكەنكى قېتىم دۇنيا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتىدە دوكلات بېرىۋاتقاندا خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ قېتىملىق تەربىيەلەشتە تور ھۇجۇمىدىن قانداق ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنىمۇ مۇھىم مەزمۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى: «بىز ئۆتكەندە خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدۇق، ئۇلار خىتاي دۆلەت ناخشىسىنى قويۇپ پائالىيىتىمىزگە توسقۇنلۇق قىلدى. بىز بۇنىڭدىن تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىش جەھەتتە تەربىيەلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇق. بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارادا كەڭ تەشۋىق قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان بۇنداق تەربىيەلەشلەرنى داۋاملىق ئېلىپ بارىمىز.»

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم بۇ قېتىملىق تەربىيەلەشنىڭ تۈركىيەنى ئاساس قىلىشىدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ، تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارغا پايدىسىز تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، تۈرك خەلقىگە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىشنىڭ يەنىلا زۆرۈرلۈكىنى، بۇ جەھەتتە تۈركىيەدىكى ياشلارغا چۈشىدىغان ۋەزىپىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ تەربىيىلەش تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ياشلاردىن 48 كىشى بۇ تەربىيەلەشكە قاتناشقان. يىغىندا لېكسىيە بەرگەن مۇتەخەسسىسلەردىن ئەلى تۇنا ئەپەندى تىۋىتتېر، فېيسبۇك، يۇتۇب، ئىنستىگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئەگەشكۈچىلەرنى قانداق كۆپەيتىش، ھەمبەھىرلەشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش دېگەندەك مەسىلىلەردە سۆزلىگەن. فاتىھ ئەپەندى تېلېفون ۋە كومپيۇتېردىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى قانداق قوغداش ھەققىدە سۆزلىگەن. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ياشلىرىنى توردىن ئاكتىپ ۋە بىخەتەر پايدىلىنالايدىغان، خەلقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتالايدىغان قىلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتكە قېتىلدۇق. تۈرك مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تەلىم-تەربىيەنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىمىز. مەقسىتىمىز تۈركىي خەلقلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ زۇلۇملارنى توختىتىشقا ياردەم بېرىش. بىز دىن، مەدەنىيەت ۋە تىل بىرلىكىمىزنى قوغداپ، خىتايغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.»

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىدىن مىچېل خانىم ئېلخەت ئىشلەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش، ھۆكۈمەتلەرگە قانداق خەت يېزىش توغرۇلۇق سۆزلىگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن بۇ قېتىم تەربىيەلەشكە قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە شىركەتلەر بىلەن ئۈنۈملۈك مەكتۇپلىشىش ئۇسۇلى توغرىلىق سۆزلىدىم. ئۇلارنىڭ توردىن قانداق پايدىلىنىشنى ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقى مېنى خۇشال قىلدى. ئۇلار توردا پائالىيەت كۆرسىتىش ئارقىلىق تۈركىيەگىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن».

بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشكە قاتناشقان ياشلاردىن جەۋلان شىرمۇھەممەد بۇ پائالىيەتنىڭ قىزغىن ۋە جانلىق بولغانلىقىنى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ بىلىملەرنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ بۇ لېكسىيەدىن ياخشى مەنپەئەت ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى تەشۋىقات ئۇرۇشى ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇشتۇر. روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاخبارات ئۇرۇشىغا ئېلىپ كىرىش، تاراتقۇلاردىن ئىبارەت بۇ مۇھىم قورالنى ئۈنۈملۈك ئىشىلىتىش ۋە تور ھۇجۇمىدىن ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگىتىش «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.