مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئاجىزلىقتىن زورىيىش تارىخىغا نەزەر سالغىنمىزدا بۇنىڭدىكى ئەڭ بۈيۈك غەلىبىلەرنىڭ بىرى قاتارىدا «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى ھەمدە يۇقىرى ئاۋاز ئۈستۈنلۈكى بىلەن ماقۇللىشىدىن ئۆتۈشىنى كۆرسىتىش مۇمكىن. بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىدا ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو، بوب مېناندېز، كرىستوفىر سىمىس، جېيمىس مەكگوۋېرن، براد شېرمان ۋە مايك مەككائۇل قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئادالەتنى ۋە ھەققانىيەتنى ياقلاشتىكى ھارماس ئاۋانگارتلار ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى نورمال خىزمەت تەرتىپى بويىچە پالاتانىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئىمزا قويۇشىغا يوللىنىدىغان بولۇپ، پرېزىدېنت ئىمزا قويغان كۈندىن باشلاپ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىدۇ. ناۋادا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈپ ئون كۈن ئۆتكىچە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پرېزىدېنت ئىمزا قويمىغان ھالەتتىمۇ، بۇ قانۇن لايىھەسى ھەر ئىككى پالاتادىن مۇتلەق ئاۋاز ئۈستۈنلۈكىدە ماقۇللانغان بولغاچقا ئامېرىكانىڭ ئاساسىي قانۇنى بويىچە 11-كۈندىن باشلاپ يەنىلا رەسمىي قانۇن بولۇۋېرىدۇ. بۇ مەسىلە 28-ماي كۈنى ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، مۇخبىرلارنىڭ بىرى «سىزنىڭچە، پرېزىدېنت بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويامدۇ؟» دەپ سورىغان ئىدى. ئاقساراينىڭ ئاخبارات ئىشلىرى كاتىپى كەلىي مەكېنانىي بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتقاندا بۇ بەكمۇ مۇھىم مەسىلە. بىز ھازىرچە بۇ قانۇن لايىھەسىنى تېخى تاپشۇرىۋالمىدۇق. شۇڭا پرېزىدېنتمۇ بۇنى كۆرۈپ چىققۇدەك بولمىدى. شۇڭا مەن ھازىر بۇ ھەقتە بىرنەرسە دېيەلمەيمەن. ئەمما مەن شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمكى، ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاي كومپارتىيەسىنى ئۇيغۇر ۋە باشقا جامائەتكە قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ۋە چېكىگە يەتكەن زۇلۇم سىياسەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىش پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىدۇ،» دېدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» ئۈچۈن بىرقاتار بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى ئاقلاپ كەلگەن ئىدى. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئىككى پالاتادىن بىردەك ماقۇللىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بايانلىرىنىڭ ئاقساراي تەرىپىدىن رەسمىي رەت قىلىنغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ قالدى.
ھەممىدىنمۇ مۇھىمى بۇ قاراردا خىتايدىكى ئالىي رەھبەرلىك كوللېكتىپى بولغان خىتاي كومارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 25 نەپەر ئەزاسى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان چېن چۇەنگوغا جازا بېرىش ھەققىدىكى مەزمۇنلارنىڭ يەر ئېلىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ «كىشىلىك ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشقا بىۋاسىتە جاۋابكار» دەپ كۆرسىتىلىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئاشكارا قوللىشى بولۇپ قالغان ئىدى. يەنە كېلىپ بۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئەڭ زور دەرىجىدە يىرىكلىشىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كېلىشى ھەمدە بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمە يىغىندا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ «بىز خىتاي رەئىسىگە (شى جىنپىڭغا) شۇنى ئېيتىپ قويماقچىمىز: سىز ئۇيغۇرلارغا ‹دۇنيا سىلەرنى ئۇنتۇپ كەتتى› دېيىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما ئۇلار ئۇنتۇلغىنى يوق،» دەپ خىتاب قىلىشى بۇ مەسىلىنىڭ ئاددىيغىنە بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاش ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي كومپارتىيەسىنى «تولۇق سوراققا تارتىش» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئامېرىكانىڭ قانۇنى بويىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى رەسمىي قانۇنغا ئايلانغاندىن كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى 180 كۈن ئىچىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇملارغا جاۋابكار خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسىملىكى ھەمدە ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۇشى لازىم ئىكەن. مەزكۇر ئىسىملىككە ئىسمى چۈشكەن شەخسلەر جازا بېرىلىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكادىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىش، ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىغا قەدەم ئېلىشىنى مەنئى قىلىش قاتارلىق چارىلارنىڭ قوللىنىلىدىغانلىقى مەلۇم.
«2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» رەسمىي قانۇنغا ئايلانغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشى، جۈملىدىن لاگېرغا قامالغان كىشىلەرنىڭ ئېنىق سانى ۋە ئەھۋالى ھەققىدە بىر تەپسىلىي دوكلات تەييارلاپ چىقىشى لازىم ئىكەن. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا «باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن،» دېدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ مۇشۇنداق قاراشتا بولۇپ، بۇنىڭ تاشقى دۇنياغا، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئەللىرى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 29-ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا سودا ۋە تېخنىكا ئوغرىلىقى ئارقىلىق ئامېرىكانى نەچچەيۈز مىليارد دوللارلىق زىيانغا ئۇچرىتىپ بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ۋىرۇس مەسىلىسىدىكى ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇش قىلمىشى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ئويۇنچۇق قىلىۋېلىشى ھەمدە ۋىرۇسنىڭ يامراپ كېتىشىدىكى جاۋابكارلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوپاللارچە قول تىقىشى بىلەن خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە مۇھىتىنىڭ غايىب بولۇۋاتقانلىقى ھەمدە يۈكسەك ئاپتونومىيە ھالىتىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» بولۇشتىن «بىر دۆلەتتە خىل بىر تۈزۈم» بولۇشقا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىدىن قانچىلىك نارازى بولۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ 29-ماي كۈنى بۇ قېتىمقى قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ئۇيغۇرلار يەنە يەتتە كۈنلۈك سۈرۈك ۋاقتى قالغانلىقىنى ئەسكە ئالغان ھالدا ئالدىمىزدىكى ھەپتە بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئېنىق خەۋەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كۈتمەكتە.
0:00 / 0:00