ئانالىزچىلار: «خىتاينىڭ›ئۇيغۇرلار بەختلىك‹ناملىق ئاخبارات يىغىنلىرى، ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاش تەشۋىقات مودېلىنىڭ تەكرارى»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021-11-09
Share
قازاق، رۇس، تاتار ۋە ئۆزبېك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى ئەيىبلىدى نۇرغۇن خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا يۆتكەش ئۈچۈن پويىز ئىستانسىسىدا تىزىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغان، كۆزى تېڭىق، كىشەنلەنگەن ئۇيغۇرلار.
news.sky.com

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېتنىك باستۇرۇشى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىنىپ، خەلقئارادا خىتايغا قارشى جازا تەدبىرلىرى كۆپەيمەكتە. بۇنىڭغا قارشى خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئاتالمىش «ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى» دا «ئۇيغۇرلار بەختلىك» دېگەن تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى خىتايغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

8-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئاقسۇدا ئەنە شۇنداق ئاتالمىش «ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئاچقان. يىغىندا، ئاقسۇدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئاتالمىش ئۇيغۇر گۇۋاھچىلىرىنى سۆزلىتىلگەن.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىن رىياسەتچىسى گۈلى ئابدىلىم سۆزىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىگە، «جۇڭگونىڭ يۈزىگە قارا سۈركەۋاتىدۇ»، «شىنجاڭ مەسىلىسى ئارقىلىق جۇڭگونى كونترول قىلماقچى» دېگەن سۆزلەر بىلەن ھۇجۇم قىلغان.

يىغىندا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى نىياز ھاشىممۇ سۆز قىلغان. ئۇ ئاۋۋال ئاقسۇنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە خىتاينىڭ «18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاتالمىش ئىسلاھات تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ماختىغان. ئۇ: «ئاقسۇدا 13-5 يىللىق پىلان مەزگىلىدە»، «ئاشلىق، پاختا، مېۋە، باقمىچىلىق قاتارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەت ئىگىلىكى تەرەققىي قىلدى، مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى يولغا قويۇلدى» دېگەن. ئاندىن ئۇ يەنە، «ھازىرجەمىيەت مۇقىم، ھەر مىللەت خەلقى باياشات، ئىتتىپاق ياشاۋاتىدۇ. بۇ يەردە ھەرگىزمۇ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئېتيقىنىدەك‹مەجبۇرىي ئەمگەك›، ‹ئېتنىك قىرغىنچىلىق› ۋە‹مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى› مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن.

يىغىندا سۆزگە چىقىرىلغان ئاتالمىش «كەسپىي مەكتەپ» نى تۈگەتكەن ئۇيغۇر گۇۋاھچىلار، ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان زاۋۇتلاردا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يۇقىرى مائاش ئېلىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى، دەم ئېلىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، تۇرمۇشىنىڭ ئىلگىرىكىدىن باياشات ۋە بەختلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئاقلىغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىلەردىن «جورجىيا شتاتىدىكى تۇڭگان زىيالىيسى سۇلايمان گۇ ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئاچقان ئاتالمىش «ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى» نى 30-40-يىللاردىكى ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاش تەشۋىقاتلىرىغا ئوخشاتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدىكى گېرمانىيە دۆلىتىمۇ مۇشۇنداق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ يەھۇدىيلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاقلىغانىدى. ئۇلار يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى يەھۇدىيلارنى بەختلىك ياشاۋاتىدۇ دەپ تەشۋىق قىلغان. ئەمما ئەمەلىيەتتە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا يەھۇدىيلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ئاشكارا ئەھۋال ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئەينى يىللىرىدىكى ناتسىستلار ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش تەكرار-تەكرار ھالدا بۇ خىل‹ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى›نى ئېچىپ، غەرب دۆلەتلىرىنى ئاتالمىش ‹يالغانچىلىق› بىلەن ئەيىبلەۋاتىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەت ئۇنىڭ ئۆز قىلمىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇ چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماي كەلدى».

سۇلايمان گۇ ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە رۇخسىتى بىلەن تەكشۈرۈشكە بارغان مۇخبىرلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچىمۇ، ئۇلار زىيارەت جەريانىدا نازارەت قىلىنىش بىلەنلا قالماستىن، ئۇلار زىيارەت قىلغان ئوبيېكتلار دائىرىلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان. زىيارەت ئوبيېكتلىرى ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا، يالغان گەپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان ‹ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى› ھەقىقىي ئۇچۇر ئەمەس. بەلكى ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقات، شۇڭا ئۇنىڭ ھېچقانداق قايىل قىلىش ئاساسىمۇ يوق».

سۇلايمان گۇ ئەپەندى يەنە، دائىرىلەر تەرىپىدىن ھازىرلانغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى سەھنىسىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىپادىسى بولغان، نان، دۇتار ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ ئۇيغۇرچە كىيىمى ھەققىدە توختىلىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن پايدىلىنىلغان ساختا كۆرۈنۈشلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى سەمەت ئابلا ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاقسۇدا ئېچىلغان ئاتالمىش «ئاخبارات ئېلان قىلىش» يىغىنى ھەققىدە توختالدى.

سەمەت ئابلا ئەپەندى بۇ خىل يىغىنلارنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىشتىن ئۈرۈمچىگە ۋە قەشقەر، كورلا، ئاقسۇغا ئوخشاش ۋىلايەتلەرگە قەدەر كېڭىيىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەيىبلىشى ۋە خىتايغا قارىتىلغان جازا تەدبىرلىرى سەۋەبلىك ئۆزىنى ئاقلاشقا مەجبۇر قېلىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سەمەت ئابلا ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە سىياسەتچىلەر كۆرسەتكەندەك گىتلېر گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارغا قوللانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش تەشۋىقاتىغا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەمەت ئەپەندى ئۆزى يېقىندا زىيارەت قىلغان 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلار قامالغان بىر يىغىۋېلىش لاگېرى دەرۋازىسىغا يېزىلغان «ئەمگەك قىلىش شەرەپلىك» دېگەن ۋىۋىسكا ۋە گىتلېر گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلار ھەققىدىكى تەشۋىقات فىلىملىرىنى نەقىل ئالدى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېتنىك باستۇرۇشى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىنى «گىتلېر گېرمانىيەسى قوللانغان سىياسىي تەشۋىقاتلارنىڭ تەكرار مودېلى» دېيىشكە بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت