«يېڭى زۈركلىكلەر» گېزىتى: «ئۇيغۇر دىيارىدا ‹ھەممە ئىشنىڭ نورماللاشقانلىقى› يالغان!»
2024.01.19
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ساياھەت ئەۋزەللىكىنى كۆز-كۆز قىلىپ دۇنياغا «ھەممە ئىش نورمال» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىدە زادى قانداق بىر ئۆزگىرىشنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈش، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ راستتىنلا تاقالغان-تاقالمىغانلىقىنى بىلىش، بەزى غەرب ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ جىددىي قىزىقىشىغا ئايلانماقتا. شىۋېتسارىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «يېڭى زۈركلىكلەر گېزىتى» شۇلاردىن بىرى.
ھالبۇكى، يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان «يېڭى زۈركلىكلەر گېزىتى» نىڭ مۇخبىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ 18-يانۋار ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئاتالمىش «نورماللاشقان شىنجاڭ» نى كۆرگەنلىكىنى ئىپادە قىلمىغان. ئەكسىچە مۇخبىرلار «شىنجاڭدىكى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى: نورماللاشقانلىقنىڭ شەپىسى يوق» ناملىق بۇ ماقالىسىنى «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ھەممە ئىشلارنىڭ ياخشىلىنىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. راست شۇنداقمۇ؟ نەق مەيداندا تەتقىق قىلىپ كۆرەيلى» دېگەن كىرىش سۆز بىلەن باشلىغان. ئۇلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە داۋراڭ سېلىۋاتقاندەك ئۇيغۇر دىيارىدا «ھەممە ئىشنىڭ نورماللاشقانلىقى» نىڭ يالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«نەق مەيدان تەتقىقاتى» دەپ ئاتىغان بۇ ماقالىدە بايان قىلىشىچە، 2023-يىلى نويابىر ئايلىرىدا «يېڭى زۈركلىكلەر گېزىتى» نىڭ بىر بۆلۈك مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە بارغان. ئۇلار غۇلجادىكى چۆلدەرەپ قالغان بىر لاگېرنى ۋە ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىن 200 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شوپۇرلۇق كۇرسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان يەنە بىر لاگېرنى يىراقتىن كۆرگەن. بىراق بۇ لاگېرلارنى نازارەت قىلىۋاتقان نە ساقچىلار، نە قاراۋۇللار ياكى تۇتقۇنلارنى كۆرمىگەن. گويا بۇ لاگېرلار ئەزەلدىن ئىشلىتىلىپ باقمىغاندەك ۋەيرانە بىر قىياپەتلەر كۆزلىرىگە چېلىققان. ئۇلار بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ، «لاگېرلار راستىنلا تاقالغانمىدۇ؟» دېگەن ئويغىمۇ كېلىپ قالغان.
ھالبۇكى، ئۇلار ئىزدىنىپ يۈرۈپ، داۋانچىڭدىكى ئۈستىگە سىم توسۇقلار ئورنىتىلغان ئېگىز ئاق تام بىلەن قورشالغان، قاراۋۇلخانىلىرىدا كۆزەتچى ئەسكەرلەر مىدىرلاپ يۈرگەن بىر لاگېرنىمۇ كۆرگەن. كوچىدا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىنى سۈكۈت ئارقىلىق جاۋابسىز قالدۇرغان. بىر كاۋاپچى ئۇيغۇر «ئۇ جاي ھازىر تۈرمە» دەپ جاۋاب بەرگەن، يەنى ئۇ بۇ جاۋابى ئارقىلىق يىللاردىن بۇيان قانچە ئونمىڭ ئىنساننىڭ قامالغانلىقى پەرەز قىلىنىپ كەلگەن داۋانچىڭدىكى چوڭ لاگېرنىڭ ھازىر تۈرمىگە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە تەسۋىرلىشىچە، مۇخبىرلار كوچىدا ئۇچراتقان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى لاگېرلار ھەققىدە زىيارەت قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، خىتاي تەھدىتىدىن يۈرەكلىرى لەختە بولغان ۋە قورقۇپ كەتكەن بۇ كىشىلەر ئۆزىنى قاچۇرغان، بىراق جاۋاب بېرىدىغان ئىنسانلارمۇ چىققان. جاۋاب بەرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سۆزى ئوخشاشلا «ھازىر لاگېر مەۋجۇت ئەمەس، ئۇلار نورمال تۈرمە» دېگەن. بۇ خىل ئوخشاش جاۋابلاردىن گۇمانلانغان مۇخبىرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «چەت ئەللىكلەر سورىسا، مۇشۇنداق دەيسەن» دەپ ئىچكىي بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلغان.
گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ۋە بۇ لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر زۇلۇملارنى داۋاملىق يوشۇرۇش ئۈچۈن خەلقئاراغا «ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ھەمدە ساياھەت ئەۋزەللىكى يۇقىرى بولغان گۈزەل شىنجاڭ» تەشۋىقاتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
«يېڭى زۈركلىكلەر گېزىتى» مۇخبىرلىرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارنى ياكى لاگېرلاردىن قويۇپ بېرىلگەن سابىق تۇتقۇنلارنى ۋە ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىنى زىيارەت قىلىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. ئۇلار قازاقىستاندا زىيارەتلەردە بولۇپ، ئالمۇتادىكى بىر بۆلۈك قازاق لاگېر شاھىتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان.
مۇخبىرلار قازاقىستاندىكى سۆھبەت ئەسناسىدا، قولىدا ئىماملىق كىنىشكىسى بولغان 52 ياشلىق تۇرسۇن ساۋۇتنىڭ «ئاممىۋى تەرتىپنى بۇزغان» دېگەن جىنايەت بىلەن 13 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى، خىتاي ئۆزى بەرگەن كىنىشكىنىڭمۇ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالالمىغانلىقى، ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان 69 ياشلىق خالىدە ئاتخاننىڭ 39، 42 ۋە 44 ياشلىق ئۈچ ئوغلىنىڭ «ناماز ئوقۇغان» گۇناھى ئۈچۈن 10 يىللىق، 22 يىللىق ۋە 25 يىللىق قاماق جازالىرىغا مەھكۇم بولغانلىقىغا ئوخشاش تالايلىغان پاكىتلارنى كۆرگەن. ئۇلار ماقالىسىدە خالىدە ئاتخان ئانىنىڭ «شۇ ئوغۇللىرىمنىڭ چىرايىنى بىر قېتىم كۆرۈۋېلىپ ئۆلۈپ كەتسەم، ئارمىنىم يوق ئىدى» دەپ يىغلاپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭغا ئوخشاش خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا دائىر دەلىللەرنى قازاقىستاندىن كۆپلەپ تاپالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. بۇ رېئاللىقلار ئۇلارنى خىتاينىڭ «شىنجاڭدا ھەممە ئىش نورمال» دېگەن سەپسەتىلىرىنى تامامەن رەت قىلىش ئىمكانىيەتلىرى بىلەن تەمىنلىگەن.
فىرانسىيەدىكى جازا لاگېرى شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ «شىنجاڭدا ھەممە ئىش نورمال» تەشۋىقاتىنىڭ ئەمدى بازار تاپالمايدىغانلىقىنى، دۇنيا جامائىتىنىڭ خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردىن خەۋەردار بولۇپ بولغانلىقىنى ئىپادە قىلدى. شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەندېلى ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
ماقالىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئاپىرىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىدىن ئايرىپ تاشلاۋاتقانلىقىمۇ بايان قىلىنغان. ماقالىدا يەنە جازا لاگېرلىرىدىكى قىيىن-قىستاقلار، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى قاتارلىق ئەمەلىي مەزمۇنلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.