چاپچال جاغىستايدا 15 يىللىق جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەن ئىلھام ئىمىنجان يەنىلا قويۇپ بېرىلمىگەن
2021.10.01
ئىنكاس قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى 4 يىلدىن بۇيان ئىلگىرى قولغا ئېلىنىپ جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەنلەر ئاساسەن دېگۈدەك قويۇپ بېرىلمىگەن، قويۇپ بېرىلگەنلەر بولسا سابىق مەھبۇس نامىدا قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا يوللانغان. چاپچال ناھىيەسىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدىكى ئىلھام ئىمىنجانمۇ 2006-يىلى 15 يىللىق كېسىلگەن ۋە بۇ يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى جازا مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن.
ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا لاگېر تۇتقۇنى باشلانغاندا، سابىق مەھبۇسلار يەنى ئىلگىرى تۈرمىدە يېتىپ چىققانلار، ئەڭ دەسلەپتە تۇتۇلغانلار قاتارىدا ئورۇن ئالغان؛ 2014-يىلى 6-ئايدا باشلانغان «تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىىش» دولقۇنىدىمۇ سابىق مەھبۇسلار دەسلەپكى زەربە نىشانلىرى ئارىسىدا ئورۇن ئالغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى 4 يىل ئىچىدە، ئىلگىرىكى يىللاردا تۈرمىگە تاشلىنىپ جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەنلەر ئاساسەن دېگۈدەك ئائىلىسىگە قايتمىغان. چاپچال ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە رادىىومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، چاپچالنىڭ جاغىستاي يېزىسىدىكى ئىلھام ئىمىنجان 2006-يىلى 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. بۇ يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى قويۇپ بېرىلىشى كېرەك بولغان ئىلھام ئىمىنجان تا بۈگۈنگىچە ئائىلىسىگە قايتمىغان.
چاپچال جاغىستايغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، ئالاقىدار خادىملاردىن ئىلھام ئىمىنجاننىڭ مەھەللىدە بار ياكى يوقلۇقىنى سورىدۇق. بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرى، ئىلھام ئىمىنجاننى ئۇزۇندىن بېرى كۆرمىگەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تېخى قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، ئىلھام ئىمىنجان، بىز ئالدىنقى كۈنى خەۋىرىنى بەرگەن يەنى 33 يېشىدا 3-قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان ئەركىن ئىمىنجاننىڭ ئىككىچى ئاكىسى بولۇپ، ئەركىننىڭ ئەڭ چوڭ ئاكىسى مەمەتجان ئىمىنجان، 2018-يىلى 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەن؛ ئەركىننىڭ ئىنىسى ئەنۋەر ئىمىنجان بولسا، بۇ يىل 6-ئايدا 7 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. شۇنداقتا، ئىمىنجان ئائىلىسىدىكى 5 ئوغۇلدىن 4 نەپىرى نۆۋەتتە تۈرمە ۋە قاماقتا ئىكەن. جاغىستايدىكى ئالاقىدار كەنت خادىملىرى، گەرچە، يۇقىرىقى تۆت ئاكا-ئۇكىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى، جۈملىدىن جازا مۇددەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، جازا مۇددىتى توشۇپ 4 ئايدىن كېيىنمۇ قويۇپ بېرىلمىگەن ئىلھام ئىمىنجان، ئىنىسى ئەركىن ئىمىنجانغا ئوخشاشلا، 21 ياش ۋاقتىدا تۈرمىگە تاشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسى ئۇنى تۈرمىدىن چىققان ھامان تويىنى قىلىپ ئۆيلۈك ئوچاقلىق قىلىش ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقان ئىكەن. ئىلھام ئىمىنجاننىڭ قويۇپ بېرىلمەي داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ بۇ ئەقەللىي ۋە ھەققانىي ئائىلە پىلانىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان.
چاپچال ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار خادىملار، ئىلھام ئىمىنجاننىڭ جازا مۇددىتى توشقان تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزنى جاۋابسىز قالدۇردى. ئۇ يەنە چاپچال بويىچە، يەنە قانچىلىغان مەھبۇسلارنىڭ جازا مۇددىتى توشقان تۇرۇقلۇق قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغىمۇ جاۋاب بەرمىدى.
ئىلگىرى دائىرىلەر، ھۆججەتلىرىدە سابىق مەھبۇسلارنى نېمە ئۈچۈن قايتا تۇتۇش كېرەكلىكىگە ئىزاھات بېرىپ، 2009-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە تۈرمىدىن چىققانلارنىڭ بەلگىلىك ساندا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەتقىقاتچىسى چيۇ يۈەنيۈەن بولسا، 2017-يىلنىڭ ئاخىرى «دىنىي ئەسەبىيلىككە تۈگىتىش دولقۇنى» ھەققىدىكى بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، 2014-، 2015- ۋە 2016-يىللىرى ئۇيغۇر رايونىدا «تېررورچىلار» غا بەك قاتتىق ۋە كەڭ دەرىجىدە زەربە بېرىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋىئىابات ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتكە قارىتا قورساق كۆپۈكى بولماسلىقىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، شۇڭا بۇلارنىڭ ئىش تېرىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تازىلاش نامى ئاستىدا «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» قۇرۇلغانلىقىنى ۋە بۇ مەركەزدىكىلەرنىڭ ھېچقانداق بىر جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن بولسىمۇ، مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈنلا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. شەندۇڭدىكى بىر تەتقىقات تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلات، ئۇزۇن ئۆتمەي توردىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەنىدى.