لوغاڭىس دىفغانو- «ئۇيغۇرلار، بىر قۇربان خەلقىنىڭ ھېكايىسى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2022.09.30
لوغاڭىس دىفغانو- «ئۇيغۇرلار، بىر قۇربان خەلقىنىڭ ھېكايىسى» تونۇلغان فىرانسۇز ژۇرنالىست لوغاڭىس دىفغانو(Laurence Defranoux) تەرىپىدىن يېزىلغان «ئۇيغۇرلار، بىر قۇربان خەلقىنىڭ ھېكايىسى» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Azigh (Laurence Defranoux teminligen)

8-سېنتەبىر كۈنى تونۇلغان فىرانسۇز ژۇرنالىست لوغاڭىس دىفغانو تەرىپىدىن يېزىلغان «ئۇيغۇرلار، بىر قۇربان خەلقىنىڭ ھېكايىسى» ناملىق كىتاب فىرانسىيەدە نەشر قىلىندى.

تارىخ ۋە جۇغراپىيەۋى سىياسەت تېمىلىرىنى ئاساسلىق نەشر ئوبيېكتى قىلغان «تالوندى» (Tallandier) نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بۇ كىتابتا ئۇيغۇر تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تونۇلغان ژۇرنالىست لوغاڭىس دىفغانو بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئاپتور لوغاڭىس دىفغانونىڭ ئېيتىشىچە، كىتابتىكى تارىخى بايانلار تونۇلغان تارىخچىلارنىڭ تەتقىقاتلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار توغرىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ئاممىباب تىلدا يېزىلغانىكەن.

«ئۇيغۇرلار، بىر قۇربان خەلقىنىڭ ھېكايىسى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى تونۇلغان فىرانسۇز ژۇرنالىست لوغاڭىس دىفغانو(Laurence Defranoux).
«ئۇيغۇرلار، بىر قۇربان خەلقىنىڭ ھېكايىسى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى تونۇلغان فىرانسۇز ژۇرنالىست لوغاڭىس دىفغانو(Laurence Defranoux).
RFA/Azigh (Laurence Defranoux teminligen)

لوغاڭىس دىفغانو مەزكۇر كىتابنى يېزىش مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر خەلقى ۋە رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى سىياسىي تەشۋىقات ۋە مىللەتچى ئىدېئولوگىيەلەردىن خالى شەكىلدە ئاڭلىتىش مەقسىتىدە بۇ كىتابنى يېزىپ چىقتىم».

لوغاڭىس دىفغانو كىتابنىڭ بۈگۈنكى زامان تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسمىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان يۈزلىگەن سۆھبەتلەر، خەلقئارالىق تەتقىقات تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتلار، بولۇپمۇ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان خەۋەرلەر، داڭلىق تەتقىقات مەركەزلىرى ئېلان قىلغان دوكلاتلار ۋە مىڭلىغان خىتاي ھۆججەتلىرىگە ئاساسەن يېزىلغانلىقىنى ئېيتتى.

دىلنۇر رەيھان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قېلىپ، ژۇرنالىست لوغاڭىس دىفغانۇ ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان «ئۇيغۇرلار، بىر قۇربان خەلقىنىڭ ھېكايىسى» ناملىق كىتابى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ كىتابنىڭ ئامىباب تىلدا ئىنچىكىلىك بىلەن يېزىلغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلىققە ۋە ياشلارغا تونۇشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

لوغاڭىس دىفغانو زىيارىتىمىزنى داۋامىدا، فىرانسىيە ئاممىسى، بولۇپمۇ ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىنتايىن ئاكتىپ ئىكەنلىكىنى، ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى رافائىل گلۇكسمان ۋە دوكتور دىلنۇر رەيھاننىڭ تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ فىرانسىيە تاراتقۇلىرى ۋە ياۋروپا جەمئىيىتىدە ئىنتايىن چوڭ تەسىر قوزغىغانلىقىنى ئېيتتى.

لوغاڭىس دىفغانو زىيارىتىمىز داۋامىدا، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارلىرىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ھۆكۈمىتىمىز ۋە پرېزىدېنتىنىڭ سىياسىي قارارى ۋە ئاممىۋى مەيدانى يەنىلا ئىنتايىن دېلىغۇل. بەزى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمما قىلىشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن ئىشلار بار. كىتابىمنىڭ فىرانسۇزچە سۆزلەيدىغان قارار چىقارغۇچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ بېيجىڭ پەيدا قىلغان ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى چۈشىنىشىگە، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا قارشى تۇرۇشىغا ۋە جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتىشىگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

2017-يىلى «ئازادلىق» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى لوغاڭىس دىفغانو پارىژدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇر دوستى ئارقىلىق لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن خەۋەر تاپقان بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە كۆپ ئىزدەنگەن.

لوغاڭىس دىفغانونىڭ 2020-يىلى «ئازادلىق» (Liberation) گېزىتىنىڭ بىرىنچى بېتىدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار، ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملاشماقتا» ناملىق خەۋىرى فىرانسىيە ۋە ياۋروپادا چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان. خەۋەر ئېلان قىلىنغان كۈنى، دۆلەت مەجلىسى فىرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ مەسىلە توغرىسىدا سوئال سورىغان.

بۇ سەۋەبلىك فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون نەچچە يىللىق سۈكۈتتىن كېيىنكى تۇنجى باياناتىنى بەرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.