2021-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى نازىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چېن مىڭگونىڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا ئۆستۈرۈلۈشى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان چەت ئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.
15-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ «ئىقتىساد خەۋەرلىرى» تورى مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى ۋە پارتكوم سېكرېتارى چېن مىڭگونىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، چېن مىڭگو خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك تەقىب، تۇتقۇن ۋە مېڭە يۇيۇش پىروگراممىسى» نى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ 2021-يىل ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن جازا ئېلان قىلىنغان 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ بىرى ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە قارا قولى بار بولغان، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن جازا چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان چېن مىڭگونىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسىغا تەيىنلىنىپ، تېخىمۇ مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇلۇشى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، چېن مىڭگونىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى قىلىپ ئۆستۈرۈلۈشى، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارا بېسىمغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي تاكتىكىسىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ كۆرسەتتى.
1988-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋە قانۇن پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان سىچۈەنلىك چېن مىڭگو، بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن. ئۇ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خىتاينىڭ سىچۈەن ۋە چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە يۇقىرى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. 2021-يىلى 1-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يۆتكىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى ۋاڭ مىڭشەننىڭ ئورنىغا چىققان. شۇندىن ئېتىبارەن، ئۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ساھەسىنى بىر قوللۇق باشقۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب سىستېمىسى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىك شاجېۋىسكى، چېن مىڭگونىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ ئۆستۈرۈلۈشىنىڭ بۇندىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى سىياسىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى:
«بىز گەرچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى چېن مىڭگونىڭ بۇ قېتىم ئۆستۈرۈلۈپ، مۇھىم ۋەزىپىگە تەيىنلىشىدىكى كېيىنكى باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى ھازىرچە ئېنىق تەخمىن قىلالمىساقمۇ، ئەمما بۇ ھادىسە بىزگە خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن دۆلەت ئورگانلىرى، بولۇپمۇ بىخەتەرلىك كۈچلىرى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكىي مۇناسىۋەت ھەم ھەمكارلىقنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بۇنى يەنە رايوندىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى تورىنى ئاساس قىلغان يۇقىرى بېسىملىق تەقىب سىستېمىسىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنىڭ بىر بېشارىتى دەپ قارايمەن. »
ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ بۇ ھەقتە قايتۇرغان ئىنكاسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئادەتتە ئۆلكە دەرىجىلىك كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىدا قارار چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق بىرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:
«شۈبھىسىزكى، جامائەت خەۋپسىزلىك نازىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا مۇھىم رول ئوينىغان ۋە ئۇنىڭدا بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بولغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چېن مىڭگونى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى قىلىپ ئۆستۈرۈشىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش ‹تېررورلۇققا قارشى كۈرەش› دەپ ئاتىۋالغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى مۇقەررەر كۈچەيتىدىغانلىقىدىن بېشارەت دەپ قارايمەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەدبىرى، ئۇنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. »
تېڭ بياۋ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان بىر ئەھۋالدا، خىتاي دائىرىلىرى بەزى جانلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئەمەلىيەتتە، ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش مەركىزى› دىكىلەر ھازىر باشقا جايلارغا يۆتكىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى ھېلىھەم ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرى يالغۇز جازا لاگېرلىرىلا بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئەلۋەتتە. ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› دە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بېسىم ۋە ۋەھشىيلىكلەر، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە تۇتقۇنلارنى ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ئەركىنلىكتىن ئۇزۇن مۇددەت مەھرۇم قىلىش قاتارلىقلار بۇنىڭ يارقىن مىساللىرىدۇر. شۇڭلاشقا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شۇنچە بېسىملىرىغا پىسەنت قىلماي، ھەتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان چېن مىڭگونى ئۆستۈرۈشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىپادىسىدۇر. بىلىشىمچە، ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ۋە قاتتىق تەقىب سىياسىتىنىڭ بوشىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق بىر ئالامەت يوق. »
نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئاخىرىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن، سىرتقا قارىتا تۈرلۈك تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چېن مىڭگودەك ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ «سادىق» ئەمەلدارلىرىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا بىۋاسىتە قارا قولى بار بولغان چېن مىڭگودەك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ داۋاملىق ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلىشى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى ۋەزىپىلەرگە قويۇلۇشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى بارلىق پەردازلانغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ ساختا يۈزىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.