نۆۋەتتە، تۆت پەرزەنتى بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئېلنۇر سىدىق خانىمنىڭ يولدىشى مۇھەممەت ئىمىن ئابدۇللا بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تېلېفوندا سۆزلەشكەن ۋاقتى 2017-يىلى 5-ئايلارغا توغرا كېلىدۇ.
شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ مۇھەممەت ئىمىن ئابدۇللا بىلەن بولغان پۈتۈن ئالاقىسى ئۈزۈلىدۇ. ئېلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ پەقەت بۇ يىل باشقا قاناللار ئارقىلىق مۇھەممەت ئىمىن ئابدۇللانىڭ 2017-يىلى ئۆكتەبىردە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە 2018-يىلى 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن.
ئۈرۈمچىدە «شىنجاڭ تاڭنۇرى خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى» قۇرۇپ، ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن مەمەت ئىمىن ئابدۇللانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە كېسىلىشىگە ئۇنىڭ كۆپ قېتىم چەتئەلگە چىقىشى شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ئائىلىسىگە پۇل سېلىشى سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئېلنۇر خانىم 19-مارت كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە يولدىشىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قايسى تۈرمىدە ئىكەنلىكى ۋە تۈرمىدىكى ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
ئېلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇتقۇن مۇھەممەت ئىمىن بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان. چوڭ تۇتقۇندا ئۇنىڭ خوتەندىكى 4 تاغىسى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئەلنۇر ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا پەرزەنتلىرىنى چەتئەلدە ئوقۇتقانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەمەت ئىمىن ئابدۇللانىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇ بۇرۇن ئولتۇرۇشلۇق رايوندىكى ئۈرۈمچى نەنگۈەن ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. لېكىن ساقچىخانىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى سوئالىمىزنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «بۇنداق ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈپ، ھەددىدىن ئاشماسلىقىمىز كېرەك» ئىكەن.
مەمەت ئىمىن ئابدۇللانىڭ ۋەقەسى خىتاينىڭ 2017-يىلى قوزغىغان «رادىكاللىقنى تۈگىتىش» نامىدىكى چوڭ تۇتقۇنىدا ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان ئۇيغۇر كارخانىچى ئائىلىلەرنىڭ تىپىك ئۆرنىكى. بۇ تۇتقۇندا زادى قانچىلىك ئۇيغۇر كارخانىچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ كارخانىلارغا قانچىلىك ئىقتىسادى زىيان، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا قانچىلىك زور ئىجتىمائىي پاراكەندىچىلىك ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش بەك مۈشكۈل بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ نۇرغۇن ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلغانلىقى، نۇرغۇن بالىلارنى ئاتا-ئانىسىز قويغانلىقى مەلۇم.
بىزنىڭ ئېلنۇر خانىم بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزگە يەنە مەمەت ئىمىن ئابدۇللانىڭ قىزى پاتىمە مەمەت ئىمىنمۇ داخىل بولدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دادىسىنى بەكمۇ سېغىنغان.
نۆۋەتتە، لاگېر ۋە تۈرمىلەردىكى 3 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان تۇتقۇنلىرىنىڭ ئاقىۋىتى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە شۇنداقلا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار جىددىي ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان كۈنتەرتىپتىكى زور مەسىلىگە بولۇپ قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلسىمۇ، لېكىن ھەر خىل دەلىللەر ئۇنىڭ بۇ ئورۇنلاردىكى تۇتقۇنلارنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى زاۋۇت-كارخانىلاردا كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا بۇنىڭغا دائىر كۈچلۈك دەلىللەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
0:00 / 0:00