ترامپ ھۆكۈمىتى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.01.19
ترامپ ھۆكۈمىتى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر!» ترامپ ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 19-يانۋار كۈنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە قىلىۋاتقان زور كۆلەملىك باستۇرۇش ھەركىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەمدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر» دەپ خۇلاسە چىقاردى.
Social Media

ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك سىياسىي باستۇرۇش ھەمدە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ئىجتىمائى‍ي پاجىئەلەر ھەققىدە ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان مەلۇم بولۇشقا باشلىغان غايەت زور دەلىل-ئىسپاتلار سەۋەبلىك ترامپ ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 19-يانۋار كۈنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە قىلىۋاتقان زور كۆلەملىك باستۇرۇش ھەركىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەمدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر» دەپ خۇلاسە چىقاردى.

بۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاقسارايدىن ئايرىلىش ھارپىسىدا چىقارغان ئەڭ مۇھىم قارارلاردىن بىرى بولۇپ، غەرپ دۇنياسىدا غايەت زور تەسىر قوزغىدى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىلغان سۆزىدە «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىليونلاپ لاگېرغا قامىشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى، ئۇلارنى ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قالدۇرۇشى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىۋېتىشى، ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنى مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايلار بىلەن تويلاشتۇرۇشى ھەمدە ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنى ئائىلىسىدىن جۇدا قىلىشى قاتارلىق پاكىتلارغا ئاساسەن بىز بۇنى قىرغىنچىلىق دەپ قارايمىز» دېدى. شۇنىڭدەك دۇنيانىڭ ھازىر بىر پۈتۈن مىللەتنى سىستېمىلىق ھالدا يوق قىلىۋېتىش ھەركىتىگە شاھىد بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر قارار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى كۆپ قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرى ھەمدە كەسكىن مۇنازىرىلەر، شۇنىڭدەك كۆپلىگەن كوللېكتىپ تەھلىل ۋە مۇھاكىمە باسقۇچلىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان تولىمۇ سالماقلىق قارار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ پرېزىدېنتلىق سايلىمى مەزگىلىدە جوۋ بايدىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆپ قېتىملاپ ئاشكارا سورۇنلاردا تىلغا ئالغان ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن شى جىنپىڭنى «ئۇچىغا چىققان سىياسىي لۈكچەك» دەپ تەنقىدلىگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە يېڭى ھۆكۈمەت ئىش باشلاش ھارپىسىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر تارىخىي ئەھمىيەتلىك بىر قارارنى ئېلىشى غەرپ دۇنياسىدىكى ھۆكۈمەتلەرگە تېخىمۇ زور ھەيدەكچىلىك قىلىش رولىنى ئوينىشى، شۇنداقلا بۇنىڭغا ماس ھالدا بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.