بىرىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر ئاياللار ئىلىم چېيى ئىستانبۇلدا غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى
2021.06.18

ئۇيغۇر جەمئىيىتى سىياسىي جەھەتتىن قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، مۇتەخەسسىسلەر كۈنسېرى ئۆتكۈرلىشىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىمەكتە.
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئاياللارنىڭ ئورنى، ئاياللارنىڭ مائارىپ، خىزمەت ۋە سىياسىي جەھەتتىن باراۋەر پۇرسەتكە ئېرىشىش مەسىلىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ مۇھىم نۇقتا بولۇپ كەلمەكتە.
12-ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تەشكىللىشىدە ئىلىم چېيى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتتە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنغان.
پائالىيەتكە مەغپىرەت كامال، ئامىنە سەدەف، رىسالەت تۇرسۇن قاتارلىق ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قاتناشقان بولۇپ، قاتناشقۇچىلار ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ھاياتى، ئەخلاق چۈشەنچىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئاياللار ھەققىدىكى قاراشلىرى توغرىسىدا تەييارلىغان ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.
مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە پائالىيەتچى ئامىنە سەدەف خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلىم چېيىنى ئابدۇقادىر داموللام تېمىسى بىلەن باشلاشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى پارچىلاش ۋە قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە نۇرغۇن ئىجتىمائىي كرىزىسلارنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۆستۈرۈش، ئاياللارنى تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر ھەر خىل ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن پايدىللىنىپ ئاياللارنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكتە.
مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە ئۆتكۈزۈلۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغان شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت قۇمتۇر ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتنىڭ رولى ۋە مەقسىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
دوكتورانىت رىسالەت تۇرسۇن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ خىل ئىلىم چايلىرىنىڭ كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ۋە مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە، ئۆزىدە بولغان ئىقتىدارلارنى جارى قىلدۇرۇشقا ۋە ئاياللارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىنى ئۆستۈرۈشكە ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. ئۇلار مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق يۈز بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئانالىز قىلغىلى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر شەكىللەندۈرۈۋاتقان بېسىم ۋە پسىخىك مەسىلىلەرنى مەدەنىيەت-سەنئەت ۋە ھەر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئاياللار ھوقۇقى ۋە ئاياللارنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسىدە جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ سەزگۈر ۋە تېخىمۇ ئاڭلىق بولۇشى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
رىسالەت تۇرسۇن خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈش، ئائىلە زوراۋانلىقى مەسىلىسى ھەققىدە جەمئىيەتنى تەربىيەلەش، ئاياللارنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن ئۆزىنى قوغدىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەردە كونكرېت خىزمەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبلىك تۈرلۈك ئىجتىمائىي كرىزىسلارغا يولۇقۇۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتى پۈتۈن دۇنيادا مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ۋە مەدەنىي بىر جەمئىيەت قۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە ئىكەن.