ئۇيغۇر رېژىسسور مەمەتجان سەمەتنىڭ «ئاخىرلىشىشنى كۈتۈش» ناملىق فىلىمى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شەھرىزاد تەييارلىدى
2024.02.12
uyghur-kino-Memetjan-Semet-1 «ئاخىرلىشىشنى كۈتۈش» ناملىق تۇنجى فىلىمىنىڭ رېژىسسورى ۋە سېنارىست مەمەتجان سەمەت(سولدا) ۋە كىنودىكى باش رولچى غەيرەت. 2024-يىلى 10-فېۋرال، ۋىرجىنىيە.
RFA/Shehrizad

2024-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچ سائەت 6 دە، ئامېرىكا ۋىرجىنىيە شتاتىنىڭ ئارلىڭتون شەھىرىدىكى AMC كىنو مەركىزىدە لوس-ئانژېلېستا تۇرۇشلۇق كەسپىي كىنو رېژىسسورى ۋە سېنارىست مەمەتجان سەمەتنىڭ «ئاخىرلىشىشنى كۈتۈش» ناملىق تۇنجى فىلىمىنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمى ‍ئۆتكۈزۈلدى.

«ئاخىرلىشىشنى كۈتۈش» ناملىق بۇ فىلىم مەمەتجان سەمەتنىڭ مۇھاجىرەت ھاياتىدا ئىشلىگەن تۇنجى كىنوسى بولۇپ، ئۇنىڭدا چەت ئەلدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندا قالغان دادىسىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كېتىشى، ئائىلىسى بىلەن بولغان پۈتكۈل ئالاقىلىرىنىڭ ئۈزۈلۈشى، شۇنداقلا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن ئېچىنىشلىق ھاياتى تەسۋىرلەنگەن. بۇ فىلىم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان كۆپ قاتلاملىق مۈشكۈلاتلارنى چوڭقۇر تەسۋىرلەپ، كىملىك، سىياسىي قاراش ۋە شەخسىي مۇناسىۋەت قاتارلىق مۇرەككەپ تېمىلارنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرگەن. بۇ فىلىمدا ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بىۋاسىتە ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان تراگېدىيەلىك رېئاللىقنى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ كۆزنىكى ئارقىلىق يورۇتۇشقا تىرىشقان، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئېلىپ كەلگەن بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك تەسىرلىرى جانلىق دېتاللار ئارقىلىق ئەكىس-ئەتتۈرۈلگەن.

«ئاخىرلىشىشنى كۈتۈش» ناملىق تۇنجى فىلىمىنىڭ رېژىسسورى ۋە سېنارىست مەمەتجان سەمەت(ئوڭدا) ۋە كىنودا رول ئالغۇچىلارنىڭ بىر ئامېرىكالىق Steven Staine Fernandez. 2024-يىلى 10-فېۋرال، ۋىرجىنىيە.
«ئاخىرلىشىشنى كۈتۈش» ناملىق تۇنجى فىلىمىنىڭ رېژىسسورى ۋە سېنارىست مەمەتجان سەمەت(ئوڭدا) ۋە كىنودا رول ئالغۇچىلارنىڭ بىر ئامېرىكالىق Steven Staine Fernandez. 2024-يىلى 10-فېۋرال، ۋىرجىنىيە.
RFA/Shehrizad

مەمەتجان سەمەت كىچىكىدىن باشلاپلا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە قىسقا فىلىملارنى ئىشلەشكە باشلىغان. ئۇ ئامېرىكاغا كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ بۇ كەسپىي ئارزۇسىدىن ھېچقاچان ۋاز كەچمىگەن. ئۆزىنىڭ بۇ ساھەدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك تەجرىبىلىرى، قايتماس ئىرادىسى، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش خاراكتېرى ۋە كىنو سەنئىتىگە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياقى بىلەن بىر ھەۋەسكار فىلىم ئىشلىگۈچىدىن ئاخىرى كەسپىي فىلىم ئىشلىگۈچىگە ئايلانغان.

«ئاخىرلىشىشنى كۈتۈش» 2023-يىلى 1-ئايدا سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، رەسمىي كىنو بازىرىغا سېلىنغۇچە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كەتكەن. بۇ فىلىم ئامېرىكادا بىر ئۇيغۇر رېژىسسورلۇق قىلغان، ئۇيغۇرلار رول ئالغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان تۇنجى فىلىمدۇر. بۇ فىلىم ئۆزىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە ئۇيغۇر كىنوچىلىقىدىكى بىر يېڭى قەدەم بولۇپ قالغۇسى. بۇ فىلىمنىڭ ئىشلىنىشىدىن رەسمىي پۈتۈپ قويۇلۇشىغىچە بولغان جەرياندا، ئامېرىكادىكى يازغۇچى ۋە رېژىسسور تاھىر ھامۇت ئىزگىلگە ئوخشاش بىر قىسىم كەسپىي خادىملار، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر رېستورانلىرى ياردەمدە بولغان. ئۇلار مەزكۇر فىلىمدا رول ئېلىشقا قاتناشقان ئامېرىكالىق ئارتىستلار ۋە كەسپى خادىملارنىڭ ئۇيغۇرلار تەسۋىرلەنگەن بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىغا كۆپ قۇلايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەن.

(سولدىن) «ئاخىرلىشىشنى كۈتۈش» ناملىق تۇنجى فىلىمىدا رول ئالغان ئارتىسلاردىن Lara J Barry، غەيرەت، Steven Staine Fernandez ۋە  رېژىسسورى ۋە سېنارىست مەمەتجان سەمەت. 2024-يىلى 10-فېۋرال، ۋىرجىنىيە.
(سولدىن) «ئاخىرلىشىشنى كۈتۈش» ناملىق تۇنجى فىلىمىدا رول ئالغان ئارتىسلاردىن Lara J Barry، غەيرەت، Steven Staine Fernandez ۋە رېژىسسورى ۋە سېنارىست مەمەتجان سەمەت. 2024-يىلى 10-فېۋرال، ۋىرجىنىيە.
RFA/Shehrizad

بۇ فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمىغا ۋاشىنگتون ۋە ۋىرجىنىيە ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان 100 دىن ئارتۇق تاماشىبىن قاتناشتى. فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، فىلىم ئىشلىگۈچى مەمەتجان سەمەت، فىلىمدا رول ئالغان ئارتىستلار ۋە مۇزىكانتلار سەھنىگە تەكلىپ قىلىنىپ، بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدىكى بەزى تەسىراتلىرىنى تاماشىبىنلار بىلەن ئورتاقلاشتى، شۇنداقلا سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

تۆۋەندە بىز بۇ فىلىمنىڭ رېژىسسورى، سېنارىستى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىسى بولغان مەمەتجان سەمەت ئەپەندى، كىنودىكى باش رولچى غەيرەت، شۇنداقلا بىر قىسىم تاماشىبىنلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.