كانادا ئۆتكۈزۈلگەن خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان
2024.11.25
22-نويابىردىن 24-نويابىرغىچە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى، كانادا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ھەمكارلىقىدا كانادانىڭ نوۋا سكۇتيا شەھىرىدە چاقىرىلغان «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» گە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى روشەن ئابباس ۋە مەركىزى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى ھەققىدە ھەر ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، دىپلوماتلار ۋە ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر مۇنبەرگە ميۇنخېندىن كېلىپ قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى روشەن ئابباس، مۇنبەرنىڭ ئىككىنچى كۈنى مۇنبەرگە قاتناشقان بىرقىسىم دىپلوماتلار ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئايرىم يېپىق يىغىن ئۆتكۈزگەندە ئۇيغۇر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، خىتايغا، بولۇپمۇ بىڭتۈەن شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزۈشنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن مۇھىملىقىنى، خىتاينىڭ كونترولى بىلەن زورىيىۋاتقان زومىگەرلىكنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ يىلقى خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ۋە ئاسىيا ۋەزىيىتىگە مەركەزلەشكەندىن سىرت، تور بىخەتەرلىكى، ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان. بۇ مۇنبەردە يەنە، خىتاي ۋە تەيۋەن مەسىلىسى، خىتاينىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئورۇشىنىڭ ئارقىسىدىكى قارا قولى قاتارلىقلارمۇ مۇنازىرە قىلىنغان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا مۇزاكىرە يىغىنىدا خىتاينىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئارقىسىدىكى ياردىمىنى كېسىپ تاشلىماستىن ۋە خىتايغا ئومۇميۈزلۈك ئىمبارگو قويماستىن بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختالدى.
خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى كانادادا ھەر يىلى بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر، ناتو دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى، قوماندانلىرى، سانائەتچىلەر، تەتقىقاتچىلار ۋە سىياسىيونلار قاتنىشىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مۇنبەرگە بىلەن 5 يىلدىن قاتنىشىپ كەلمەكتە.