فىرانسىيەدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىش بويىچە ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇيغۇرئاي
2022.01.18
فىرانسىيەدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىش بويىچە ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىككىنچى قېتىملىق ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نى ئېتىراپ قىلىش قارار لايىھەسى» توغرىسىدا گۇۋاھلىق ئاڭلاش ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان لاگېر شاھىتلىرى. 2022-يىلى 17-يانۋار.
RFA/Uyghur'ay

17-يانۋار كۈنى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى بىلەن فرانسىيە سوتسىيال پارتىيەسى بىرلىكتە فرانسىيە پارلامېنتىدا «ئىككىنچى قېتىملىق ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نى ئېتىراپ قىلىش قارار لايىھەسى» توغرىسىدا گۇۋاھلىق ئاڭلاش ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر يىغىنغا فرانسىيەدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، مۇخبىرلار ھەمدە فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار جېلىلىۋا بىلەن گۈلباھار خېتىۋاجى، شۇنداقلا گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق بىلەن ئۆمەر بېكئالى قاتارلىق كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.

گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ناھايىتى قىزغىن شەكىلدە داۋاملاشقان بولۇپ، لاگېر شاھىتلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي جازا لاگېرلىرىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى يىغىن ئەھلىگە ئاڭلىتىپ، ئۇلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. مۇخبىرلار بەس-بەستە سوئاللار سورىغان.

فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىككىنچى قېتىملىق ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نى ئېتىراپ قىلىش قارار لايىھىسى» توغرىسىدا گۇۋاھلىق ئاڭلاش ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 17-يانۋار.
فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىككىنچى قېتىملىق ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نى ئېتىراپ قىلىش قارار لايىھىسى» توغرىسىدا گۇۋاھلىق ئاڭلاش ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 17-يانۋار.

يىغىنغا يەنە فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە چىقىدىغان «دۇنيا گېزىتى»، فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشقان. ئۇنىڭدىن باشقان يەنە نېتفلىكس (NetFlix) فىلىم قانىلى، فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر تور ئارقىلىق ئىشتىراك قىلغان.

ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندى جەمئىيىتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز ئەپەندىمۇ تور ئارقىلىق بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

فرانسىيە سوتسىيال پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئولىۋېر فوغ ئەپەندى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتراپ قىلىش قارار لايىھەسى» ھەققىدە مۇخبىرلارغا چۈشەندۈرۈش بەرگەن. رادىيويىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىدىن سۈبھى يارمۇھەممەت ئەپەندى، تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار توغرىلىق بەرگەن دوكلاتىنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، فرانسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق ئاڭلاش ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىككىنچى قېتىملىق ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نى ئېتىراپ قىلىش قارار لايىھەسى» توغرىسىدا گۇۋاھلىق ئاڭلاش ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان لاگېر شاھىتلىرى دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم بىلەن. 2022-يىلى 17-يانۋار.
فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىككىنچى قېتىملىق ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نى ئېتىراپ قىلىش قارار لايىھەسى» توغرىسىدا گۇۋاھلىق ئاڭلاش ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان لاگېر شاھىتلىرى دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم بىلەن. 2022-يىلى 17-يانۋار.

ئىگىلىشىمىزچە، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش قارار لايىھەسى» 20-يانۋار كۈنى فرانسىيە پارلامېنتىدا ئاۋازغا قۇيۇلدىكەن.

مەلۇمكى، ھازىرغىچە ئامېرىكا ئەنگلىيە، كانادا، گوللاندىيە، لىتۋا،

بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇغان ئىدى. ئەگەردە فرانسىيەمۇ مۇشۇنداق بىر قارارنى چىقارسا، خەلقئار جەمئىيەتتە خىتايغا بولغان بېسىم ۋە قارشىلىقلار يەنىمۇ كۈچىيىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.