دوكتورانت مامۇتجان ئەركىن: ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پۈتۈن ئوقۇغۇچىلار بىلسۇن

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.11.08
qarabuk-uniwersiteti-festiwal-2 تۈركىيەنىڭ قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ساغلاملىق فېستىۋالى» دا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوكتورانتى، د ئۇ ق نىڭ ۋەكىلى مامۇتجان ئەركىن باشچىلىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. 2024-يىلى نويابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا كۈز مەۋسۇمىدا ھەر خىل فېستىۋاللار ئۆتكۈزۈلمەكتە. تۈركىيەنىڭ غەربىي رايونىغا جايلاشقان تۈركىيە بويىچە ئەڭ كۆپ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئوقۇۋاتقان قارابۈك شەھىرىدىكى قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ساغلاملىق فېستىۋالى» ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر فېستىۋالدا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆز دۆلەتلىرىنى تونۇشتۇرغان. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تارىخ فاكۇلتېتى دوكتورانتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى مامۇتجان ئەركىن باشچىلىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار «شەرقىي تۈركىستان» نامىدا مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان.

مامۇتجان ئەركىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 6-7-نويابىر كۈنلىرى قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدا ئۆزىنىڭمۇ مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى شۇنداقلا ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن قىرغىنچىلىقنى ئۇنىۋېرسىتېتىمىزدىكى ھەممە ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، رەھبەرلەر بىلسۇن دەپ بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردۇق ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشتۇق.

بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان رەھبەرلەر، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى قىلىۋاتقان جىنايەتلىرى توغرىسىدا نۇرغۇن سوئال سورىدى. مەنمۇ ئۇلارغا ئەتراپلىق سۆزلەپ بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم.»

تۈركىيەنىڭ قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ساغلاملىق فېستىۋالى» دا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوكتورانتى، د ئۇ ق نىڭ ۋەكىلى مامۇتجان ئەركىن باشچىلىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. 2024-يىلى نويابىر، تۈركىيە.
تۈركىيەنىڭ قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ساغلاملىق فېستىۋالى» دا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوكتورانتى، د ئۇ ق نىڭ ۋەكىلى مامۇتجان ئەركىن باشچىلىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. 2024-يىلى نويابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا 41 مىڭ ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 13 مىڭ 500 نەپىرى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردۇر. بۇ، تۈركىيەدىكى ئەڭ كۆپ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى بار ئۇنىۋېرسىتېت ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە مامۇتجان ئەركىن ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بايان قىلىنغان دوكلات، كىتاب ۋە رەسىملەرنى قويۇپ تونۇشتۇرغانلىقىنى ۋە بۇ توغرىلىق كىشىلەرگە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان بۆلۈمنى قارابۈك ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى، قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلغان. مامۇتجان ئەركىن ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 8-نۆۋەت ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تەتقىقات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋەزىپىسىنى ئالغان. ئۇ، بۇ قېتىمقى فېستىۋالدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىمۇ تونۇشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتى بىلەن تەتقىقات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ پائالىيەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى چىقارغان كىتاب، ژۇرنال ۋە باشقا يازغۇچى، تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ كىتابلىرىنى قويۇش بىلەن بىرلىكتە كۆك بايراق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرنى قويدۇم.»

ئۇ، يەنە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئانچە بىلمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا چەت ئەللىكلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشتا بۇ پائالىيەتنىڭ زور پايدىلىق بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيەنىڭ قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ساغلاملىق فېستىۋالى» دا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوكتورانتى، د ئۇ ق نىڭ ۋەكىلى مامۇتجان ئەركىن باشچىلىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. 2024-يىلى نويابىر، تۈركىيە.
تۈركىيەنىڭ قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ساغلاملىق فېستىۋالى» دا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوكتورانتى، د ئۇ ق نىڭ ۋەكىلى مامۇتجان ئەركىن باشچىلىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. 2024-يىلى نويابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

دادىسى ئۇيغۇر دىيارىدىن تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان، قازاق مىللىتىدىن بولغان قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇللاھ ياقشى ئەپەندى ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان بۆلۈمنى كۆرگەندىن كېيىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىدە دوكتورانتىمىز مامۇتجاننىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى تەبرىكلەيمەن. مەن ئەسلى شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. مەن بۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشىنى تىلەيمەن.»

ئۇيغۇر كۆرگەزمىسىنى ئايلانغان قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى ئوقۇتقۇچىسى يۇلىيا بەلىتىسكا خانىم تەسىراتىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلمىنى بىلىمەن. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيمەن شۇنداقلا تۈركىيە ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىشىنى تىلەيمەن.»

تۈركىيەنىڭ قارابۈك شەھىرىدىكى قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا 105 دۆلەتتىن كەلگەن 13 مىڭ 500 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ئاز بولسىمۇ 4-5 يىلدىن بۇيان مامۇتجان ئەركىننىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 5 قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلغان. 3 قېتىم فېستىۋالدا مەخسۇس بۆلۈم ئېچىلىپ ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.