داۋىد ئوبرىيان: «دۇبلىن ھۆكۈمىتىنى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشقا قىستاش لازىم»
2023.12.06
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن خانىمنىڭ ئىرلاندىيە پايتەختى دۇبلىندىكى بىر ھەپتىلىك پائالىيىتى 5-دېكابىر باشلانغان. ئۇ شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 دا ئىرلاندىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. يىغىنغا ئىرلاندىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاسىيا-تېنچ ئوكيان رايونى بۆلۈمىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ساراھ خامىلتىن (Sarah Hamilton) خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان.
روشەن خانىم سائەت 12:00 دىن 12:30 غا قەدەر ئاخبارات ساھەسىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ بۈگۈنمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئادالەتسىزلىككە قارىتا دۇنيانىڭ دەرھال سۈكۈتلىرىنى تەرك ئېتىشى لازىمنلىقىنى، بولۇپمۇ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا يۈكسەك دەرىجىدە سادىق بولغان ئىرلاندىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىتا ئاۋاز چىقىرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بايان قىلغان.
بىراق روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئىرلاندىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر تاپقان خىتاينىڭ ئىرلاندىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئاخبارات ئورگانلىرىغا خەت يېزىپ، «شىنجاڭ مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ يولغا قويۇۋاتقىنى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتتۇر، ئۇيغۇرلار ھازىر ناھايىتى خاتىرجەم، بەختىيار ياشىماقتا» دېگەندەك سەپسەتىلىرىنى بازارغا سالغان. روشەن ئابباس خانىم خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ساختىكارلىقلىرىغا لايىقىدا رەددىيە بەرگەن.
روشەن ئابباس خانىم 5-دېكابىر يەنە «ئىرلاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر زىيالىيسى نۇرىيە زەيدىن بىلەن بىرگە فىيونا كراۋلەي (Feona Krawley) باشچىلىقىدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىرلاندىيە شۆبىسىنىڭ خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە ئورتاق قارشى تۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان. سۆھبەت ئەسناسىدا ئۇ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 2009-يىلى تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، ئەمما شۇندىن بۇيان بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلەلمىگەنلىكىنى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى قۇرۇلۇپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بۇ يىللاردا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈزۈك ئاۋازىنى چىقىرالمىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆپ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
روشەن ئابباس خانىمنىڭ 5-دېكابىردىكى يەنە بىر ئەھمىيەتلىك پائالىيىتى، دۇبلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ۋە 10 يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە قارىتا دۇنيانىڭ ئىنكاسى» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بولغان. بۇ يىغىن 2014-يىلى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر رايونىدا باشلىغان «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدىن تارتىپ جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلغۇچە ۋە جازا لاگېرلىرى قۇرۇلۇپ مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگۈچە بولغان 10 يىلدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر پاجىئەسىگە بېغىشلانغان. يىغىندا روشەن ئابباس ۋە جاگىلونىيان ئۇنىۋېرسىتېتى مارى سىكلودوۋىسكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى داۋىد ئوبرىيان (David O’brian) قاتارلىقلار دوكلات تەقدىم قىلغان.
دۇبلىندىن بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇبلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان. روشەن خانىم ۋە داۋىد ئەپەندىلەر يىغىندا 2014-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش ئۈچۈن قوللىنىپ كەلگەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويغان.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا سوئال-جاۋاب بولغان. يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرىنىڭ «بىز بىر ئىرلاندىيەلىك بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلالايمىز؟» دېگەن سوئالىغا روشەن ئابباس خانىم جاۋاب بېرىپ، ئەگەر ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىمەنلا دېسە، ھەربىر ئىرلاندىيەلىكنىڭ قولىدىن كۆپ ئىشلار كېلىدىغانلىقىنى مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.
«ئىرلاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن نۇرىيە زەيدىن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، روشەن ئابباس خانىمنىڭ نۇتقىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئىرلاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق-يېقىن شەھەرلەردىن ئۇزۇن مۇساپىلارنى بېسىپ، پايتەخت دۇبلىنغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ۋە روشەن خانىمنىڭ نۇتۇقلىرىدىن ئىلھاملانغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
جاگىلونىيان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى داۋىد ئوبرىيان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، «ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ئىستىكىدە بولۇۋاتقان ئىرلاندىيەلىكلەر سىزچە نېمە قىلىشى كېرەك؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئىرلاندىيە ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇش سەپەرۋەرلىكىنى قوزغىغان ۋاقىتلىرىدا، ئىرلاندىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدىلەر بەرگەن ئىدى. بىراق، ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كېيىن، بۇ ۋەدىسىنى ئورۇندىمىدى. بولۇپمۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار توغرۇلۇق ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى. ئىرلاندىيەلىكلەر بۇنى ھۆكۈمەتنىڭ يۈزىگە سېلىشى، ئەسلىتىشى، دۇبلىن ھۆكۈمىتىنى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشقا قىستىشى لازىم. يەنە بىرى، ئىرلاندىيەلىكلەرنىڭ ئىرلاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دوستلىرىمىزغا ياردەم قىلىش قولىدىن كېلىدۇ. ئىرلاندىيەلىكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسىگە قۇلاق سېلىشى، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئىرلاندىيەدە خاتىرجەم ياشىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى لازىم. ئۈچىنچىسى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىرلاندىيە خەلقىگە دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن كەڭ تونۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.»
ئىگىلىشىمىزچە، 4-دېكابىر ئىرلاندىيە پايتەختى دۇبلىنغا يېتىپ كەلگەن روشەن ئابباس خانىم شۇ كۈنى ئامېرىكانىڭ ئىرلاندىيەدىكى باش ئەلچى ياردەمچىسى مىخائېل كلاۋسېن (Mechael Clawsen) بىلەن ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇماتلار بەرگەن ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىرلاندىيەدە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ كەڭ تونۇتۇشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا ئۆزئارا مۇزاكىرىلەردە بولغان. روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئىرلاندىيەدىكى بىر ھەپتىلىك پائالىيىتىنى دۇبلىندىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ۋە ساھىبخانىلىق قىلغان.