خايىرۇل ئانۋار: «ئەگەر بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىگە چىقمىساق، ئاللانىڭ ئالدىدا جاۋابىنى بېرەلمەيمىز»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2023.04.24
ablikim-idris-Hemkarliq-kelishimi.jpg ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھېكىم ئىدرىسنى ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2023-يىلى 21-ئاپرېل، مالايسىيا.
RFA/Erkin Tarim

ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مالايسىيادىكى پائالىيەتلىرى 21-ئاپرېل كۈنى مالايسىيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇردا ئۆتكۈزۈلگەن دىپلوماتلار بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقان. ئۇلارنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغان مالايسىيالىقلار ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ۋە ئادەم بولۇشنىڭ بۇرچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.

كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان، شۇنىڭدەك مالايسىيادىكى پائالىيەتلەرگە ساھىبخانىلىق قىلغان، مالايسىيا ئابىم ئىسلام ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خايىرۇل ئانۋار ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز بۇ قېتىم ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھېكىم ئىدرىسنى كۈتۈۋالدۇق. بۇ، پائالىيەتلەر مالايسىيا جامائىتى ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. بۇ بىزنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىز. بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قانداق قىلىپ مالايسىيانىڭ كۈن تەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرۇش، مالايسىيادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن قانداق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىپ پىلانلىرىمىزنى تۈزدۇق. بىزنىڭ يەنە بىر قىلغان ئىشىمىز شۇكى، بىز خىتاينىڭ كۇئالالۇمپۇردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تەلەپ خېتى سۇندۇق. بىز بۇ خېتىمىزگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋاب قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلىمىز، شۇنداق بولسىمۇ بىز خىتاينىڭ سەمىگە سېلىپ تۇرۇشنى داۋام قىلىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھالدا مالايسىيادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى، دىنىي جامائەتلەرنى خىتايغا تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ، كۆز بوياش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ خىتايغا بارماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز».

مالايسىيا ئابىم ئىسلام ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خايىرۇل ئانۋار ئەپەندى. 2023-يىلى 21-ئاپرېل، مالايسىيا.
مالايسىيا ئابىم ئىسلام ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خايىرۇل ئانۋار ئەپەندى. 2023-يىلى 21-ئاپرېل، مالايسىيا.
RFA/Erkin Tarim

خايىرۇل ئانۋار ئەپەندى مالايسىيا جامائىتى ۋە سىياسەت قاتلىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى، بۇنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى مۇنداق تەكىتلىدى: «قىسقىسى بۇندىن كېيىن مالايسىيادا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق ھۆكۈمىتىمىزنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز ۋە ئۇيغۇرلارغا ماددىي ھەم روھىي جەھەتتىن ياردەم قىلىمىز. ئەگەر بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىگە چىقمىساق، ئاللانىڭ ئالدىدا جاۋابىنى بېرەلمەيمىز».

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ پائالىيەتلەر توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مالايسىيادىكى پائالىيىتىمىز 13-ئاپرېلدا قەداخ شەھىرىدىكى سۇلتان ئابدۇلخالىم مۇئازام شاھ ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بېرىش پائالىيىتى بىلەن باشلانغانىدى. يىغىندا مەن، مالايسىيا ئابىم ئىسلام ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خايىرۇل ئانۋار ئەپەندى ۋە ئامېرىكادىن كەلگەن ھەزرەتئالى ھوشۇر ئەپەندىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەردۇق. ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى ئاڭلاپ ئاكتىپ سوئاللارنى سورىدى، قىزىقىش ناھايىتى يۇقىرى ئىدى».

ئابدۇلھېكىم ئىدرىسنىڭ ئېيتىشىچە، خايىرۇل ئانۋار ئەپەندى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياشلار ياچېيكىسىنىڭ ھىندونېزىيە شۆبىسى مەسئۇلى ئاسترىد ناديا رىزقىتا (Astrid Nadya Rizqita) خانىم ۋە ئامېرىكا تېكساستىن كەلگەن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى ھەزرەتئالى ھوشۇر قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر 4-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە مالايسىيادىكى 3 چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت ۋە 3 تەتقىقات مەركىزىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا لېكسىيە بەرگەندىن سىرت، ئاممىۋى تەشكىلاتلار بەرگەن چوڭ ئىپتار زىياپەتلىرىدە مۇسۇلمان جامائەتكە، مالايسىيا رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇلارنىڭ 14-ئاپرېل مالايسىيا بىلىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا، 17-ئاپرېل مالايسىيا ئىسلام ئىلىملىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزگەن دوكلات بېرىش يىغىنلىرىغا ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان. بۇلاردىن سىرت خەلقئارا ئىسلام تەتقىقات ئىنىستىتۈتىغا ئوخشاش مالايسىيا دۆلىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى تۈزۈشكە قاتنىشىدىغان بىر قانچە ئەقىل ئامبىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

Korgezme1.jpg

ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى مالايسىيادا ئېلىپ بېرىلغان بىر ھەپتىلىك پائالىيەتلەرنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: «مالايسىيادا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلاردا ئەڭ كۆپ دىققىتىمىزنى تارتقان نەرسە شۇ بولدىكى، دوكلات بېرىش يىغىنلىرىدا مالايسىيالىق رەھبەرلەر ۋە يىغىن ئەھلى: ‹بىز ئۇيغۇرلارنى شەرتسىز قوللايمىز. بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىمىز بىزگە، ئىنسانلىقتا ۋە دىنىمىزدا پەرز بولغانلىقى ئۈچۈن قىلىمىز. ئەگەر بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىگە چىقمىساق، ئۇلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغدىمىساق ئاللانىڭ ئالدىدا جاۋابىنى بېرەلمەي قالىمىز، يۈزىمىز قارا كېتىدۇ›دېگەن سۆزلەرنى كۆپ تەكىتلىدى».

خايىرۇل ئانۋار ئەپەندى بۇندىن كېيىن مالايسىيادا قىلىشنى پىلانلاۋاتقان پائالىيەتلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئارقىلىق، ھەممە پارتىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ھەرىكەت باشلىتىشنى ئويلاۋاتىمىز. تۈركىيەدە قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئىئانە يىغىش پائالىيىتى ئېلىپ بارماقچىمىز».

ئابدۇلھېكىم ئىدرىس باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئالدى بىلەن ھىندونېزىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، نەچچىلىگەن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ۋە جامائەت ئورۇنلىرىدا ئىلمىي پائالىيەتلەرنى قىلغاندىن كېيىن، 13-ئاپرېل مالايسىياغا كېلىپ پائالىيەت باشلىغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.