ساينىت لۇئىس يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى مۇزېيىدا «ھازىرقى زامان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى: ئۇيغۇر خەلقىگە قىلىنغان ۋەھشىيلىكنى پاش قىلىش» يىغىنى ئېچىلدى
2023.06.05

سانت لۇئىس كاپلان فېلدمان يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى مۇزېيى (The St. Louis Kaplan Feldman Holocaust Museum) ئامېرىكانىڭ مىسسورى شتاتىغا جايلاشقان نوپۇزلۇق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. ئۇلار يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تارىخى ھەمدە ئۇنىڭ ساۋاقلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە تارقىتىش ئارقىلىق ئىنسانلار ئارا ئۆچمەنلىكنى رەت قىلىپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۆزگىرىشكە ئىلھام بېرىش مەقسىتى بىلەن قۇرۇلغان ۋە بۇ يولدا 25 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى خىزمەت قىلىپ كەلگەن.
مىسسورى شتاتىنىڭ سانت لۇئىس شەھىرىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇ ئورگان يېقىندا « ھازىرقى زامان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى: ئۇيغۇر خەلقىگە قىلىنغان ۋەھشىيلىكنى پاش قىلىش» ناملىق بىر مەخسۇس دوكلات يىغىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى باشلىقى روشەن ئابباس خانىم دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان.
يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى مۇزېيىنىڭ ئالاقە ئىشلىرى مۇدىرى ۋە بۇ دوكلات يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى ئەمىي لۇتز (Amy Lutz) خانىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ دوكلات ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن كىشىلەرگە مەلۇمات بېرىش ۋە تەسىر قوزغاش مەقسىتىدە بۇ دوكلات يىغىنىنى پىلان قىلغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بىزنىڭ مۇزېيىمىز 25 يىلدىن بېرى پائالىيەت كۆرسىتىپ كەلگەن. بىز يېقىندا مۇزېيىمىزنىڭ خىزمەتلىرىنى كېڭەيتىپ قايتا ئاچتۇق. ‹تەسىر قوزغاش تەجرىبىخانىسى› بىز يېقىندا قوشقان تۈرلەرنىڭ بىرى، بۇ تۈرنىڭ ئاساسلىق نىشانى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تارىخى ۋە ئۇنىڭ ساۋاقلىرىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۈگۈنكى دەۋردە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارنى چۈشىنىش بولغاچقا، بىز ئۇزۇندىن بۇيان بۇ تۈرىمىزگە ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىكنى قوشۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدۇق. شۇڭا بىز روشەن خانىم بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇنى تەكلىپ قىلدۇق».
مەلۇم بولۇشىچە، روشەن ئابباس خانىم يىغىندا ھەدىسى گۈلشەن ئابباس خانىم ۋە باشقا مىساللار ئارقىلىق بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىراي تونۇش، نازارەت قىلىش، زامانىۋى قۇللۇق، قىيناش، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قاراتقان زىيانكەشلىكى ھەمدە يەنە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات بەرگەن. روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىزگە دېيىشىچە، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بولۇپ، يىغىن ۋاقتى بەلگىلەنگەندىن ئۇزىرىپ كەتكەن. ئۇيغۇرلارغا يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ ئەينى چاغدا يەھۇدىيلارغا يۈز بەرگەنلەر بىلەن ئوخشايدىغانلىقى بولسا يىغىن ئەھلىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرغان.
ئەمىي لۇتز خانىم بىزگە قىلغان سۆزىدە، ھەربىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۆزگىچە بولسىمۇ، ئەمما شۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئوخشاش ئەندىزىلەر بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ھەقتىكى تونۇشنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئەلۋەتتە ھەربىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۆزگىچە بولغىنىدەك، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىمۇ ئۆزگىچە. بىراق ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن بىر كېچىدىلا تۇيۇقسىز يۈز بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ بىر يۈز بېرىش جەريانى ۋە ئەندىزىلىرى بار. مەسىلەن، كىشىلەرنى بىر قېلىپقا سېلىش، ئايرىمىچىلىق قىلىش، ئالدىن ھۆكۈم قىلىش، كەمسىتىش ۋە ئۆچمەنلىك قىلىش دېگەندەك. ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقمۇ مانا مۇشۇنداق ئەندىزىلەر بىلەن باشلانغان. بىزنىڭ مۇزېيىمىز مانا مۇشۇ خىل ئەندىزىلەرگە دىققەت تارتىش ۋە تونۇشنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان».
ئەمىي لۇتز خانىمنىڭ دېيىشىچە، كۆپىنچە ھاللاردا زىيانكەشلىك قىلىش ۋە ھەتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئاياغلىشىدىغان مۇشۇ خىل ئەندىزىلەرگە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇنى پەرقلەندۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرغاندىلا ئاندىن مەلۇم مىللەت ياكى گۇرۇپپىغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك زىيانكەشلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. شۇڭا ئۇ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇنداق دوكلات بېرىش يىغىنلىرىنى داۋاملىق ئۇيۇشتۇرۇش ھەمدە يەنە مۇزېيغا كەلگەن مىڭلىغان زىيارەتچىلەرگە بۇنى چۈشەندۈرۈش پىلانى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
« بىز بۇ دوكلات يىغىنىدىن كېيىن بۇ يىغىننى بۇنىڭلىق بىلەنلا ئاياغلاشتۇرۇپ قويساق بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتۇق. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يەنە مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز. ئاندىن قالسا، دوكلات يىغىنىغا بىزنىڭ مۇزېيىمىزنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ قاتنىشىپ ئاڭلىغان بولغاچقا بىز يەنە ئۇلار ئارقىلىق مۇزېيىمىزنى ھەر كۈنى زىيارەت قىلىدىغان يۈزلىگەن زىيارەتچىلىرىمىزگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنى پىلان قىلىۋاتىمىز. قىسقىسى، بىزنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بۇ يىغىندىن بەك چوڭ تەسىرگە ئىگە بولدى. بىز ئاللىقاچان بۇنىڭ يەنە بىر قېتىملىقىنى ئۇيۇشتۇرۇش پىلانلىرىنى تۈزۈشنى باشلىدۇق».
روشەن ئابباس خانىم بولسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىي توپلۇقى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە ئاڭلىتىش ۋە قوزغىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەزكۇر دوكلات يىغىنى ھەققىدە مىسسورى شتاتى سانت لۇئىس (St. Louis) شەھىرىنىڭ تور گېزىتىدىمۇ مەخسۇس خەۋەر بېرىلگەن. ئۇنىڭدا «مۇزېينىڭ ‹لازوۋىسكىي دەرسلىكى› دەپ ئاتىلىدىغان تۈرى بويىچە ئۇيغۇرلار ئۆزى ‹شەرقىي تۈركىستان› دەپ ئاتايدىغان زېمىندا يۈز بېرىۋاتقان، يۇقىرى پەن – تېخنىكاغا تايىنىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە دوكلات بېرىدىغانلىقى ۋە بۇنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن ‹بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك› دېگەن سوئالغا جاۋاب ئىزدەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان.