15-فېۋرال كۈنى، «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ، 6 گە قارشى 414 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم (Young Kim) خانىم تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان H. R. 2766 - نومۇرلۇق بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا يېتەكلەيدىغان بىر قانۇن لايىھەسىدۇر. ئۇنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ئاۋام پالاتادىن ئۆتۈشى لايىھەنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى ئۈچۈن تاشلانغان زور قەدەملەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
15-فېۋرال دۆلەت مەجلىسىدە بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا ئامېرىكادىكى ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، بۇ تارىخىي پەيتلەرگە شاھىت بولغانىدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇئىسا گىرىۋنىڭ دېيىشىچە، قانۇن لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلغاندا دەسلەپتە رەت ئاۋازى بەرگەن بىر قىسىم ئاۋام پالاتا ئەزالىرى قارارىنى ئۆزگەرتىپ لايىھەنى قوللىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«قىزىقارلىق بولغىنى، بۇ لايىھەگە ئاۋاز بېرىش باشلانغاندا دەسلەپتە 10 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى بۇنىڭغا رەت ئاۋازى بەرگەنىدى. بۇ ئەزالار ئادەتتە ئامېرىكانىڭ ئۆزىدىن باشقا دۆلەتلەردىكى ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مەبلەغ ئاجرىتىشىغا قارشى تۇرىدىغان، ئامېرىكانىڭ ئىچكى سىياسىتىدىن باشقا مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان سىياسەتچىلەردۇر. ئۇلار ئادەتتە پرىنسىپ سۈپىتىدە تاشقى سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق لايىھەگە قارشى ئاۋاز بېرىدۇ. ئەمما شۇلار چېغىدا ئاخىرىدا رەت قىلىش ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ، ‹ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى› نى قوللاپ ئاۋاز بەردى.»

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە كونكرېت ھەرىكەت قىلىشقا يېتەكلەشنى نىشان قىلغان بولۇپ، ئۇ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا مەخسۇس ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە ماسلاشتۇرغۇچى بېكىتىش، مەخسۇس ئىستراتېگىيە بەلگىلەش ۋە ئۇيغۇرچە بىلىدىغان دىپلوماتىيە خادىمى تەسىس قىلىشتەك كونكرېت ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىرنىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، بۇ لايىھەنىڭ زور كۆپ سانلىق قوللاشقا ئېرىشىشى ئامېرىكادىكى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى زور دەرىجىدە قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلىدىكەن. ئۇ يەنە بۇنى ئامېرىكادىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە توختىماي قىلغان لوبىچىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسى دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىن 6 گە قارشى 414 ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىپ چىققان بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتا نۇسخىسى 2023-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ باشچىلىق قىلىشى ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى كاتېرىن كورتىز ماستو ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى روگېر مارشال قاتارلىقلارنىڭ قوللىشى بىلەن تونۇشتۇرۇلغانىدى. ئۇ، ھازىر كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىرىشىنى كۈتمەكتە.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس خانىم ئامېرىكادىكى ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەمدى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتۈشى ئۈچۈن لوبىچىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتا نۇسخىسى بىلەن كېڭەش پالاتا نۇسخىسىدىكى بەزى پەرقلىق ماددىلار سەۋەبىدىن ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىشى بىرئاز رىقابەتلىك ئىكەن. بۇ، ھەرقايسى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ لوبىچىلىق پائالىيەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەنىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىملىقىنى بىلدۈرىدىكەن. ئەلفىدار خانىم ئۆزلىرىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتۈشى ۋە ئاقىۋەتتە پرېزىدېنت بايدېننىڭ قول قويۇشىغا سۇنۇلۇشى ئۈچۈن ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
«ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى لايىھەسى» نىڭ ئاپتورى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم خانىممۇ «X» تە يازغان ئىنكاسىدا ئۆزىنىڭ لايىھەسىنى قانۇنغا ئايلاندۇرۇش يولىدىكى خىزمەتلىرىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا كېرەكلىك بولغان تەدبىرلەرنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تەمىنلەشكە يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتۇق. مەن بۇنى ئاخىرقى نۇقتىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىمەن» دەپ يازغان.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قاتارلىقلار ۋە ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان ئورگانلار ۋە شەخسلەر بايانات ئېلان قىلىپ ئاۋام پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم خانىمغا رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ياڭ كىم خانىم تەرىپىدىن 2021-يىلى تۈزۈپ چىقىلغان بۇ قانۇن لايىھەسى 2022-يىلى دېكابىردا ئاۋام پالاتاسىدىن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن، بىراق يېڭى يىلنىڭ كىرىپ مەجلىسنىڭ ئالمىشىشى بىلەن قانۇنغا ئايلىنالمىغان. بۇ قانۇن 2023-يىلى 4-ئايدا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم(Young Kim) ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئامى بېرا (Ami Bera) تەرىپىدىن قايتىدىن دۆلەت مەجلىسىدە تونۇشتۇرۇلغانىدى.
بۇ قانۇن لايىھەسى تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە ماسلاشتۇرغۇچى بېكىتىش؛ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تونۇتۇش پروگراممىلىرىغا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى كىرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاممىۋى دىپلوماتىيە مۇنبەرلىرىدە سۆزلەشكە شارائىت ھازىرلاش؛ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى لاگېرلارنى تەكشۈرۈشى ۋە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان ئىستراتېگىيە تەلەپ قىلىش؛ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ چەت ئەللەردىكى دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىگە شارائىت يارىتىش، ئامېرىكانىڭ خىتاي، تۈركىيە ۋە باشقا ئۇيغۇر دىئاسپورا نوپۇسى كۆپرەك دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىغا كەم دېگەندە بىر ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان دىپلوماتىيە خادىمى تەقسىم قىلىش؛ ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسىنى ب د ت پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەش ۋە باشقىلار.