ميۇنخېندىكى «بوغدا ئۇيغۇر مەكتىپى» نىڭ كۆلىمى زورايماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.03.09
boghda-uyghur-mektipi-1.jpg «مېھرىبان ئانىلار» دەپ ئاتىلىدىغان «گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانىلار بىرلىكى» نىڭ قارمىقىدا قۇرۇلغان «بوغدا ئۇيغۇر مەكتىپى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 7-مارت، ميۇنخېن.
RFA/Ekrem

7-مارت كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى «مېھرىبان ئانىلار» دەپ ئاتىلىدىغان «گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانىلار بىرلىكى» نىڭ قارمىقىدا قۇرۇلغان «بوغدا ئۇيغۇر مەكتىپى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ميۇنخېن شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرىدە خانىمنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ مەكتەپ يېڭىدىن 4 سىنىپقا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ سىنىپلاردا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر ئانا تىلى ئاساس قىلىنغان ھالدا تۈرلۈك پەننىي، دىنىي بىلىملەر ھەمدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ئۆگىتىلىدىكەن.

ميۇنخېن شەھىرىدىكى جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، 7-مارت كۈنىدىكى بۇ مەكتەپنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «بوغدا ئۇيغۇر مەكتىپى» نىڭ دەسلەپكى ئاساسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ زۇلۇمى ئەۋجىگە چىققان 2018-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىگە قىلىۋاتقان تاجاۋۇزىغا قارشى قۇرۇلغان. «بوغدا ئۇيغۇر مەكتىپى» 2 يىلدىن بۇيان تەرەققىي قىلىپ، ئۇنىڭ ھازىرقى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى يۈزدىن ھالقىپ كەتكەن.

«گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانىلار بىرلىكى» نىڭ ئەزالىرىدىن ھەلىمە خانىم «بوغدا ئۇيغۇر مەكتىپى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە «مېھرىبان ئانىلار» نىڭ ھازىرغا قەدەر ميۇنخېندا ئېلىپ بارغان پائالىيەت دائىرىسى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ، «مېھرىبان ئانىلار» نىڭ گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن قوللىشى، يار-يۆلەكتە بولۇشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا تولىمۇ قاباھەتلىك بىر زامان كەلگەن بۈگۈنكىدەك بىر ۋەزىيەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ۋەتىنىگە، بايرىقىغا، مىللىي كىملىكىگە ئىگە قىلىپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ خىلدىكى ئىشتىن سىرتقى مەكتەپلەرنى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە تەسىس قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.

«بوغدا ئۇيغۇر مەكتىپى» ئىككى يىلدىن بۇيان ميۇنخېن شەھىرىدە كۆپ قېتىم تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن ئىدى. مەزكۇر مەكتەپنىڭ مەسئۇللىرىدىن پەرىدە خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، 1-مارت ئۆتكۈزۈلگەن قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە بولغان «ئۇيغۇر ئانا تىل پائالىيىتى» مۇراسىمى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرىغا سازاۋەر بولۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. بۇ مەكتەپ دەرسلەردىن سىرت، ياز مەزگىللىرىدىكى تەتىللەردە يەنە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى دالا سەيلىلىرىگە ئېلىپ چىقىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.