ئابدۇللا ئارىش: ئۈرۈمچىدە باشلانغان كارخانىچىلىقتىن شتۇتگارتتا ئاخىرلاشقان نامايىشقىچە

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-02-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئابدۇللا ئارىش ئەپەندى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزگەن يالغۇز كىشىلىك نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى ئاۋغۇست، شتۈرتگارت.
ئابدۇللا ئارىش ئەپەندى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزگەن يالغۇز كىشىلىك نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى ئاۋغۇست، شتۈرتگارت.
RFA/Erkin Tarim

ھەر شەنبە كۈنى گېرمانىيەنىڭ شتۇتگارت شەھىرىدىكى شىلۇس مەيدانىغا بارسىڭىز بۇ مەيداندا بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى رەسىملەرنى يېيىپ، يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. ئۆز ۋاقتىدا شىركەت قۇرۇپ، يۇمتال ياساش تىجارىتى باشلىغان بۇ ئۇيغۇر ياش قانداق بولۇپ شتۇتگارتتىكى بۇ مەيداندا نامايىش قىلىشقا باشلىدى. ئابدۇللا ئارىش ئىسىملىك بۇ ياشنىڭ كەچمىشى خىتاينىڭ 2016-ۋە 2017‏-يىللىرىدا باشلانغان چوڭ تۇتقۇنى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. ئۇنىڭ كەچمىشى چوڭ تۇتقۇننىڭ ئۇيغۇرلارغا، خۇسۇسەن ئەمدى بىخ ئۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر كارخانىچىلىقىغا قانداق بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنىڭ تىپىك ئۆرنىكىدۇر.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز 11‏-فېۋرال كۈنى ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. سۆھبىتىمىز ئۇنىڭ ۋەتەندىن قانداق ئايرىلغانلىقى بىلەن باشلاندى.

ئابدۇللا ئارىش: مەن 2016‏-يىلى 6‏-ئاينىڭ 26 ‏-كۈنى ۋەتەندىن ئايرىلدىم. ۋەتەندىن ئايرىلىپ دۇبەيگە كېلىپ خىزمەت قىلدىم. شۇ ۋاقىتتا تۇتقۇن باشلانغان. يەكەندە ئېلىشقۇ ۋەقەسىدىن كېيىنلا ئەمەلىيەتتە تۇتقۇن باشلانغان. 2014‏-يىلنىڭ ئاخىرى 2015‏-يىلنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ يەكەندە جازا لاگېرى قۇرۇلۇشقا باشلىغان. يەكەندە 1‏-قېتىملىق قاپقاق ئېچىش ھەرىكىتى 2014‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغان. . . . . . . بۇ يەردە ئىككى قېتىملىق قاپقاق ئېچىش ھەرىكىتى بار. ب2016‏-يىلى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانغا كېڭەيدى، بۇ قاپقاق ئېچىش ھەرىكىتى. مېنىڭ نوپۇسۇم ئۈرۈمچىدە، لېكىن مەن يەكەندە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئۇرۇق-تۇغقانلار شۇ يەردە بولغانلىقى ئۈچۈن ھاياتىم خەۋپ ئاستىدا قالدى.

مۇخبىر: سىز 2016‏-يىلى دۇبەيگە چىقىپسىز ۋە ئۇ يەردە ئىككى يىل تۇرۇپسىز، 2018-يىلى كەتتىڭىز. سىزنىڭ ئۇ يەردىن كېتىشىڭىزنى قانداق ئەھۋاللار مەجبۇرلىدى؟ قانداق ۋەزىيەت ئاستىدا ئۇ يەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدىڭىز؟

ئابدۇللا ئارىش: مەن 2018‏-يىلى 12‏-ئاينىڭ 31‏-كۈنى گېرمانىيەگە چۈشتۈم. شۇنىڭغىچە ئاساسەن دۇبەيدىكى بىر ساياھەت شىركىتىدە ئىشلىدىم. بۇ جەرياندا 2017‏-يىلى دۇبەينىڭ ئۆزىدىن 5-6 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەخمەتجان، دەپ بىرى بار ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ئېسىمدىن چىقىپ كەتتى، ئۇ ب د ت نىڭ پاناھلىق تىلەش ئورنىدىن ئېلىپ كېتىلدى، شۇ بالا بار. بىر قانچەيلەن بار، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىسمىنى تولۇق بىلمەيمەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇجېلىل غارىم، دەپ بىرى شارجاھدا تۇتۇلۇپ كەتتى. لېكىن ئۇ تۇتۇلۇپ 1-2 ئايدىن كېيىن چىقتى. ئۇنى يامان تەستە قويۇپ بەردى، قويۇپ بېرىلىپ، تۈركىيەگە كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەندە بىر ئەندىشە باشلاندى.

مۇخبىر: سىز ۋەتەندە نېمە ئىش قىلغانىدىڭىز ؟

ئابدۇللا ئارىش: ۋەتەندە ئۆزۈمنىڭ شىركىتى بار ئىدى. يۇمتال تېخنىكا شىركىتى، بىس دەپ. يەنى بىس ئېلېكترون تېخنىكا شىركىتى، دېگەن نامدا. بۇ بىسمىللا دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى ئىدى. شىركىتىم ئۈرۈمچىدە ئىدى. بىز ئۇنىڭدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بالىلىرىنىڭ مەشىق يۇمتالىنى ئىشلىگەن. ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە پەنلىرىنىڭ سوئال-جاۋاب يۇمشاق دېتال مەشىقىنى. 2016‏-يىلى شۇنى پۈتتۈرۈپ بازارغا سالىمىز، دەپ تۇرغاندا ماۋۇ ئىش چىقتى. مەن 2011‏-يىلى دىنىي كىتاب ساقلىغان، دېگەن سەۋەب بىلەن بىر قېتىم تۈرمىگە كىرىپ، بىر ئاي يېتىپ چىققان. ئۇ دىنىي كىتابنى ئۆز ۋاقتىدا خىتاينىڭ باسمىخانىسىدا باستۇرغان. ئۇلار شۇ ئارقىلىق بىلىپ قاپتىكەن.

مۇخبىر: قانچىلىك ۋاقىت كەتكەنىدى شۇ يۇمتالنى ئىشلىشىڭلارغا؟

ئابدۇللا ئارىش: يۇمتالنى ئىشلەشكە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن. بىز 4 ئادەم ئىشلىگەنتۇق. 2014‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرى 2015‏-يىلنىڭ باشلىرى باشلىغانتۇق. 2016‏-يىلىنىڭ 4-5‏-ئايلىرىدا پۈتۈپ، بازارغا سالىمىز، دەپ تۇرغاندا مەن بۇنى بالىلارغا قويۇپ قايتىپ چىقتىم. شۇنىڭ بىلەن شىركەت ۋەيران بولۇپ ھېچنېمىسى قالماپتۇ. چۈنكى، بىزنىڭ ئۇ بالىلارنى تەربىيەلەشكە ئېلىپ كەتكەچكە ئۇنى ماڭدۇرىدىغان ئادەم قالمىغان گەپ. مېنىڭ شۇنىڭدىن بېرى ئۇلار بىلەن ئالاقەم بولمىدى.

مۇخبىر: سىز چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بۇ ئائىلىڭىزدىكى ئەزالار قانداق بولۇپ كەتتى؟ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟

ئابدۇللا ئارىش: مەن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن 2017‏-يىلى 5-ئايدا دادامنى جازا لاگېرىغا ئەكىركەتتى. دادام توختى مۇھەممەت ئارىش يەكەن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىدى، شۇ يەردىن پېنسىيەگە چىققان. دادام يازغۇچى ئىدى. ئۇنىڭ «زاغرا نان»، «قان ياش»، «سەھرادىكى ھېكايىلەر» دېگەن 3 پوۋېستلار توپلىمى بار. دادام 2019‏-يىلى ياز ئايلىرىدا لاگېردىن چىقتى. بىزنىڭ ئۆيدىن بەشەيلەننى ئەكىركەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 3 كىشى قويۇپ بېرىلدى. بۇلار دادام، مېنىڭ ئىنىم ئابدۇۋەلى توختى ئارىش، ئۇ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنىمنىڭ ئايالى، ئۇنىڭ ئايالى جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوزۇقشۇناسلىق ئاسپىرانتلىقىنى پۈتتۈرگەن. ئۇلار ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ئىدى. . . . . . . . . ئۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ سىڭلىمنىڭ يولدىشىنىمۇ ئەكىركەتكەن، ئۇ چاڭئەن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنىدى. ئۇ بالىمۇ چىقتى، ئىنىمنىڭ ئايالىمۇ چىقتى. لېكىن ئىنىمنى ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئىشلىتىۋېتىپتۇ. كۈنىگە 50 كۆڭلەك تىكىش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ قېيناتامنىمۇ ئەكىركەتكەن. ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋىرى يوق.»

ئابدۇللا ئارىشنىڭ قېيناتىسى ھەسەن غوپۇر مارالبېشى ناھىيەسىدىكى «ئاۋام ماي زاۋۇتى» نىڭ خوجايىنى ئىدى. ئۇ 2017‏-يىلى 10‏-ئايدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئابدۇللا ئارىشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ قېيناتىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئىككى پەرزەنتىنى مىسىردا ئوقۇتۇشى سەۋەب بولغان ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى چوڭ تۇتقۇندا مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى گۆرۈگە ئالغان. قايتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە لاگېرلارغا قامالغان ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقالغان. قايتىپ كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى جازالانغانىدى. ئابدۇللا ئارىشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەسەن غوپۇرنىڭ ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت