رېژىسسور ئېرىك داربرې: «بىر ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تېىخمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈش-ۋەزىپەمدۇر»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2022.10.26
رېژىسسور ئېرىك داربرې: «بىر ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تېىخمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈش-ۋەزىپەمدۇر» فىرانسىيە پارلامېنتىدا فىرانسىيەلىك مۇخبىر ۋە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگۈچى ئېرك داربرې تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «خىتاي ئۇيغۇرلارنى قانداق يوقىتىۋاتىدۇ؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمىدا، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 19-ئۆكتەبىر.
RFA/Azigh

ژۇرنالىسىت ۋە رېژىسسور ئېرىك داربرې (Eric Darbré) تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «ئۇيغۇرلار: ئاشكارىلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مېخانىزمى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، 18-ئۆكتەبىر كۈنى فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ تېلېۋىزىيە قانىلى (LCP-AN)دا قويۇلغان.

مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغاندىن كىيىن، فرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان. مەزكۇر فىلىم 19-ئۆكتەبىر كۈنى فرانسىيە پارلامېنتىدا كۆرسىتىلگەن. فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمىغا پارلامېنت ئەزالىرى، مۇخبىرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولۇپ، كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قويۇلۇش مۇراسىمىدا ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىگەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ژورنالىسىت ۋە رىژىسسور ئېرىك داربرې ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئېرىك داربرې ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەش قارارىغا قانداق كەلگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قوغدىلىشى، ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ خىتايدىن مۇستەقىل بولۇشىنى ئۆمىد قىلىمەن. تۇنجى قېتىملىق ساياھىتىمدىن بۇيان، ئۇيغۇر دىيارىغا ئون قېتىمدەك باردىم. مەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پاجىئەلىرىنى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەمىشە تەكىتلەپ كەلدىم. بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى شۇ سەۋەبلىك ئىشلەش قارارىغا كەلدىم.»

«ئۇيغۇرلار: ئاشكارىلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مېخانىزمى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدىكى سەدىردىن ئايۇپوف ئەپەندىنىڭ پەرزەنتلىرى. 2022-يىلى ئۆكتەبىر.
«ئۇيغۇرلار: ئاشكارىلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مېخانىزمى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدىكى سەدىردىن ئايۇپوف ئەپەندىنىڭ پەرزەنتلىرى. 2022-يىلى ئۆكتەبىر.
RFA/Azigh

ئېرىك داربرې ئۆزىنىڭ 25 ياش ۋاقتىدا ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تونۇشقانلىقىنى، ئاخباراتچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىغا ئون قېتىمدىن ئارتۇق بارغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ 20 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان قىرغىنچىلىقلارنى فرانسىيە خەلقىگە ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر دىيارىدا زۇلۇم توختاپ قالمىدى، ئەھۋال يىلدىن-يىلغا ناچارلاشتى. بىر ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئامال بار تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بۇ ئەھۋالنى يەتكۈزۈش-مېنىڭ ۋەزىپەمدۇر. بۇ ئۇرۇنۇشلار ئارقىلىق يا بۇ قىرغىنچىلىقلارنى توختاتقىلى ياكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرگىنى بولىدۇ، دەپ قارايمەن.»

ئېرىك داربرې مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى كۈرىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر چەت ئەلدىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدىن ئايرىلغىنىغا ئۇزۇن بولدى. 2017-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق شەكىلدە خىتاي سىرتىغا چىقىشى مۇمكىن بولمىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئوخشاش تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن بىر ئاۋازدا ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.»

«ئۇيغۇرلار: ئاشكارىلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مېخانىزمى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدىكى سەدىردىن ئايۇپوف ئەپەندى پەرزەنتلىرى بىلەن. 2022-يىلى ئۆكتەبىر.
«ئۇيغۇرلار: ئاشكارىلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مېخانىزمى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدىكى سەدىردىن ئايۇپوف ئەپەندى پەرزەنتلىرى بىلەن. 2022-يىلى ئۆكتەبىر.
RFA/Azigh

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلدى. ئۇ، مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈپ ھېس قىلغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىم ياكى باشقا سەنئەت تۈرلىرى ئارقىلىق خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

ئېرىك داربرې مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم ھەم قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق تەپسىلىي يورۇتۇپ بەرگەن.

ئېرىك داربرې زىيارىتىمىز ئاخىرىدا كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان تونۇشىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى:

«ۋەزىيەت كۈنسېرى ناچارلاشماقتا. بىر قانچە يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستانغا بېرىش، ئۇ يەر ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشىش ۋە بىۋاسىتە ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە قىلىش بارغانسېرى مۇرەككەپ ۋە خەتەرلىك بولۇۋاتىدۇ. لىكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىنى قوللىغۇچىلارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيدى. بولۇپمۇ غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەر ھازىر ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.»

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تېمىسىدىكى سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە ھۆججەتلىك فىلىملەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە كۈچلۈك جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈشتە يىڭى ئالاقە قوراللىرىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.