ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى(NBA) نىڭ تۈرك ماھىرى ئەنەس كانتەر يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ۋاكېتبول مۇسابىقىلىرىگە «تىبەتكە ئەركىنلىك»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «خىتايغا ئەركىنلىك» دېگەن خەتلەر بىلەن ئۇيغۇلار ۋە تىبەتنىڭ بايرىقى كىرىشتۈرۈلگەن كارتون رەسىملەر چۈشۈرۈلگەن ئۆزگىچە تەنتەربىيە ئايىغىنى كىيىپ قاتناشقان.
ئەنەس كانتەر كىيگەن ئەڭ يېڭى بىر جۈپ تەنتەربىيە ئايىقىغا «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ سىمۋولى بولغان تانكا بىلەن كانتەرنىڭ «ۋىننىي پۇخ» (ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا سىمۋول قىلىنىدىكەن) نىڭ بېشىنى ۋاسكېتبول تۇتقاندەك تۇتۇپ تۇرغان ھالىتى چۈشۈرۈلگەن.

بۇ ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە ئەنەس كانتەرنىڭ ئۈچىنچى قېتىم خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى ئۇچۇر يېزىلغان تەنتەربىيە ئاياقلىرىنى كىيىشى ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ ئاياقلارغا چۈشۈرۈلگەن لايىھەلەر شاڭخەيدە تۇغۇلغان، ھازىر ئاۋستىرالىيەدە ياشاۋاتقان خىتاي نەسىللىك كارتون لايىھەلىگۈچى با دىيۇ ساۋ ئەپەندى تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن. با دىيۇ ساۋ ئەپەندىنىڭ 2018-يىلى خوڭكوڭدا ئېچىلماقچى بولغان «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» گە بېغىشلاپ لايىھەلىگەن كارتون رەسىملىرى كۆرگەزمىسى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق مۇخبىرىمىزنىڭ با دىيۇ ساۋ ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن تەپسىلىي سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىز.